− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (20)
شىن شىجيەن
«ئۈنۈمنى باھالاشتا پاكىت ئارقىلىق سۆزلەپ، باھالاشنى ئاشكارا تۇتۇپ، ئاممىغا باھالىتىپ، باھالاشنىڭ ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەمىزنىڭ راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى باشتىن- ئاخىر ياخشى قانات يايدۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
«دۇنيادا قورقۇشقا توغرا كەلسە <ئەستايىدىللىق> دېگەن سۆزدىن قورقۇش كېرەك، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەستايىدىللىققا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ.» پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىگىچە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەربىر قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ھەممىسىدە تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇلدى، ھەممىسىدە مەسىلىلەر بايقىلىپ، مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، شۇنداقلا ھەممىسىدە رەتلەپ خۇلاسىلەش ئۈنۈمىنى باھالاش، سۈرۈشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دەل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش، مۇكەممەل يېپىق ھالقا شەكىللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلغاچقا، ھەر قېتىملىق ئۆگىنىش تەربىيەسىدە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
نەزەرىيەنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؛ ئۆگىنىشنىڭ نەتىجىسىنى جەزمەن ئەمەلىي ئۈنۈمگە تايىنىپ تەكشۈرۈش كېرەك. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناشقۇچى ئورۇنلار نۇرغۇن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى، خېلى كۆپ ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈردى، مەسىلەن، «شىنجاڭنىڭ پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك، شىنجاڭغا مال سالماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، «بىر ئىشنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىش»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، كارخانىلار ئىنكاس قىلغان قىيىنچىلىق، ئىلتىماس- تەلەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش قاتارلىقلار. باھالاش خىزمىتى 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئىلمىي، ئوبيېكتىپ باھالاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.
«ئىشنى ئەستايىدىل ئىشلەش»، كوممۇنىستلار ئەزەلدىن ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، پاكىت ئارقىلىق سۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. باش تېما تەربىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراشتا، مۇھىمى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ قەلبكە سىڭىپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانغان- ئايلانمىغانلىقىغا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشكەن- ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىگە، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ماھىرلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، ماھىرلىق بىلەن قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان- ئاشۇرمىغانلىقىغا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان- ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغانلىقىغا، ئەمەلىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقىغا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈش قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقىغا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدە يېڭى ئۆسۈش بولغان- بولمىغانلىقىغا، مەسىلە تۈگۈنىنىڭ توغرا تېپىلغان- تېپىلمىغانلىقىغا، تۈزىتىش- تۈزەشنىڭ جايىدا بولغان- بولمىغانلىقىغا، ئىدىيە ساپ بولماسلىق ۋە تەشكىل ساپ بولماسلىق ھادىسىلىرىنىڭ تۈزىتىلگەن- تۈزىتىلمىگەنلىكىگە، سىياسىي يوشۇرۇن خەۋپنىڭ تۈگىتىلگەن- تۈگىتىلمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى كۆزلەپ، مەۋقەنى ئورۇنلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، «ئەمەلىي بولۇش» «ئۈنۈم ھاسىل قىلىش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپاق- چاپاق بولۇۋالماسلىق، ياخشىچاق ئەپەندى بولماسلىق، مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا ياكى مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغاندا مۇھىم نۇقتىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىق، قول ئۇچىدا ئىش قىلماسلىق كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا باھالاشنىڭ ئىلمىي، ئوبيېكتىپ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
«ئادەم سۇغا قارىسىلا ئۆز سايىسىنى كۆرەلەيدۇ، خەلق ئارىسىغا چۆككەندىلا ئىدارە قىلىشنىڭ ياخشى بولغان- بولمىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ». ئاممىنى رازى قىلىش پارتىيەمىزنىڭ بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنىڭ قىممەت يۆزلىنىشى ۋە تۈپ ئۆلچىمى، ئاممىنىڭ پىكرى ئەڭ ياخشى ئۆلچەم. ئامما باش تېما تەربىيەسىگە قاراشتا ئالدى بىلەن پوزىتسىيەگە قارايدۇ، ھەقىقىي ئىشلىدىمۇ ياكى يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچتىمۇ، ئاممىنىڭ قەلبى ۋە كۆزى روشەن؛ ئاچقۇچلۇقى ھەرىكەتكە قارايدۇ، دادىللىق بىلەن مەسىلىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردىمۇ ياكى «قەستەن ئۆزىنى تېمىدىن قاچۇرۇپ، باشقا گەپ بىلەن ئەپلەپ- سەپلەپ ئۆتۈپ كەتتىمۇ»، ئامما ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئاخىرىدا ئۈنۈمگە قارايدۇ، ۋەزىيەت يارىتالىدىمۇ ياكى بۇرۇنقى ئىزدا توختاپ قالدىمۇ، ئاممىنىڭ كۆڭلىدە تارازا بار. تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ياخشى بولغان- بولمىغانلىقىغا قارىتا ئاممىنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. ئىشىكنى ھەقىقىي ئېچىۋېتىش، ئىشىكنى چوڭ ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى قاتناشتۇرغان، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئاممىنى باھالاشقا تەكلىپ قىلغاندىلا، باھالاشتا ئاندىن مەۋھۇم بولۇپ قېلىش، قۇرۇق بولۇپ قېلىش، ئېغىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشى، قەلبلەرگە سىڭىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەك ئېھتىياتچان بولغاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىلمىي، ئوبيېكتىپ باھالاش ھەم بىر قېتىملىق كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك، ھەم تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلەش ئۈچۈندۇر. يولغا قويۇلۇشى ئۈنۈملۈك بولغان تەجرىبە، ئۇسۇللارنى مۇستەھكەملەش، جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي توسۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل- پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.