جۇڭخۇالۇن
«بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك» − باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل 6- ئايدا ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.
ھازىر، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە روشەن ئالاھىدىلىكى.
پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىنى ئەسلىسەك، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭگۈشتەرى. قىزىل كېمىدە يولغا چىقىشتىن غايەت زور پاراخوتقا يول باشلاشقىچە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا تۈزۈلگەن ۋە ئىجرا قىلىنغان توغرا لۇشيەن ۋە فاڭجېن، سىياسەتلەر پارتىيەمىزنى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلقنى يېتەكلەپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، قانداق قىلغاندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەردىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يېڭى دەۋردە قايتىدىن نۇرلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ دەۋر ۋە خەلق كوممۇنىستلارنىڭ يېڭى جاۋابىنى كۈتمەكتە.
( 1 )
«خىزمەت ئورنىڭىزدا ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز گاز چىراغمۇ، كىرسىن چىراغمۇ ياكى باشقا يورۇتۇش ئۈسكۈنىسىمۇ؟»
«ماشىنىنى مەخسۇس ئىشچى ياللاپ سۈرتەمسىلەر ياكى ماشىنىنى ئىشلىتىدىغان ئىشچىلار خىزمەت كۈنىدە ھەقسىز سۈرتەمدۇ؟»
«كېچىدە ئىشلەمسىلەر- ئىشلىمەمسىلەر؟»...
بۇ، 140 نەچچە يىل ئىلگىرى، ماركس فىرانسىيە ئىشچىلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۈزگەن «ئىشچىلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش جەدۋىلى»دىكى سوئاللار بولۇپ، ھەربىر سوئال ئىنتايىن كونكرېت، ئاممىغا ناھايىتى يېقىن ئىدى.
خۇددى ماركس ئېيتقاندەك: «جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم بۇ جەمئىيەتنى ئاغدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ ۋە بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ ھۆججەت- ئەسەرلەردىكى ئىپادىسىنى تېخىمۇ چۈشەنمەيدۇ.» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماركسىزم كىلاسسىك يازغۇچىلىرىنىڭ دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم ئۇسۇلى. ماركسىزم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، شۇنداقلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز راۋاجلانغان.
«كاپىتال»نى يېزىش ئۈچۈن، ماركس 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، ئىقتىسادشۇناسلىققا دائىر 2000 پارچىدىن كۆپرەك ئەسەرنى ئوقۇغان، 4000 خىلدىن ئارتۇق گېزىت- ژۇرنالنى توپلىغان، يەنە دائىم زاۋۇت، يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئېنگېلس 21 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئەنگلىيەدە كەڭ ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، زاۋۇت، كان ۋە ئىشچىلار ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئىشچى، دوختۇر، ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلار بىلەن كەڭ دائىرىدە دوستلىشىپ، زور مىقداردا بىرىنچى قول ماتېرىيال توپلاپ، «ئەنگلىيەدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەھۋالى» دېگەن ئۆچمەس ئەسەرنى يېزىپ چىققان.
پارتىيەمىزنىڭ تارىخىنى ئېچىپ كۆرسەك، كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرغۇن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تەسىرى چوڭقۇر بولغان نۇرغۇن مۇھىم، زور تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر، پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن كەلگەن. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە پارتىيەمىز باسقان ھەربىر قەدەمدە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ئايلاندۇردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنى پارتىيەنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندۇردى.
«قىزىل بايراقنى زادى قاچانغىچە كۆتۈرگىلى بولىدۇ» دېگەن گۇمانغا قارىتا، يولداش ماۋ زېدۇڭ مەۋقەنى جۇڭگو زېمىنىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، «جۇڭگونىڭ قىزىل ھاكىمىيىتى نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى» دېگەن مۇھىم، زور مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، «ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ» دېگەن ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتتى.
«يېڭى دۇنيا قۇرۇش» تېمىسىغا قارىتا، پارتىيەمىز كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ، شۇنداقلا توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى، پارتىيە خەلقنى يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا ئۆزىگە خاس بولغان نەزەرىيە نەتىجىلىرى ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.
«قانداق سوتسىيالىزم قۇرۇش، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش» دېگەن دەۋر سوئالىغا قارىتا، پارتىيەمىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي تەدبىرنى چىقىرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئاچتى.
يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پارتىيەمىزنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئاساسى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى مۇھىم يولى، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم ئۇسۇلى، ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم ھالقا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ 1- ماددىسى «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش»تىن ئىبارەت. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىن «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىگىچە، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگىچە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىگىچە، ھەربىر قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ھەممىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەش مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندى.
پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سالساق، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئېنىق كۆزىتىشتىكى «تېلېسكوپ»، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ»، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتىكى «ئۇل قوزۇق»، ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى «بىلەي تېشى». قاچانكى پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ خىزمەت تەدبىرى ۋە يېتەكچى فاڭجېنى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغاندا، پارتىيەنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق راۋاجلاندى.
يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى چوڭقۇر قىلىپ: «جۇڭگو ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ غەلىبىسى جۇڭگولۇق يولداشلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشىگە باغلىق» دەپ كۆرسەتكەنىدى. قانداق قىلغاندا «جۇڭگونى چۈشەنگىلى بولىدۇ»؟ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش باشتىن- ئاخىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساس قىلغان. يولداش ماۋ زېدۇڭ «تەكشۈرمىگەنلەرنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق» دېگەن مۇھىم، زور تېمىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى «مەڭگۈلۈك، تۈپ خىزمەت ئۇسۇلى قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەنگىچە، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭگۈشتەرى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت» دەپ چوڭقۇر ھۆكۈمنى چىقارغانغىچە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتا چىڭ تۇرۇش، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تەتبىقلاپ، ئەمەلىيەت داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ئىجادىي ھەل قىلىشنىڭ ھەممىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل» ئىكەنلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق شىفىرى.
( 2 )
باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا- قايتا چوڭقۇر ھەم پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولدى. گۇاڭدۇڭدا كارخانا، پورت، يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشچىلار، دېھقانلار، كارخانىچىلار، پەن- تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، گۇاڭدۇڭنىڭ قانداق قىلىپ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىش»ى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى؛ خېبېيدا، ئىش ئورۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، پورتلارنى كۆردى، مەھەللىلەرگە كىردى، خەلق تۇرمۇشىنى ئىگىلىدى، ئىككى مەيدان سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى؛ بېيجىڭدا جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى ۋە جۇڭگو تارىخ تەتقىقات ئورنىنى كۆزدىن كەچۈردى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى؛ ئىچكى موڭغۇلدا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونى، ئورمانچىلىق مەيدانى، سۇچىلىق تارماقلىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى؛ جياڭسۇدا سانائەت باغچە رايونى، كارخانا، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى، ئىلىم- پەن تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «ئىقتىسادى كۈچلۈك، خەلقى باي- باياشات، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەت مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى» بولغان يېڭىچە جياڭسۇنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈشىنى پىلانلىدى؛ سىچۇەندە گۇاڭيۈەن، دېياڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېڭى دەۋردە سىچۇەننى ئىدارە قىلىش، گۈللەندۈرۈشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەربىر قېتىملىق جانلىق ھەم چوڭقۇر بولغان «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دەرسى» ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى قىلىپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، پۇختىلىدى.
ئەمەلىيەت ئەڭ جانلىق دەرسخانا، ھەرىكەت ئەڭ كۈچلۈك ئۈلگە. دابيېشەن تاغلىق رايونىدىن چىنلىڭ- داباشەن تاغلىق رايونىنىڭ مەركىزىي رايونىغىچە، خۇاڭخې دەرياسى ساھىلىدىن چاڭجياڭ دەرياسى بويىغىچە، زاۋۇت، كان، كارخانىلاردىن ئېتىز باشلىرىغىچە، كوچا- كويلاردىن ئادەتتىكى ئائىلىلەرگىچە... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىزلىرى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ھەممە يەرنى قاپلىدى. قار- شىۋىرغانغا قارىماي، پاتقاق كېچىپ، ھال- ئەھۋال سوراپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ياخشى تەدبىر تاپتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇشقا شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش ۋە خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى روشەن ئالاھىدىلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىشى، راۋاجلىنىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.
