ئانار بۇلۇت ساغلاملىق ھەمراھى| بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ئانىغا ۋە بالىغا قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
15:52:55 2023-08-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانا سۈتى بوۋاقلارنىڭ تۇنجى تەبىئىي ۋاكسىنىسى بولۇپ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئارقىلىق، بوۋاقلار ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى، پىسخىكا ئېھتىياجى ۋە ئىممۇنىتېت ئېھتىياجىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنداقتا، ئانا سۈتىنى توغرا ئېمىتىش ئانىلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر دەرسلىك.

 تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %22 تۆۋەنلىتىدىكەن، ئانا سۈتى ئىگە بولغان ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى بوۋاقلارنىڭ Ⅱ تىپلىق دىئابېت كېسىلى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %37 تۆۋەنلىتىدىكەن، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاق ئەقلىي ئىقتىدار سىنىقىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4.9 نومۇرغا ئېرىشكەن، ئالتە ئايلىقتىن 24 ئايلىققىچە ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا چىڭ تۇرغان ئانىنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %25كە تۆۋەنلىگەن، تۇخۇمدان راكى ۋە بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %11تىن %25كىچە تۆۋەنلىگەن.

 ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئىزچىل تۈردە بوۋاقلارنى بېقىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بوۋاققا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟ نۆل - ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنى نېمە ئۈچۈن مەخسۇس ئانا سۈتى بىلەن بېقىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؟ بالا قانچە ياشقا كىرگەندە سۈتتىن ئايرىلسا بولىدۇ؟

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى زۇلپىيە ئابلىكىم ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.


 مۇخبىر: گۈلجەھرە قاھار

 نازارەتچى: ئابدۇكېرەم سىتنىياز

 باش نازارەتچى: دولقۇن مەمەت

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125