تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرايلى
23:18:15 2023-08-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە(19)

شىن شىجيەن

باش تېمىنى بېكىتىپ مۇناسىپ لايىھە تۈزۈش، خەۋەر قىلماي بىۋاسىتە نەق مەيدانغا بېرىش، تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىش، مەسىلىلەرنى رەتلەپ ياخشى چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش... باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى. ئىنقىلاب يىللىرىدا، ئەينى چاغدىكى جۇڭگودىكى باي دېھقانلار مەسىلىسى ۋە سودا ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، يولداش ماۋ زېدۇڭ بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر، سودىگەرلەر بىلەن چوڭقۇر سىردىشىپ، زور مىقداردىكى بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەپ، 80 مىڭ خەتتىن ئاشىدىغان «شۈنۋۇنى تەكشۈرۈش»نى بارلىققا كەلتۈردى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، «ھاللىق جەمئىيەت» توغرىسىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يولداش دېڭ شياۋپىڭ كۆپ قېتىم دېڭىز بويى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى... تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرا ھەم ئېنىق چۈشەنچىگە ئېرىشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەنبەسى، دەل ھەر قېتىملىق ئىدىيە تۇمانلىرىنى تازىلاش، ئەمەلىي قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەت ۋەزىيىتىنى ئېچىش جەريانىدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىچكى جەھەتتە كوممۇنىستلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى ئەڭگۈشتەرى بولۇپ مۇجەسسەملەندى.

بۇ يىل پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى باشلامچى بولۇپ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دەريا، كۆللەرگە بېرىپ، تۈر نەق مەيدانلىرى، باغچە رايونلىرى، كارخانىلارغا كىرىپ، پورت، چېگرا، يېزا- بازار، كەنتلەرگە كېلىپ،زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تومۇر تۇتۇپ، كېسەل كۆرۈپ، ئىدارە قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دەرىجىمۇدەرىجە ئۈلگە كۆرسىتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ ئىشلەپ، كېڭىشىش يىغىنىنى يۇرتداشلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ئېچىپ، ئىش ئۈستىلىنى تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە يۆتكەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي- شىمالىدا بىر خىل ئاڭلىقلىققا، بىر خىل كەيپىياتقا ئايلاندۇردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل، شۇنداقلا ئىدىيەۋى قاراشنى يېڭىلاش ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتىكى بىر مەيدان ئىنقىلاب. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇشتا توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىنى توغرا تېپىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؛ خەلققە بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا سەمىمىي قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاممىنىڭ دەردىگە چىن ھېسسىيات بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. نۇرغۇن يول ئازابى تارتىش، توختىماي يول يۈرۈش، سوئال قەغىزى تولدۇرۇش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش «جاپالىق ئىش» بولۇپ، جىسمانىي كۈچ ۋە ئەقلىي كۈچنى سىنايدۇ، قەلبىمىزدىكى سىياسىي نەتىجە قارىشىنى توغرىلىغاندىلا، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ياخشى ئەستە ساقلىغاندىلا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭگۈشتەرگە ئايلىنىدۇ.

تۈزۈملەشتۈرگەندىلا دائىملاشتۇرغىلى، دائىملاشتۇرغاندىلا ئادەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بىر خىل ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشتا، ھەم ئىچكى ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن، مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى تۈزۈش، مۇھىم يىغىنلارنى ئېچىش، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى كۆرسىتىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەشتەك مەنزىرىسى شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يۈزەكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ دائىملىق خىزمىتىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن- تۆۋەنگىچە ئەۋج ئالدۇرۇپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

دەۋرنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەرنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشتا، ئەمەلىيەتكە چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، «مەسىلە تىزىملىكى»نى «نەتىجە تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرغاندىلا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125