قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| دېرىزە سىرتىدا كۆك ئاسمان بار
17:54:26 2023-09-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شېن يۈخەن

مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، كىتاب ئۈستىلىدىكى بىر دۆۋە دەرسلىك كىتابنىڭ يۇقىرىسىغا قارىدىم، بۇ نۇقتىدىن چۈشتىن كېيىنكى دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىنىڭ بىر قىسمىنى كۆرەلەيمەن، ئۇ نۇقتىدىن كۆرۈنگەن ئاسمان تىنىق كۆك ھەم بىپايان ئىدى.

شامال يوق ئىدى، قۇياش نۇرىمۇ قېتىپ قالغاندەك قىلاتتى.

ئۇ قۇسۇر تاپقىلى بولمايدىغان ئوچۇق ھاۋا ئىدى، لېكىن مېنىڭ ئىچىم سىقىلىپ تىنالماي قېلىۋاتاتتىم. رەت تەرتىپى جەدۋىلىدىكى ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا گىرەلىشىپ كەتكەن كاتەكچە سىزىقلارغا كۆزۈمنى ھەرقانچە يوغان ئېچىپ زەن سېلىپ قارىساممۇ، پەقەت رەت- رەت نۇرلارنىڭ بارا- بارا تارتىلىپ غۇۋا نۇر توچكىلىرىغا ئايلىنىپ كېتىۋانقانلىقىنىلا كۆرەتتىم. دېرىزە سىرتىغا قاراپ، تۇيۇقسىز ئادەمنى مەست قىلىدىغان كۆك ئاسماننى بەكمۇ ئەپسىز چاغدا پەيدا بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.

بىنانىڭ ئاستىدا بىرنەچچە ئوغۇل بالا بىر يەرگە يىغىلىپ، چاقچاقلىشىپ كۈلۈشمەكتە ئىدى. ۋېلىسىپىتنىڭ رولى سۇس يالتىراپ تۇراتتى، تىنىق كۆك رەڭ ئۇنىڭدىن ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى قولىدا رولنى تۇتۇپ، ئۇچقاندەك چاپتۇرۇۋاتاتتى، كەينىدىكىسى قوغلاۋاتاتتى. باشقىلار يوشۇرۇنۇۋالغانىدى، بىرنەچچە ساددا، غۇبارسىز بالا، بىر ۋېلىسىپىت بىلەن بىر پارچە بوش يەردە، بىر كۆڭۈللۈك چۈشتىن كېيىننى ئۆتكۈزدى. ئاسمان يەنىلا شۇنداق كۆك ئىدى.

تۇيۇقسىز، ۋارقىرىغان ئاۋاز بۇ گۈزەل كەيپىياتنى بۇزۇپ تاشلىدى، بىر ئوغۇل بالا يەرگە يىقىلدى، ھەمراھلىرى دەرھال ئولىشىپ كېلىپ، ئۇنى دەرەخ سايىسىغا ئېلىپ بېرىپ ئولتۇرغۇزدى، جۈپ- جۈپ كۆزلەر ئۇنىڭ يارىسىغا تىكىلدى. قىپقىزىل قان تىزىدىن ئېقىپ چۈشتى، قىپقىزىل رەڭ كىشىنى سەل بىئارام قىلاتتى، لېكىن كۆپچىلىك بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغاندەك، يود تىنكتۇرىسى ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىش بىلەن بولۇپ كەتتى.

ئاشۇ تىنىق ئاسمان قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى خىرە- شىرە ئىللىقلىقنى ئەسلىتىپ، يۇمشاق دولقۇنلار ئۈستىدە ئەللەيلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى.

غۇيۇلداپ شامال چىقتى، بىرنەچچە ئوغۇل بالىنىڭ قايتىپ كېتىشىنى كۆرۈپ تۇردۇم، دۇنيا تىمتاس، دېرىزە سىرتى چەكسىز كۆك ئىدى.

سائەت 6دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاسمان خۇددى بىر سېھىرلىك ئەينەككە ئوخشاپ، قۇياش نۇرىنىڭ جىلۋىسىدە خۇددى ھەسەل بىلەن نەمدەلگەندەك بولۇپ قالدى. كەچكى شەپەق ئاسماننى ئوچۇق قىزىل رەڭدە بوياپ قويدى، بۇ رەڭ ئاستا- ئاستا سۇسلىشىپ، بارا- بارا سۇس سېرىق رەڭگە كىردى. ھەسەل ھەرىلىرى بۇ ئاسمان چېچىكىنى ياقتۇرۇپ قالغانمىدۇ؟

«ئەگەر ھايات سىېنى ئالدىسا، ھەسرەتلەنمە ھەم قىلما غەم، بەختسىز كۈنلەردە ئالدىراپ كەتمە، ئىشەن خۇشال كۈنلىرىڭنىڭ كېلىشىگە شۇ دەم.» مەن ئىچىمدە پۇشكىننىڭ شېئىرىنى يادلاپ، بېشىمنى كۆتۈرۈپ دېرىزە سىرتىغا قارىدىم، دېرىزە سىرتىدا كۆك ئاسمان بار ئىدى.

(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۇي شەھىرى ليەندۇ رايونلۇق چۇجوۋ ئوتتۇرا مەكتىپى)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125