نېمە ئۈچۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز؟ قانداق قىلغاندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ؟ يول بويى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ئويلاندى، يىراقنى كۆردى، ئەمەلىي تۇتتى: مۇھىملىقى توغرىسىدا توختالغاندا «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى» دەپ كۆرسىتىپ، «توغرا تەدبىر بەلگىلەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشمۇ ئوخشاشلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى؛ مېتودولوگىيە ئۈستىدە توختالغاندا، «خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، خەلقتىن ئۆگىنىش»نى تەلەپ قىلىپ، «دىيالېكتىك ماتېرىيالىزمنى ئۆگىنىش ۋە تەتبىقلاش» «قۇشقاچنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى دەل جايىدا، تولۇق ئىگىلەش» «ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرۈشكە ماھىر بولۇپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى، زىددىيەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش»نى تەكىتلىدى؛ تەكشۈرۈش ئۆلچىمى توغرىسىدا، «جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەش- ئىگىلىيەلمەسلىك، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش- قىلالماسلىققا قاراش كېرەك» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ياخشىلاشقا قارىتا، «ھەم ئاساسىي قاتلامغا <چوڭقۇر چۆكۈش>، تېخىمۇ مۇھىمى ئاساسىي قاتلامغا <رىشتە باغلاش كېرەك>» دەپ كۆرسىتىپ، «ئۆزىنى كۆرسىتىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەشتەك مەنزىرىسى شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يۈزەكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ» «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى؛ خىزمەتنىڭ ئۇزاق ئۈنۈمىنى كۆزلەش توغرىسىدا، «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، «ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، دائىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، ئىچكى خاس مەزمۇنى، يولى، ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، پارتىيەمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ئونمىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى باستى، ئۇلۇغۋار پىلانلارنى كۆڭلىگە پۈكتى. خۇنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا تۇنجى قېتىم «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، جياڭسۇدا تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا تۇنجى قېتىم «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، گۈيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش» ئاساسىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش... يېڭى دەۋردە قوللىنىلغان بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر، ئالغا سىلجىتىلغان بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتلەر، ئىشقا ئاشۇرۇلغان بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسىگە باش شۇجىنىڭ ھەربىر قېتىملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا سىڭگەن قان- تەرى ۋە ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەمەلىيىتى، كوممۇنىستلارنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك قىممەتلىك خىسلىتىنى نامايان قىلدى، خەلققە رىشتە باغلاش، خەلققە بەخت يارىتىشتەك چوڭقۇر ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈردى، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتەك يۈكسەك ئەقىل- پاراسىتىنى گەۋدىلەندۈردى.
ماركس: «نەزەرىيەنىڭ بىر دۆلەتتە ئەمەلگە ئېشىش دەرىجىسى ھامان نەزەرىيەنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش دەرىجىسىگە باغلىق بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ھاللىق سەۋىيە بەرپا قىلىش، يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىپ، ئېغىر ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، كىرىزىسنى تۈگىتىش... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو خەلقى نۇرغۇنلىغان قىيىن ئۆتكەل، خەتەرلىك توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، نۇرغۇنلىغان جاھان مۆجىزىلىرىنى ياراتتى! ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھەم مەۋقەنى رېئال جۇڭگوغا قويغان، ھەم تارىختىكى جۇڭگودا يىلتىز تارتقان، ئۇ زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21- ئەسىردىكى ماركسىزم، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى، ئاممىغا يېقىنلاشقان، ئىللىق بولغان، خەلقنىڭ قەلبىنى ئۇتىدىغان ئىلمىي نەزەرىيە بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
بىر مىللەتنىڭ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىدا، نەزەرىيەۋى تەپەككۇر بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، توغرا ئىدىيە يېتەكچىلىكى بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولساقلا، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى كۈچكە ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
( 3 )
«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانچە چوڭقۇرلاشتۇرغانسېرى، قەلبىمىز ۋە كۆزىمىز شۇنچە روشەنلىشىدۇ، زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى شۇنچە ھېس قىلالايمىز» «ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ يولۇققانلارنىڭ ھەممىسى مەسىلە، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى چارە» «ئاممىغا يېقىن بولغاندىلا ئاندىن ئەمەلىي تەدبىر چىقارغىلى بولىدۇ»... نۇرغۇنلىغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تەسىراتى يەنە بىر تەرەپتىن بىزگە شۇنداق ئىلھام بەردىكى، ئەڭگۈشتەرنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، يېڭى مۇساپىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، يېڭى دەۋردە پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.
دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا يارىتىلىپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئەمەلىيەتكە تۈرتكە بولۇش جەريانىدا قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى. پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بۇ ئىدىيەدىكى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەر، ئىلمىي سىستېمىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى تەتبىقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئورتاق ھالدا پارتىيەنى ھەممە جەڭدە غەلىبە قىلىدىغان يېڭىلمەس بىر پارچە قاتتىق پولات قىلىپ تاۋلاپ چىقىشىغا پايدىلىق.
