«ساغلىق بېرىپ قوزىسىنى سېتىۋېلىش» باقمىچىلىق يېڭى ئەندىزىسى كەلدى
11:15:13 2023-09-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «ساغلىق بېرىپ قوزىسىنى سېتىۋېلىش» باقمىچىلىق يېڭى ئەندىزىسى كەلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

 8- ئاينىڭ 10- كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۆش قويى كەسپىدە «ساغلىق بېرىپ قوزىسىنى سېتىۋېلىش» باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى باشلاش مۇراسىمى باغراش ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ شىڭمۇيۈەن يېزا ئىگىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىڭمۇيۈەن شىركىتى» دېيىلىدۇ) دە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى بۇيىن باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى ليۇ يۈپىڭ خۇشال ھالدا بۇ يەردىكى 104 تۇياق «ساغلىق بېرىپ قوزىسىنى سېتىۋالىدىغان» خۇياڭ قويىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئاپىرىپ باقتى.

 «ساغلىق بېرىپ قوزىسىنى سېتىۋېلىش» بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ گۆش قويى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا گۆش قويى كەسپىدىكى بوغما ھالەتنى ھەل قىلىدىغان يېڭى ئەندىزە.

 بۇ يىل 3- ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچېڭ شەھىرىدىن 10 مىڭ تۇياق خۇياڭ نەسىللىك قويىنى كىرگۈزۈپ، شىڭمۇيۈەن شىركىتىنى تايانچ قىلىپ خۇياڭ نەسىللىك قوي بازىسى قۇرۇپ، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغان دېھقان ئائىلىلىرىنى نەسىللىك قوي ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى ئوتتۇرا، كىچىك كۆلەملىك باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، تۈجۈپىلەشكەن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ كىرىم يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

 بايىنغولىن ئوبلاستى كىرگۈزگەن خۇياڭ نەسىللىك قويى كۆپ تۆللەيدىغان گېنىغا ئىگە، شۇ جاي سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق، كۆپ تۆللەيدىغان گېندىن پايدىلىنىپ، ساپ كۆپەيتىش ۋە شالغۇتلاشتۇرۇش سىناق تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىپ، ھەربىر نەسىللىك قويدىن ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قوزا، ئىككى يىلدا ئالتە قوزا ئالالايدۇ.

 «تۆللەش نىسبىتى يۇقىرى بولسا كىرىممۇ يۇقىرى بولىدۇ.» بايىنغولىن ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق خىزمىتى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى، يېزا ئىگىلىكىنى كېڭەيتىش تەتقىقاتچىسى زورك مۇنداق دېدى: «بىز نەسىل مەنبەسى جەھەتتىن گۆش قويى كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 1- ، 2- ، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردۇق».

 شىڭمۇيۈەن شىركىتى گۆش نەسىللىك قويىنى يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى ئاساس قىلغان ساپ كۆپەيتىش مەيدانى بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى ئۇنى «ساغلىق بېرىپ قوزىسىنى سېتىۋېلىش» باقمىچىلىق ئەندىزىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى قىلىپ بېكىتىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكا، تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، باقمىچىلىق ئەندىزىسىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىپ، بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

 «ھازىر 2124 تۇياق ساغلىقتىن 3604 تۇياق تۆل ئېلىندى. 1- تۈركۈمدىكى تۆللەش نىسبىتى ۋە ئەي بولۇش نىسبىتىدىن قارىغاندا، بېقىش، باشقۇرۇش تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى يىلدا ئالتىنى تۆللەيدىغانلىقىدا گەپ يوق» دېدى شىڭمۇيۈەن شىركىتى خۇياڭ قويى باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى جاڭ ۋېي ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.

 «ساغلىق بېرىپ قوزىسىنى سېتىۋېلىش» باقمىچىلىق ئەندىزىسى كونكرېت قانداق يولغا قويۇلىدۇ؟ زورك مۇنداق دېدى: شىڭمۇيۈەن شىركىتى دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن بېقىش- سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ «4+100» (100 تۇياق ئاساسىي ساغلىق قوي + 4 تۇياق نەسىللىك قوچقار) ئارقىلىق دېھقان ئائىلىلىرىنى نەسىللىك قوي بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، تۇغۇلغان قوزىلارنى دېھقانلار 45 كۈن ياكى 18 كىلوگىرامغىچە باققاندا، شىڭمۇيۈەن شىركىتى بىرتۇتاش سېتىۋالىدۇ.

 دېھقان ئائىلىلىرىنى خاتىرجەم بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، غەم- ئەندىشىدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، شىڭمۇيۈەن شىركىتى دېھقان ئائىلىلىرىنى «ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، بىرتۇتاش نەسىل، يەم- خەشەك رېتسېپى، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى، سۇغۇرتا، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت ئالتە بىرلىككە كەلگەن چارۋىچىلىق توپلانما تېخنىكىسىنى كېڭەيتتى؛ قوزىنىڭ باھا تۆۋەن چېكىنى بېكىتىپ بىرتۇتاش سېتىۋالدى.

 «شىڭمۇيۈەن شىركىتى ئىشنى ياخشى باشلاپ، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغان دېھقان ئائىلىلىرىنى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى زورك. 

 بايىنغولىن ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «ساغلىق بېرىپ قوزىسىنى سېتىۋېلىش» باقمىچىلىق ئەندىزىسى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى گۆش قويى كەسىپ زەنجىرىدىكى كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش بىلەن دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستى چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125