​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| خىرۇستال شارچە
18:51:57 2023-09-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىن سۈنلى

 چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدا قىش پەسلى ھاۋا تۇتۇق بولىدۇ، شىمال شامىلى، توڭ يامغۇر ۋە قار- مۇز ئەگىشىپ كېلىپ، ئۇزاق مۇددەت سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇقنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ سوغۇق كۆپكۆك ئاسمانلىق تاڭ سەھەردىكى بۇرۇن بوشلۇقىدىن، جىمجىت كېچىدىكى يوتقان- كۆرپىلەردىن ئۆتۈپ، بارلىق بوشلۇقنى ئاز- ئازدىن ئۆزىگە يۇتۇۋالىدۇ.

 مەن كىتاب ئۈستىلى ئالدىدا ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ، دېرىزە سىرتىدىكى لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارغا قارىغىنىمچە تىترەپ كەتتىم، كۆزۈم ئۈستەلدىكى خىرۇستال شارچىغا يۆتكەلدى، دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرە خىرۇستال شارچە بىلەن قاتلىنىپ كەتكەندەك ئىدى.

 تولۇقسىز 3- يىللىقتىكى ۋاقتىم، مەكتەپنىڭ كەچلىك مۇزاكىرىسىدىن بەك كەچ چۈشەتتىم، ئۆيگە قايتقىچە پاتقاق چىغىر يولدا مېڭىش بەك تەس ئىدى. كۈندۈزى خېلى ياخشى، كەچتە ئۇ توپىلىق يولدا يول چىرىغى يوق ئىدى، يولنىڭ ئىككى تەرىپى قاپقاراڭغۇ ئورمانلىق بولۇپ، ئاجايىپ جىمجىت ئىدى، ئېچىلىپ قالغان دەرەخ يىلتىزلىرى خۇددى ياۋۇزلۇق بىلەن تىرنىقىنى ئېچىپ تۇرغان غەلىتە مەخلۇققا ئوخشايتتى، ۋەھشى تىرناقلارغا تولغاندەك كۆرۈنەتتى، بۇ تۇغۇلۇشىمدىنلا قورقۇنچاق مېنى بەك دەككە- دۈككىگە سالاتتى. مەن دادامدىن كەچلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن مېنى ئالغىلى كېلىشنى ئۆتۈندۈم، دادام قوشۇلدى، بۇنىڭ بىلەن يۈرىكىم ئاخىرى جايىغا چۈشتى. شۇغىنىسى دادامنى جاپاغا قويدۇم، ئۇ كەچتىكى بارلىق مېھماندارچىلىقنى رەت قىلدى، كەچلىك مۇزاكىرە بار كۈنى بوران- چاپقۇنغا قارىماي دەل ۋاقتىدا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولدى. كېچە ھەرقانچە قاپقاراڭغۇ بولسىمۇ، يول بويىدا دادامنىڭ سىيماسىنى كۆرسەملا، دۈپۈلدەپ تۇرغان يۈرىكىم بىردىنلا تىنچلىناتتى.

 قىش پەسلىنىڭ بىر كېچىسى، قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى، كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشكەندىن كېيىن، مەن تۆت ئەتراپقا قاراپ ئۇ تونۇش سىيمانى كۆرمىدىم. بەلكىم دادام بىرەر ئىش بىلەن كېچىكىپ قالغاندۇ؟ ياكى ھازىر كېلىۋاتقاندۇ؟ ساۋاقداشلار ئارقا- ئارقىدىن تارقىلىپ، يول بىردىنلا قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى. مەن چىشىمنى چىشلەپ، ئۆزۈم يالغۇز كېچىدە ئۆيگە ماڭدىم.

 توپا يول ئېغىزىغا كەلگەندە، يەنىلا دادامنىڭ سىيماسىنى كۆرمىدىم، مەن بوغچامنى چىڭ سىقىمداپ، ئورمانلىقتىن تۇيۇقسىز بىرەر نەرسە چىقىپ قالمىسۇن دېگەندەك، پات- پات تۆت ئەتراپقا قارىدىم. قىش كېچىسى، ھېچ نەرسە ئارىلاشمىغان جىمجىتلىق بولۇپ، تۇپراقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغىچە جىمجىتلىققا چۆمگەنىدى، ھەربىر كىچىككىنە تىترەشمۇ شامالدا يىراقلارغا تارقىلاتتى. تۇيۇقسىز دەرەخ يوپۇرمىقىنىڭ يەرگە چۈشكەن شىرىقشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، قورققىنىمدىن ئىختىيارسىز قەدىمىمنى تېزلەتتىم.