«بىلىش ۋە چۈشىنىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت ۋە ئەمەلىيەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ.» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشقا ئېرىشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەنبەسى. پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بوران- چاپقۇن، سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسى. بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىش مۇقەررەر ھالدا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش تەس بولغان ھەر خىل جاپا- مۇشەققەت، توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلمىي تونۇپ، جۇڭگونىڭ سوئالىغا، دۇنيانىڭ سوئالىغا، خەلقنىڭ سوئالىغا، دەۋرنىڭ سوئالىغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، بوران- چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران- چاپقۇننىڭ ئېغىر، زور سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى چارىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئېھتىياجلىق.
چوڭنىڭ چوڭ بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بار، چوڭنىڭ يەنە چوڭ بولۇشتەك قىيىنچىلىقىمۇ بار. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەمىز 98 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىغا، 5 مىليوندىن كۆپرەك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىگە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلاندى. پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاش، «قانداق قىلىپ باشتىن- ئاخىر ئالتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»قا جاۋاب بېرىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى. چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، مەسىلىنى ئېنىقلاپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش ۋە ئىجادچانلىققا باي بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتسا، يوپۇرماق باراقسان ئۆسىدۇ؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەندە، ئۇنىڭدىكى داۋلىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. ئەمەلىيەت ھەقىقەتنىڭ ئاساسى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇل تېشى. قانچىكى چوڭقۇر، پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانسېرى، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى شۇنچە ساقلىغىلى، ئېسىل ئىستىل يېتىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى شۇنچە ئۇرغۇتقىلى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنى شۇنچە پۇختا ئىگىلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان قالتىس جاۋاب قەغىزى تاپشۇرغىلى بولىدۇ.
( 4 )
جېجياڭنىڭ خاڭجوۋ شەھىرى فۇياڭ رايونى پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ «كۈندۈزى كارخانا تۈرلىرىنى زىيارەت قىلىش + كېچىدە ئامما، كادىرلار بىلەن سۆھبەتلىشىش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ جياڭشىنىڭ شىڭگو ناھىيەسى «دائىرە بويىچە ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى» قۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ خەلق ئەھۋالى، خەلق رايىنى توپلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئىشلارنى ياخشى بېجىردى؛ چىڭخەي «كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ كۆلەمدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، كەڭ كۆلەمدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش»نى قانات يايدۇرۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، شارائىتى جاپالىق جايلارغا بېرىپ، تەدبىر ۋە تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى؛ يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى تۈركۈم بويىچە پارتىيەلىك كادىرلارنى 650تىن ئارتۇق ناھىيەگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى، دۇچ كەلگەن نۇقتىلىق، قىيىن ۋەزىپىلەر ۋە ئاچقۇچلۇق تەخىرسىز مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق رەتلەشكە ئەۋەتتى... باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار بەس- بەستە ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىش كېرەك، ئاممىنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇش ئاسان، ئاممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىش قىيىن. چىن قەلب، چىن ھېسسىيات ئارقىلىق كادىرلار- ئامما قەلبداشلىق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ياخشى سىردىشى بولۇش كېرەك. «ھەقىقىي تۈردە پۇقرالار تەرەپتە تۇرۇپ»، بىر- بىرى بىلەن يېقىن ئولتۇرۇپ، سىردىشىپ ۋە پاراڭلىشىپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ئاممىنىڭ ساداسىغا سەمىمىي قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاممىنىڭ دەردىگە چىن ھېسسىيات بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، پۇقرالار ئۈچۈن سۆزلەپ، پۇقرالار ئۈچۈن ئىش قىلغاندىلا، ئاندىن باشتىن- ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلىگىلى بولىدۇ. «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» بولۇشقا رازى بولۇپ، ئاممىدىن تەلىم ئېلىپ، خەلقتىن تەدبىر سوراپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «ھەقىقىي بىلىمى» «ياخشى چارىسى»نى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئالغاندىلا، ئاندىن خەلق رايىنى تېخىمۇ ياخشى كۆزىتىپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى توپلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى توغرا تونۇشقا ئايلاندۇرغىلى، پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش- ئىزدىمەسلىك، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە جۈرئەت قىلىش- قىلالماسلىق پەقەت بىلىش سەۋىيەسى مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى پارتىيەۋىلىك مەسىلىسىدۇر. