− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە(18)
شىن شىجيەن
ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى باشتىن- ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى، باش تېما تەربىيەسىدە بېكىتىلگەن خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 18 مۇھىم، زور ئەمەلىي ئىشنىڭ ھەممىسى خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلق قەلبى، خەلق رايىغا تۇتاشقان، بۇلارنىڭ ياخشى قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقى، ئەمەلىي بولغان- بولمىغانلىقى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، پۈتكۈل باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىگە مۇناسىۋەتلىك.
ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىشنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى «سىنتاش» قىلىشتاچىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىدۇ، پۇقرالار ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلغانلىقىنى سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىدۇ.» باش تېما تەربىيەسىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «سىياسىي نەتىجىنى كىم ئۈچۈن يارىتىش، قانداق سىياسىي نەتىجە يارىتىش، سىياسىي نەتىجىنى نېمىگە تايىنىپ يارىتىش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور مەسىلىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسىي ئىقتىدار، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلغان- تۇرغۇزۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشتە، يەنە جەزمەن ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن قول سېلىشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشنى خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق خىزمەتنىڭ سۈپىتىنى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، تارىخنىڭ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھەقىقىي رازى قىلىشى كېرەك.
ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىشنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ «بارومېتىرى» قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى، جەزمەن ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشتا جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئۆزىگە تەتبىقلاپ، تەرەققىياتتىكى توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى چىڭ كۆزلەپ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش تۈرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش- سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئېكولوگىيە- مۇھىت قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى، يېتەرسىزلىكلەرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش كېرەك. خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ كاپالىتى، جەزمەن تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەۋپسىزلىك ئىدىيەسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىشنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇشتىكى «يېپىشتۇرغۇچ» قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 18 ئەمەلىي ئىشنىڭ ھەربىرى خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەربىرى خەلق رايى، خەلق قەلبىگە باغلانغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باشتىن- ئاخىر تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ باراۋەر مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىشتا، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى تولۇق ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، جېجياڭنىڭ «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبە- مىساللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، مېھىر- مۇھەببەت، ئىللىقلىق بىلەن ھەقىقىي تۈردە ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كوچا- كويلارنى زىيارەت قىلىپ، «كىچىك ئورۇندۇق»تا ئولتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، چىن قەلب، سەمىمىي نىيەت بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ھەرقانداق ئالىي شان- شەرەپ ئاممىنىڭ ئالقىشىغا يەتمەيدۇ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ بەرگەن- بەرمىگەنلىكتە پۇقرالار ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەزمەن نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشى، ئۈنۈم يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش- بولماسلىقىنى ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، ئامما باھالاش، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى يىلدىن- يىلغا تېخىمۇ ياخشىلاپ، تۇرمۇشىنى يىلدىن- يىلغا تېخىمۇ باياشات قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ كىشىلەر قەلبى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.