«كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
10:27:55 2023-08-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد ساھەسى ۋە دۆلەت مۈلكى كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ساھەسىنىڭ باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئايرىم- ئايرىم ئېچىلدى

 «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، ۋاڭ نا) يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد ساھەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكى كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ساھەسىنىڭ باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئايرىم- ئايرىم ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، تەجرىبە- ئۇسۇللار ئالماشتۇرۇلدى، ھەمتۈرتكىلىك سوئال- جاۋاب قانات يايدۇرۇلدى، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شاۋ لىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گاڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى ياخشى ئىشلەپ، كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت مۈلكى كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاس، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى زامانىۋى شىركەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ماس تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كۈچەپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك؛ خەۋپ- خەتەر تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، دۆلەت مۈلكى بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەشكەن كارخانىچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. «تۆت خاھىش»نى قىلچە توختاپ قالماي تۈزىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125