​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| يەر سۈرتكەن ئايال، رەھمەت سىزگە
18:22:17 2023-09-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 جاڭ لىۋېي

 ئاغرىپ كەتتى، بەك ئاغرىپ كەتتى، ئەتىگەن سائەت ئالتىلەر ئەتراپىدا قورسىقىم خۇددى ئىچىدىكى مەلۇم بىر ئەزا تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك ئاغرىپ كەتتى، ھەش- پەش دېگۈچە ھەتتا ساغرا، بەل، دۈمبەممۇ قوشۇلۇپ چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتتى.

 بۇ بىر نەچچە كۈندە تېمپراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلىدى، ئۈلۈشكۈن چۈشتە توكسىكىلىت مىنىپ بازارغا چىقىپ بالىغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ئېلىپ بەردىم، چۈشتىن كېيىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىندىكىمنىڭ ئاستى ئازراق ئاغرىغاندەك بولدى، قايناقسۇ ئىچكەندىن كېيىن سەل قويۇپ بەردى. ئەسلىدە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئاغرىق، چىداپ تۇرساملا ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپ، ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم، كىم بىلسۇن، بۈگۈن سەھەر سائەت تۆتلەر ئەتراپىدا قورسىقىم ئاغرىشتىن توختاپ، ئوڭ بېقىنىم تۇيۇقسىز ئاغرىشقا باشلىدى، دەسلەپتە چىداپ ياتتىم، سائەت بەشتىن ئاشقاندا قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى، ئوڭ تەرەپ بېقىنىم يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىپ، پۈتۈن بەدىنىم سوغۇق تەرلەپ كەتتى، بىردەم بىردەم كۆڭلۈم ئېلىشىپ، نەچچە رەت ياندۇرۇۋېتەي دەپ قالدىم.

 ھازىر بولسا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا بولۇپ قالدىم، ئاغرىققا چىدىيالماي قالدىم، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ بىر ھازاغىچە ئولتۇرغان بولساممۇ، يەنىلا ئاغرىق پەسەيمىدى. پېشانەمدىن مونچاقتەك تەر چىقىپ، بەدىنىدىنمۇ تەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى.

 مەن تەسلىكتە يەنە بىر قېتىم كارىۋاتقا چىقىپ، دۈم يېتىپ، ئىككى قولۇم بىلەن قورسىقىمنى مۇجۇۋالدىم، ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. ئايالىم مەندىكى نورمالسىزلىقنى بايقاپ، دەرھاللا نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى، مەن قورسىقىمنىڭ تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىز دەرھال ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا ماڭدۇق.

 دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ نومۇرىنى ئالدۇق، دوختۇر ئاغرىقنىڭ ئالامەتلىرى، ئورنى، ۋاقتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاددىي قىلىپ بىرەر قۇر سورىغاندىن، دەرھال سېسترانى ئالدى بىلەن ئاغرىق توختىتىش ئوكۇلى ئۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئارقىدىن سۈيدۈك تەكشۈرۈش، قان تەكشۈرۈش، رەڭلىك بىچاۋ، 64 رەت CT تەكشۈرۈش تالونلىرىنى يېزىپ بەردى، تەكشۈرگەندىن كېيىن زادى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلىدىغان بولدى. ئايالىم ھەقنى تاپشۇرۇپ بولۇپ، مېنى ئاۋۋال ئۈچىنچى قەۋەتكە قان ۋە سۈيدۈك تەكشۈرتكىلى ئېلىپ چىقتى.

 ئارقىدىن رەڭلىك  بىچاۋدا تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئىككىنچى قەۋەتكە چۈشتۇق، ئايالىم ئاۋۋال نومۇرنى سىستېراغا بەرگىلى كەتتى، مەن زالدا ئولتۇرۇپ ساقلىدىم. ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، رەڭلىك بىچاۋدا تەكشۈرتكەندە سۈيدۈكنى قىسىش كېرەك ئىدى، سۈيدۈكنى تازا چىڭقىغىچە قىسقاندىن كېيىن، تارتىلغان سۈرەت تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولاتتى.

 ئايالىم نومۇرنى سىستېراغا بەرگەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق قەغەز ئىستاكان بىلەن ماڭا چاي ئەكىلىپ بەردى. دەسلەپتە، ئوكۇلنىڭ تەسىرىدە ئاغرىق ھېس قىلمىدىم، ئۈچ قەغەز ئىستاكان چاي ئىچكەندىن كېيىن، ئاغرىق تۇيۇقسىز يەنە تۇتتى، خۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىپ كەتتى. مەن چىداپ داۋاملىق چاي ئىچتىم، غەلىتە يېرى، بەش- ئالتە ئىستاكان چاي ئىچكەندىن كېيىنمۇ، ئازراقمۇ سىيگۈم كەلمىدى.