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتە، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان جاسارەت، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان ئىنتىلىش، خاتالىقنى تۈزىتىدىغان شىجائەت بولۇشى كېرەك. ھەم «كاتتا بىنالار، ھەشەمەتلىك ئىمارەت»لەرنى كۆرۈپ، ھەم «كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان خالتا كوچا»لارنىمۇ كۆرۈپ، يىراق- يېقىننىڭ ھەممىسىگە بېرىپ، ياخشىلىرى، ناچارلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ماختىشى ۋە تەنقىدىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سېلىپ، بىرنى بىر، ئىككىنى ئىككى دەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن راست گەپنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر تۈزۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانى ۋە نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي، ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن «كىتابقىلا ئېسىلىۋالماسلىق، يۇقىرىغىلا ئېسىلىۋالماسلىق، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى ئوبرازلىق قىلىپ: «تەكشۈرۈش خۇددى <ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈش>كە، مەسىلىنى ھەل قىلىش خۇددى <يەڭگىش>كە ئوخشايدۇ. تەكشۈرۈش دەل مەسىلىنى ھەل قىلىش دېمەكتۇر» دېگەن. مەسىلىنى بايقاش- بايقىيالماسلىق، مەسىلىنى ھەل قىلىش- ھەل قىلالماسلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتىكى سىنتاش. دىققەتنى تەرەققىيات ئېھتىياجى، ئىسلاھات تەققەزاسى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسى، خەلق رايىنىڭ مايىللىقىغا دائىر مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر ھالقا- بىر ھالقىدىن چىڭىتىپ، بىر بولقا- بىر بولقىدىن ئۇرۇپ، كىچىك غەلىبىلەرنى توپلاش ئارقىلىق چوڭ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەربىر «مەسىلە تىزىملىكى»نى «نەتىجە تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىرادە تىكلىگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن ئۆزىنى چەتكە ئالمىغانلار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا، «كىچىك ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ ئايلىنىپ، ئەينەكتىن قارايدىغان» «ساختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ، يەنە «ئىشىك ئالدى» ۋە «كۆزنەك»نى كۆپ كۆرىدىغان، «ئارقا ھويلا» ۋە «بۇلۇڭ- پۇچقاق»نى ئاز كۆرىدىغان «يۈزەكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ، «قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئايلىنىپ ماڭىدىغان، زىددىيەتكە دۇچ كەلگەندە بۇرۇلۇپ ماڭىدىغان» «تاللاش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، جەزمەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «قول كۆيدۈرىدىغان مەسىلە»لەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، «قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش»قا ماھىر بولۇپ، قىيىنچىلىق كۆپ، ئاممىنىڭ پىكرى مەركەزلەشكەن، خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتالمىغان جايلار ۋە ئورۇنلارغا كۆپرەك بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ۋە ئىلمىي يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. «بىر ئېغىز گەپنىمۇ ئەمەلدە كۆرسىتەلمىسە، تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇغان بىلەنمۇ بىكار.» تەكشۈرۈش كۆپ، تەتقىق قىلىش ئاز بولۇش، ئەھۋال كۆپ، تەھلىل قىلىش ئاز بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، يەڭنى تۈرۈپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، تىرىشىپ «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلەش كېرەك، «تاغنى كۆرۈپلا تاغ دېۋېلىش»قا، «سۇنى كۆرۈپلا سۇ دېۋېلىش»قا بولمايدۇ، «بىر تال يوپۇرماق بىلەن كۆزنى ئېتىۋېلىپ، ئومۇمىي قىياپەتنى كۆرمەسلىك»كە، «ئەما كىشىنىڭ پىلنى سىلىشى»دەك ئىش قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. سىستېما تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ۋەزىيەت بىلەن قىسمەنلىكنىڭ، ھازىر بىلەن ئۇزاق مەزگىلنىڭ، ماكرو بىلەن مىكرونىڭ، ئاساسلىق زىددىيەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان زىددىيەتنىڭ، ئالاھىدە بىلەن ئادەتتىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. بەزىدە، بەزى ئىشلاردا قايمۇقۇپ قالماي، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلاردىن قورقۇپ قالماي، تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
( 5 )
جىڭگاڭشەندىكى ياپيېشىل بامبۇكلار بۈك- باراقسان ئۆسمەكتە، شېنجېندىكى «چيەنخەي تېشى» مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، شيۇڭئەن گاۋتيې ۋوگزالىدىكى «مىڭ يىللىق چاق» توختىماي ئايلانماقتا...
تارىخنىڭ زامان- ماكان بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مەڭگۈلۈك قەدەم ئىزلىرىنى ئىزدەش. ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ئاتلىنىش سىيماسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنىڭ شانلىق نۇرىنى چاقناتتى.
بۈگۈن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى بۈيۈك جۇڭگو زېمىنىدا ئاستا- ئاستا يېيىلدى. جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ قەلبىگە خەلقنى پۈككەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش ئىشەنچى تېخىمۇ يېتەرلىك، ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى تېخىمۇ كۈچلۈك، يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىش ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەم!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى)