كۈز پەسلى كىرىشى بىلەن، تېرىمىزدە كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر كۆپىيىشى مۇمكىن. كۈز پەسلىدە ئادەمنىڭ تېرە ياغ پەردىسىنىڭ ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىپ، تېرىدىكى سۇ تەركىبى ئۈزلۈكسىز ئازىيىپ، تېرە قۇرغاقلىشىپ كېپەكلىشىدۇ، ھەمدە تېرىنىڭ توسۇش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ، ھەر خىل تېرە مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ. بالىلارنىڭ ئىممۇنېتىت كۈچى ئەسلىدىنلا چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا ئاجىز بولغاچقا، كۈز پەسلىدە بالىلاردىمۇ تۈرلۈك تېرە كېسەللىكلىرى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا، بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان تېرە كېسەللىكلىرى قايسىلار؟ ئۇنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەسئۇل ۋىراچ جۈرئەت ئابدۇۋايىت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق، تۆۋەندە دىققىتىڭىز مۇشۇ سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)