 بۇ چاغدا ئاغرىق بىردىنلا كۈچىيىپ، ئاشقازىنىم ئۆرۈلۈپ، ياندۇرۇۋېتەي دەپ قالدىم. مەن ئايالىمغا دەرھال ئەخلەت چېلىكىنى ئېلىپ كېلىشنى شەرەت قىلدىم، ئايالىم ئەخلەت ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىپ، تېخى ئالدىمغا قويماي تۇرۇپلا، كۆڭلۈم ئېلىشىشىنى زادى باسالماي قالدىم، بىر خىل ئاچچىق سۇ ئاغزى- بۇرنۇمدىن ئېتىلىپ چىقتى. يەرگە  بىر پاتمان سۇ ياندۇرۇۋەتتىم، سۇ ئاق رەڭدە بولۇپ، يەنە كۆپۈكچىلەر بار ئىدى، سېسىق پۇراق بىردەمدە ئەتراپنى بىر ئالدى.

 ئەتراپتىكى كىشىلەر گەرچە كۆپ ئاغرىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەندىن سەل نېرىغا داجىدى. ئايالىم دەرھال مېنى يۆلەپ تازىلىق ئۆيىگە ئاپىرىپ ئاغزىمنى چايقىتىپ، سۇ بىلەن يۈزۈمنى ئاددىيلا يۇيۇپ قويدى.

 بىز تازىلىق ئۆيىدىن چىققىنىمىزدا، 40- 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر تازىلىقچى ئايال مەن بايا چاي قۇسقان يەرگە كەلدى. ئۇ ئادەتتىكى خىزمەت كىيىمى كىيگەن بولۇپ، قولتۇقىغا بىر بولاق تازىلىق قەغىزى قىستۇرۇۋالغانىدى، ئۇ ئالدى بىلەن تازىلىق قەغىزىنىڭ بولىقىنى يىرتىپ، بولاقتىن بىر نەچچە پارچە تازىلىق قەغىزىنى چىقىرىپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قولىدىكى تازىلىق قەغىزىنى يەردىكى مەينەتچىلىكنىڭ ئۈستىگە قويدى. قەغەزنى مەينەت نەرسىلەر بار جايغا قويۇپ، بىردەم جىم تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ھەدە قولى بىلەن قەغەزنى بىر پارچە- بىر پارچىدىن ئېلىپ يەرنى سۈرتتى، بۇ بىر باغلام تازىلىق قەغىزى ھۆل بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىدى، ئاندىن  خالتىدىن يەنە بىر باغلام تازىلىق قەغىزىنى چىقىرىپ، ئاددىي ھەرىكەتنى بايا قۇسۇپ چىقارغان مەينەت نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پاكىز سۈرتۈلۈپ بولغىچە تەكرارلىدى.

 شۇ چاغدا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇزۇن بىر نەپەس ئالدى. پۈتكۈل جەرياندا، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى شۇنداق تەبىئىي، چىرايىدىكى تەبەسسۇم شۇنداق ساپ بولدى. شۇ دەقىقىدە، ئۇ ماڭا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئادەم بولۇپ تۇيۇلدى.

 تازىلىقچى ئايال يەرنى سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، مېنىڭ يېنىدا تۇرغىنىمنى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «بەك بىئارام بولۇۋاتامسىز؟ مەن تازىلاپ بولدۇم، سىز ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىڭ»، دېدى. ئۇ سەمىمىي سۆزلەر قەلبىمنى ئېرىتتى، شۇ تاپتا، ئاغرىق ئۇنچە ئېغىر ئەمەستەك بىلىندى.

 تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەسلىدە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشكەنلىكى، تاشنىڭ سۈيدۈك يولىنى توسۇۋالغانلىقى ئېنىقلاندى. دوختۇر كېسەلگە مۇناسىپ دورا يېزىپ بەردى، تۇراقلاشقاندىن كېيىن، مۇۋاپىق پۇرسەتتە كەسپىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن تاشنى تەۋرىتىپ چىقىرىۋەتسەك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، مەن ئىختىيارسىز ئارقىمغا ئۆرۈلۈپ، ھېلىقى ئاق كۆڭۈل تازىلىقچى ئايالغا نەزەر سالدىم.

 كىم نۇر ئىچىدە تۇرغانلارنىلا قەھرىمان دەيدۇ، تازىلىقچى ئايال ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كېسەل كۆرۈنىدىغانلار كۈتۈش زالىنى ئىللىتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتىغا ئائىلىسىدىكىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدى، ئۆز خىزمىتىنى ئائىلىسىنى سۆيگەندەك قىزغىن سۆيدى. تىنغۇسىز سېسىق پۇراق ئالدىدا، ئۇ چېكىنمىدى؛ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ ئاغرىنمىدى. ئۇنىڭ قىلغان- ئەتكەنلىرى ئاددىيلىق ئىچىدىكى ئۇلۇغلۇقنى نامايان قىلدى.

 تازىلىقچى ئايالنىڭ يەر سۈرتكەن كۆرۈنۈشى مەڭگۈ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلىنىدۇ، ھەر ۋاقىت قەلبىمنى ئىللىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈنسىز تۆلىگەن بەدىلى مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يولۇمنى تېخىمۇ ياخشى مېڭىشىمغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ...

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خېنەن ئۆلكىسى شىچۇەن ناھىيەسى ماۋتاڭ يېزىلىق مۇيۈەن مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك سۇپىسى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125