پېشقەدەم سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىسى يۈ چاڭچىڭ يېشىل قۇيرۇقلۇق راك باقمىچىلىقىدا بېيىش يولىنى ئاچتى
18:44:49 2023-09-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 9- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 18دە، شىخو شەھىرى چىگىشور بازىرىنىڭ يۈشۇچۇەن كەنتىدىكى راك باققۇچى دېھقان يۈ چاڭچىڭ بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆيىگە قايتىپ، قىسقىغىنا دەم ئېلىش پەيتىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىر ئاپتوموبىل راكنى ئېلىپ چىقىپ، ھەممىسىنى سېتىپ بولدۇم، بۇ راكلار 600 كىلوگىرام كېلىدۇ.»

 يۈ چاڭچىڭ شىخو شەھىرىدە يىراق- يېقىنغا داڭقى چىققان راك بېقىش كەسپىي ئائىلىسى. يېقىنقى بەش يىلدا، ھەر قايسى چوڭ تاللا بازارلىرى، مېۋە زەنجىرسىمان دۇكانلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىدا ئۇ باققان راكلار سېتىلدى.

 ئىگىلىنىشىچە، شىخو شەھىرى چىگىشور بازىرى يۈشۇچۇەن كەنتىنىڭ سۇ بايلىقى مول، سۇ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، بېقىلغان يېشىل قۇيرۇقلۇق راكنىڭ ئېتى يۇمشاق، تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇقى مول، يېيىشلىك ئىكەن.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۈ چاڭچىڭنىڭ 25 يىللىق بېلىق بېقىش تەجرىبىسى، مۇقىم خېرىدارلىرى بار ئىكەن. بەش يىل ئىلگىرى، يۈ چاڭچىڭ دادىل ھالدا بېلىق بېقىشتىن ۋاز كېچىپ راك بېقىشنى قارار قىلغان. ئۇ 350 كىۋادرات مېتىرلىق تۇزسىزلاندۇرۇش پارنىكىدىن تۆتنى ياساپ، ھەر بىر پارنىكقا بېسىم ئاشۇرۇش پومپىسى، ئوكسىگېن بېرىش ئەسۋابى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىگەن.

 بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يۈ چاڭچىڭ شيامېندىن 2 مىليون 400 مىڭ دانە راك تىرنىسى سېتىۋېلىپ، بىر ئاي تۇزسىزلاندۇرۇپ باققاندىن كېيىن، راك كۆلچىكىدە باقتى. يۈ چاڭچىڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى بىلەن ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە، راك تىرنىلىرى تەدرىجىي چوڭايدى. 7- ئاينىڭ 21- كۈنى، يۈ چاڭچىڭ بۇ يىل بازارغا سالماقچى بولغان راك قاچىلانغان تۇنجى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، شەھەر رايونىدىكى ھەر قايسى سۇ مەھسۇلاتلىرى دۇكانلىرى ۋە تاللا بازارلىرىغا باردى. ناھايىتى تېزلا، بۇ راكلار شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىدە پەيدا بولدى. 

 بۇ يىل، يۈ چاڭچىڭ 75 مو سۇ رايونىدا يېشىل قۇيرۇقلۇق راك باقتى، ھازىر، يەنە 16 مو سۇ رايونىدا راك بېقىلىۋاتىدۇ، بۇ راكلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جۇڭچيۇ بايرىمىدىن بۇرۇن سېتىلىپ بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 «بۇ يىل يېشىل قۇيرۇقلۇق راك ئوبدان چوڭايدى، مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 30 توننا كېلىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 يۈەنگە توغرا كېلىدۇ، ساپ پايدىسى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.» دېدى يۈ چاڭچىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

 (تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاڭ گوخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر لو لىيەن)

 پايدىلانغان مەنبە: تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125