 كەينىمدىن تۇيۇقسىز ئاپتوموبىلنىڭ سىگنال ئاۋازى ئاڭلاندى، ئاپتوموبىلنىڭ بەدىنىمگە لاي چاچرىتىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال چەتتە تۇرۇپ، ئاپتوموبىلنى ئاۋۋال ئۆتكۈزۈۋەتمەكچى بولدۇم. ئەجەبلىنەرلىكى، مەن بىرنەچچە مىنۇت ساقلىساممۇ، بۇ پىكاپ ئالدى چىرىغىنى ياندۇرۇپ تۇرۇۋەردى، ئالدىغا ماڭىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، پىكاپتا ئۇزاققىچە شەپە بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، يولنىڭ چېتى بىلەن ئاۋايلاپ ماڭدىم.

 يەردە قار يوق ئىدى، لېكىن كەچتە تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن بولغاچقا، يولنى مۇز تۇتۇپ كەتكەنىدى. بىرئازدىن كېيىن، ئاپتوموبىل كەينىمدە ئاستا مېڭىشقا باشلىدى، ئالدى تەرەپتىكى قاراڭغۇ يول ئاپتوموبىل چىرىغىنىڭ يورۇقىدا بىردىنلا يورۇپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنچە قورقۇپ كەتمىدىم.

 شۇنداق قىلىپ بىر ئادەم، بىر ئاپتوموبىل ئاستا ماڭدۇق، ئۇزاق ئۆتمەي مەن توپا يولدىن ئۆتۈپ بولۇپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم، مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگە بۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، شۇندىلا ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەندىم. مېنىڭ كۆزۈم سەزگۈرلۈك بىلەن ئاپتوموبىلغا قويۇپ قويۇلغان ھېلىقى تونۇش خىرۇستال شارچىغا چۈشتى، ئۇ مېنىڭ مۇئەللىمگە بەرگەن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق سوۋغىتىم ئىدى، مېنىڭ كۆزۈم ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىنىڭ يۈزىگە يۆتكەلدى، ئۇ تونۇش چىراي، قارا چاچلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئاق چاچلار ئۇچلۇق يىڭنىدەك كۆزۈمگە يەنە بىر قېتىم سانجىلدى، يىللار ئادەمگە باقمايدىكەن! ئۇ يىللارنىڭ ئىزلىرى بىر- بىرلەپ مېنىڭ قەلبىمگە دەسسەلدى. قەلبىمدىكى يۇمشاقلىق تەسىرلەنسىلا، ئىللىقلىق خۇددى دېڭىز تاشقىنىدەك ئېتىلىپ چىقاتتى. كۆز ئالدىم سەل خىرەلەشتى، كۆز چاناقلىرىم نەملەشتى، كۆز ياشلىرىم ئاستا- ئاستا مەڭزىمنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى.

 قار ئۇچقۇنلىرى ئاسمان بىلەن يەر ئارىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ئەسلىمە ئۇنتۇلغۇسىز بولىدۇ، ئىللىق دەقىقىلەر مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. ۋاقىت ئېقىمى نۇرغۇن ئۆتكەن ئىشنى ئېلىپ يىراقلارغا قاراپ ئاقىدۇ، لېكىن ئۇ خىرۇستال شارچە مېنىڭ خاتىرەمدىكى يۇلتۇزلار دېڭىزىدا ھەممىدىن بەكرەك چاقناپ تۇرىدۇ. مۇئەللىم مېنى تەسىرلەندۈردى، مەن سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق قىشتا، پۈتۈن قىش پەسلىنى ئىللىتىدىغان قىزغىن، ئىللىق قۇياش نۇرىنى تېپىۋالدىم.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خۇبېي داشۆ جىشىڭ شۆيۈەنى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125