​قومۇل- چۇڭچىڭ 800±كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە لىزىۋەن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى
21:45:39 2023-08-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3- يولى قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى

ما شىڭرۇي، يۈەن جياجۈن، شىن باۋئەن، يۈ بىڭ ئىش باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، خۇ خېڭخۇا، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى

8- ئاينىڭ 8- كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ۋە چۇڭچىڭدا ماس قەدەمدە قومۇل- چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە لىزىۋەن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شىن باۋئەن ئۈرۈمچىدە تۈردە ئىش باشلاش قوزغىتىش شارىنى بىرلىكتە باسماقتا. ئاناربۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 8- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ۋە چۇڭچىڭدا ماس قەدەمدە قومۇل- چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە لىزىۋەن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزدى، بۇ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3- يولى قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شىن باۋئەن، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈ بىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى خۇ خېڭخۇا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

 قومۇل- چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ «14- بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن 102 تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇشنىڭ بىرى، ئۇ شىنجاڭ قومۇل شەھىرىنىڭ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ يۈبېي رايونىدا ئاياغلىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2290 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ، گەنسۇ، شەنشى، سىچۇەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن ئۆتىدۇ، لايىھەدىكى توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 8 مىليون كىلوۋات. بۇ تۈر «14- بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان بولۇپ، شۇ چاغدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى 33 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە چېڭدۇ- چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىدە شىنجاڭغا كۈچلۈك ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، تۈرنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: قومۇل- چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ كۆلىمى زور، يۈرۈشلەشكەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىپ پايدىلىنىشى ۋە كەڭ دائىرىدە تەقسىملەپ ئىشلىتىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش بازىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ- چۇڭچىڭ ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. شىنجاڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق» ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى ۋە چۇڭچىڭ شەھىرى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

 يۈەن جياجۈن چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ مەدەت بەرگەنلىكىگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى ئورۇندىن تۈرتكە بولغانلىقىغا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پائال مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلغانلىقىغا، گەنسۇ، شەنشى، سىچۇەن قاتارلىق قېرىنداش ئۆلكىلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ماسلىشىپ قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان قۇرۇلۇشچىلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. يۈەن جياجۈن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلاش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپى ۋە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، زامانىۋىلاشقان يېڭى چۇڭچىڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئېلېكتىر تورى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، چېڭدۇ- چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىرىنى يولغا قويۇشقا، چۇڭچىڭنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا پايدىلىق. «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلاش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى شىنجاڭ- چۇڭچىڭ ھەمكارلىقىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىسى بولۇپ، چۇڭچىڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، بۇ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، زامانىۋىلاشقان يېڭى چۇڭچىڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا چۇڭچىڭ كۈچىنى قوشىمىز.

 شىن باۋئەن مۇنداق دېدى: قومۇل- چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە لىزىۋەن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت. ئىككى تۈرلۈك قۇرۇلۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، چېڭدۇ- چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇش، ئېنېرگىيەنىڭ پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە كۈچ قوشىدىغان سىياسىي تەدبىر قۇرۇلۇشى بولۇپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، يېڭىلىق يارىتىش تەلىپى يۇقىرى. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بارلىق قۇرۇلۇشچىلارنىڭ بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش، نادىر قۇرۇلۇش بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى بۇرچ، مەسئۇلىيەت، چوڭقۇر دوستلۇق ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋىلاشقان يېڭى چۇڭچىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

 يۈ بىڭ مۇنداق دېدى: ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان توك يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيەدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. قومۇل- چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قومۇل چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، بۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن چۇڭچىڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى قۇملۇق، قاقاسلىق، چۆللۈك رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، داۋاملىق شىنجاڭ- چۇڭچىڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى، پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى قاتارلىقلارنى سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

 8- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى شىن باۋئەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولىنى پىلانلاش، قۇرۇشنى تېزلىتىش، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

 چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، خا زېڭيوۋ، ياڭ شيۇلى يىغىنغا ياكى سۆھبەتكە قاتناشتى. چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن چېن شىنۋۇ، جياڭ دۈنتاۋ، خۇارۈن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شياڭمىڭ، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى يې شياڭدۇڭ ۋە ئالاقىدار مەركەز كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پەن جىڭدۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار رايون، ناھىيەلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭ- چۇڭچىڭ ئىككى جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا ئۈرۈمچى، چۇڭچىڭ، شىنجاڭ بارىكۆل توك ئايلاندۇرۇش پونكىتى، چۇڭچىڭ يۈبېي توك ئايلاندۇرۇش پونكىتى، لىزىۋەن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئىبارەت بەش يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125