​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| قىزىمنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى
18:42:44 2023-09-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 جاڭ يەنيەن

 ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تاسادىپىي ئۇچراشتۇق، ئۆز قەرەلىدە ئوقۇش پۈتكۈزدۇق. بۇ يىل يازنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئېيىدا، يۈننەن ئۆلكىسى لىنساڭ شەھىرى گېڭما دەيزۇ- ۋازۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك ۋۇخۇا مىللەتلەر باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان 6- يىللىقتىكى ساۋاقداشلار ئۈچۈن داغدۇغىلىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئوقۇش پۈتكۈزۈش تېمىغا بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنى جىددىي تەرىزدە بىر بىخۇا- بىر بىخۇادىن يېزىپ چىقتى، مەن قىزىمنىڭ كەينىدە ئۇنى سۈرەتكە تارتىپ قويۇش ئۈچۈن تۇرۇپ، ئىختىيارسىز بىرىنچى يىللىقتىكى ھېلىقى گۆدەك، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئوڭلاپ يازالمايدىغان بالىنى ئەسلەپ قالدىم.

 ھېلىمۇ ئېسىمدە، قىزىم ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتى ئىدى، مەلۇم بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، ئۇ ماڭا كەسكىنلىك بىلەن: «ئاپا، مەن ئىسمىمنى ئۆزگەرتىمەن، فېڭ يىيى دەپ ئۆزگەرتىمەن»، دېدى. مەن گاڭگىراپ قېلىپ ئۇنىڭدىن: «نېمىشقا ئۆزگەرتىسىز؟» دەپ سورىدىم. ئۇ مەيۈس ھالدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ: «بۇ <شىن> دېگەن خەتنى يېزىش بەك تەس ئىكەن، مەن ھەمىشە ياخشى يازالمايمەن»، دېدى. سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا قويغان بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتتىپ بەردىم ھەمدە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ: «ھېچكىم تۇغۇلۇشىدىنلا ھەممىنى بىلىپ بولالمايدۇ، پەقەت ئۈزلۈكسىز ئۆگەنگەندىلا ئاندىن بىلىم ئىگىلىگىلى بولىدۇ، شۇڭا بىز مەكتەپكە بېرىپ بىلىم ۋە مەدەنىيەت ئۆگىنىمىز، ئالدىرىماڭ، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنى يېزىشنى ئۆگىنىشتىن باشلاڭ» دېدىم. قىزىم چۈشەنگەندەك قىلىپ بېشىنى لىڭشىتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولۇپلا، ئىسمىنى يېزىشنى مەشىق قىلىدىغان بولدى ... بۈگۈنكى كۈندە، ئىسمىنىمۇ ئوڭلاپ يازالمايدىغان ھېلىقى بالا ئايرىم- ئايرىم خەنزۇچە خەتلەرنى چىرايلىق يازالايدىغان بولدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، مەزمۇنغا باي ۋە ئۇزۇن ماقالىلەرنى يازالايدىغان بولدى، تىرىشىپ خەت يېزىشنى مەشىق قىلغان ھېلىقى بالا قېرىنداشتا خەت يېزىشتىن سىياھ قەلەمدە خەت يېزىشقا، ئاندىن كېيىن موي قەلەمدە خەت يېزىشقا ئۆتتى ھەمدە كۆپ قېتىم ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك خەتتاتلىق مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن شان- شەرەپكە ئېرىشتى.

 ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا، مەكتەپ مۇدىرى بالىلارنى ئاتا- ئانىلىرىغا قارىتىپ تۇرغۇزۇپ، ئاتا- ئانىسىغا تەزىم قىلدۇرۇپ، رەھمەت ئېيتقۇزدى؛ ئاتا- ئانىلارنىمۇ بالىسىنى قۇچاقلاپ قويۇشقا تەكلىپ قىلدى. كۆز ئالدىمدىكى بويى ماڭا تەڭلىشىپ قالغان بالىنى كۆرۈپ، قەلبىم ئىختىيارسىز ھەر خىل ھېسلارغا چۆمۈلدى، ئىلگىرىكى گۇڭراپ گەپ قىلىشنى، تايتاڭلاپ مېڭىشنى ئۆگەنگەن بالا ھازىر ئۆسۈپ يېتىلىپ زىلۋا قىزغا ئايلانغانىدى. قىزىم پەس ئاۋازدا ماڭا: «ئاپا، رەھمەت سىزگە، جاپا چەكتىڭىز»، دېدى. شۇ دەقىقىدە، مەن ئۇنى باغرىمغا بېسىپ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ قويدۇم، ھەقىقەتەن چوڭ بوپتۇ، شۇ دەقىقىدە مەن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. تۇيۇقسىز قىزىمنىڭ 2- يىللىق ۋاقتىدىكى «مېنىڭ بالىلىقىم» دېگەن تېمىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى ئېسىمگە كېلىپ قالدى، 100 خەتكە يېقىن باياندا قانداق قىلىپ خۇشال- خۇرام ئوينىغانلىقى يېزىلمىغان، بەلكى تېزرەك چوڭ بولۇپ، ئاتا- ئانىسىغا ياردەم بېرىش ئارزۇسى يېزىلغانىدى، «ھەر كۈنى ئاتا- ئانام ئىسمېنا قوشۇپ كەچكىچە ئىشلەيدۇ، مېنىڭ ياردەم قىلغۇم بار، لېكىن مەن ھېچنېمىنى بىلمەيمەن، مەن پەقەت قاچا يۇيۇش ۋە يەر سۈپۈرۈشنىلا بىلىمەن، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقا ئاچاشلارغا ئوخشاش ھەممىنى بىلگەن بولسام ياخشى بولاتتى، مەن ئىزچىل شۇ كۈننىڭ بالدۇرراق كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن ...»

 بۈگۈنكى كۈندە ئاتا- ئانىسىغا ياردەم بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بالا چوڭ بولۇپ قاپتۇ، مەن ئىلگىرى ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان كېچىلەردە، مەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسەم ئۇ ھەمراھ بولغان ھەپتە ئاخىرلىرىدا چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ... بەزىدە ئۇ خۇددى ئىشخانامنىڭ سىرتىدىكى ئالويغا ئوخشايدۇ، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىسىمۇ، ئۇ مەغرۇرلانمايدۇ، سەپرالاشمايدۇ، مېنىڭ تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ قالسا، ئۇ نەزەرگە ئېلىنغىنىدىن ھەيران قالىدۇ، ئالدىراشلىق ئىچىدە نەزەرىم چۈشمىسىمۇ، يەنىلا ئۆز قەرەلىدە پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

 شۇ تاپتا، ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېنىمدىكى مەردانە سىزگە رەھمەت ئېيتقۇم بار: «سۆيۈملۈك قىزىم، ئۆز قەرەلىدە چوڭ بولغىنىڭىزغا رەھمەت، ئاتا- ئانىڭىزغا كەڭ قورساق بولغىنىڭىزغا رەھمەت. كەلگۈسىدە، مەن سىزنىڭ مەڭگۈ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولۇشىڭىزنى، مەڭگۈ سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل ئادەم بولۇشىڭىزنى، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىز بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن».

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: يۈننەن ئۆلكىسى لىنساڭ شەھىرى گېڭما دەيزۇ- ۋازۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125