خەلق ئۈچۈن قىلىپ بېرىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىش كېرەك
11:29:11 2023-08-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (17)

شىن شىجيەن

پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش − پارتىيەمىزنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى. ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، «ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلققە بەخت يارىتىش»مۇ يەتمەكچى بولغان كونكرېت نىشانلارنىڭ بىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەش كېرەك». خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، يەنە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى.

خەلق ئۈچۈن قىلىپ بېرىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىشتا، خەلقنىڭ ساداسىغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «ھاكىمىيەتنىڭ گۈللىنىشى خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىشتا، ھاكىمىيەتنىڭ ھالاك بولۇشى خەلقنىڭ رايىغا باقماسلىقتا.» شىنجاڭنىڭ ئۇزاققىچە ئىناق، مۇقىم بولۇشنى ساقلىشىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، كىشىلەر قەلبى ئەڭ چوڭ سىياسىي. باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشتا، تېخىمۇ مۇھىمى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلانغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، ئىناق - ئېجىل بولۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى بىرىنچى سىگنال، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى تاللاش، ئاممىنى رازى قىلىشنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ خەلق رايىنى كۆزىتىپ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش داۋامىدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىش داۋامىدا، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقچىللىق ھېسسىياتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن 18 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان، ئامما رازى بولىدىغان خەلق رايى قۇرۇلۇشى قىلىپ بېجىرىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. 

خەلق ئۈچۈن قىلىپ بېرىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىشتا، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، سىجىل كۈچەش كېرەك. «ئۆيدىن يامغۇر ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئۆيدىكىلەر بىلىدۇ، سىياسىيدا سەۋەنلىك كۆرۈلگىنىنى خەلق بىلىدۇ.» ئاممىنىڭ ئىشى كونكرېت، ئەمەلىي بولىدۇ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئامما ئارىسىغا بېرىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ رېئال قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قانچە ھەقىقىي، قانچە چوڭقۇر بولسا، ئىگىلىگەن ئەھۋاللار شۇنچە ئېنىق، شۇنچە ئىنچىكە بولىدۇ، يولغا قويۇلغان تۈرلەر شۇنچە كونكرېت، شۇنچە ئەمەلىي بولىدۇ. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشتا، ئالدى بىلەن دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، دىققەت قىلىدىغان خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا كۆپرەك چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالاقىلىشىش نۇقتىلىرىغا كۆپرەك چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالاقىلىشىش ئائىلىلىرىگە كۆپرەك چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىپ، ئىلتىماس - تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتىلارنى ئېنىق ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتىلارنى ئېنىق ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىدىكى ئاغرىق نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى، ئەجەللىك يېرىنى ھەقىقىي تۈردە توغرا تېپىش كېرەك. ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي ئىشلاردىن بىرنى قىلسا، شۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ھاۋالىلىك بېقىش، تۇرالغۇ، ياشانغانلار كۈتۈنۈشى، مۇھىت قوغداش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى جەزمەن ئېنىق رەتلەپ، ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۈر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەممە ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەممە ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

خەلق ئۈچۈن قىلىپ بېرىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىشتا، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. لەنكاۋ ناھىيەسىدە قۇم - بوران ئاپىتىنى تىزگىنلەشتە بارلىق كۈچىنى ئايىماي، بارلىقىنى بېغىشلاپ، ھاياتىنى تەقدىم قىلغان جياۋ يۈلۇدىن دۇڭشەن ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان، بوران - چاپقۇنغا باش ئەگمەي، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەن، پۇشايمان قىلمىغان گۇ ۋېنچاڭغىچە؛ دالياڭشەن تېغىدىن ئىبارەت بۇ بوستانلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، خەلق ئۈچۈن بەخت ياراتقان ياڭ شەنجوۋدىن ئاممىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالغان، تىرىشچان - ئەمەلىيەتچىل بولغان، پاك - دۇرۇس بولغان لياۋ جۈنبوغىچە، سانسىزلىغان مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «مەنپەئەت قوغلاشقاندا، پۈتكۈل ئاۋامنىڭ بۈيۈك مەنپەئىتىنى قوغلىشىش، نام قازىنىشنى كۆزلىگەندە، ئەۋلادمۇئەۋلاد تارقىلىدىغان بۈيۈك نامنى كۆزلەش»تىن ئىبارەت ئىنقىلابىي نام - ئاتاق قارىشى بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى، ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىش - قىلالماسلىق، ئاممىنى ھەقىقىي رازى قىلىش - قىلالماسلىقتا ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەزمەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوي - پىكرى ۋە زېھنىنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش، ياخشى ئىش قىلىشقا، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا كۆپرەك قارىتىپ، ئەمەلىيەتنىڭ، تارىخنىڭ ۋە ئاممىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلاردا ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار كۆپ بولىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا سەۋرچان، چىدامچان بولۇش، ھەرقانداق ئىشتا چوڭقۇرراق ئويلىنىپ، ئىنچىكىرەك ئويلىنىپ، قەدەمنى كۆپرەك ئېلىپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئۇزاق مەزگىلنى كۆزلەپ، يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك، كۆرۈنۈشكە چىرايلىق، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىشلارنى قىلىپ پۇقرالارنى ئالدىماسلىق، تېخىمۇ مۇھىمى «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» «ھەممىنى بىراقلا يوققا چىقىرىش» بىلەن شۇغۇللانماي، جەزمەن ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ھەربىر خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125