دېھقانلار گېزىتى . جۇڭگو يېزا تورى مۇخبىرى جۇڭ شىن، لى جىڭ
مەمەتئىمىن سەمەر قوي قوتىنىدا قوزىلارنىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە. دېھقانلار گېزىتى . جۇڭگو يېزا تورى مۇخبىرى جۇڭ شىن فوتوسى
سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش ئارقىلىق، بىر قوينى سويۇپ ئاشخانىغا ئېلىپ بارغىچە پەقەت تۆت سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ؛ بىر كەنت ئاھالىسى 30 كىلوگىرام كېلىدىغان بەش ساغلىقنى ھاۋالىلىك بېقىشقا بەرسە، ھەر يىلى پايدا تەقسىملىگەندە 15 كىلوگىرام كېلىدىغان ئۈچ پاقلانغا ئېرىشىدۇ؛ سۇدا ئوت- چۆپ ئۆستۈرۈپ، شاخ- شۇمبىنىڭ ئورنىدا يەم- خەشەك قىلغاندا، ئۈچتىن بىر قىسىم باقمىچىلىق تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ... شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن كالا باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى مەمەتئىمىن سەمەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۈچ ئىش دەل مەھسۇلات سۈپىتى، كوپىراتىپ ئەزالىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغان پايدا ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئالتۇن كالا باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى توققۇز يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئىشنى 3 مىليون يۈەن رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلەغدىن باشلاپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ھازىر ئەزا بولغان ئائىلىنى 354كە، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 12 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى، ھەر يىلى ئەزالارغا تەقسىم قىلىنىدىغان پايدا 550 مىڭ يۈەنگە يەتتى. مەمەتئىمىن سەمەرمۇ كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن «پۈتۈن كەنتنىڭ ئۈمىدى» دەپ ئاتالدى.
2014- يىلى، مەمەتئىمىن سەمەر ئىلى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزۈپ، تۇغچى يېزىسىنىڭ باش ئاچما كەنتىدە پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن كالا باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇشى بىلەنلا قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى. «دېھقانلار كالا، قويلارنى ئېتىز، يول بويلىرىدا ئوتلىتىپ بېقىش ئۇسۇلىغا كۆنۈپ قالغان بولۇپ، كالا، قويلارنى قوتانغا سولاپ قويسا چوڭ بولمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.» دېدى مەمەتئىمىن سەمەر. ھالبۇكى، كەسپىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئۇ كالا، قويلارنى ئوتلىتىپ بېقىشنىڭ نۇقسانلىرىنى ئوبدان بىلەتتى، شۇنىڭ بىلەن، كەنت ئاھالىلىرىگە ئىلمىي باقمىچىلىق ئۇسۇلى ۋە ئەۋزەللىكىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى. «مەن كەنت ئاھالىلىرىنى قوي- كالىلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلىپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇردۇم، <ھەر يىلى پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىمىز، يەنە تېخى ئۆيدە قوي- كالىلارنى باقمىساڭلارمۇ بولىدۇ، خاتىرجەم شەھەرگە بېرىپ ئىشلەپ كۆپرەك پۇل تاپالايسىلەر، بۇ بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟> دېدىم». مەمەتئىمىن سەمەر كەنت ئاھالىلىرىگە پايدىلىق بولغان باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2018- يىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۇنجى قېتىم پايدا تەقسىملەپ بەردى، قوي- كالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىشقا بەرگەن 98 كەنت ئاھالىسى جەمئىي 150 مىڭ يۈەن پايدىغا ئېرىشتى. بۇ كەنت ئاھالىلىرى پايدا تەقسىماتىدا ئېرىشكەن نەق پۇل ۋە پاقلانلارنى ئېلىپ كەنتتە ئايلىنىپ، ھاياجانلانغان ھالدا يۇرتداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئالتۇن كالا باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەڭ ياخشى «تەشۋىقاتچىسى»غا ئايلاندى.
كەنت ئاھالىسى خەيرىنىسا ئابلىمىتنىڭ يولدىشى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەيدۇ. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: ئېرىمنىڭ كوپىراتىپتىكى ئايلىق مائاشى 3000 يۈەن ئەتراپىدا؛ ئائىلىمىز كوپىراتىپقا ھاۋالىلىك بېقىشقا 15 ساغلىق بەردۇق، ھەر يىلى توققۇز پاقلان تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ؛ مەن سەككىز كالا باقتىم، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېخنىكا جەھەتتىن قوللايدۇ، كالا گۆشىنىڭ باھاسى تۇراقسىز بولغاچقا، پايدىنى توغرا ھېسابلاش تەس، ھەر يىلى ئاز دېگەندە نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن. بىر ئائىلە كىشىلىرى كەنتتە ناھايىتى راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز.
مەمەتئىمىن سەمەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىگىلىك تىكلىگەن مەزگىلىدە يەم- خەشەك تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا زىيان تارتقانلىقىنى تونۇشتۇردى. «باقمىچىلىق تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى پايدىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كالا، قوي گۆشىنىڭ بازار ئەھۋالى ياخشى بولماي، باھاسى چۈشۈپ كەتكەندە، يەم- خەشەك باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىزنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بىر يىلى بىز 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان تارتتۇق، ھېلىمۇ ياخشى ھۆكۈمەت ۋاقتىدا ياردەم قىلدى، بولمىسا ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.» دېدى ئۇ مۇخبىرغا.
ھەم تەننەرخنى كونترول قىلىش، ھەم كالا، قوي گۆشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەمەتئىمىن سەمەر زور كۈچ سەرپ قىلىپ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇشنى كۆپەيتىپ، سېتىش ھالقىسىنى قىسقارتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇدا ئوت- چۆپ يېتىشتۈرۈش بازىسى تۈرىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن باقمىچىلىق يەم- خەشەك تەننەرخىنى ئۈچتىن بىر قىسىم تۆۋەنلىتىشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى. بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئېكولوگىيەلىك باغ بەرپا قىلىپ، كالا، قوي قىغىنى ئورگانىك ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇپ، «كۆك ياقۇت» قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم سورتلىرىنى تىكتى.
ھەر يىلى باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدا، مەمەتئىمىن سەمەرنىڭ يان تېلېفونى توختىماي سايراپ تۇرىدۇ، كوپىراتىپنىڭ كىچىك ھويلىسىمۇ ھەمىشە ئادەملەر بىلەن لىق تولۇپ كېتىدۇ − باھار بايرىمىنىڭ ئالدى ھەمكارلىق كوپىراتىپى پايدا تەقسىم قىلىدىغان ياخشى ۋاقىت. قوي- كالىلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھاۋالىلىك بېقىشقا بەرگەن كەنت ئاھالىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن پۈتۈشكىنى بويىچە تەقسىم قىلىنغان پايدا ئورنىغا پاقلان ياكى نەق پۇل ئالسىمۇ، يەنە يېڭى كالا گۆشى ياكى قوي گۆشى ئالسىمۇ بولىدۇ.
2019- يىلى، مەمەتئىمىن سەمەر «مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى ياش بېيىش باشلامچىسى» تىزىملىكىگە كىردى. 2021- يىلى، ئۇ يەنە «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس»، «مەملىكەتلىك 1- ماي ئەمگەك مېدالى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئالتۇن كالا باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى «2022- يىللىق دۆلەت دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈلگىلىك كوپىراتىپى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
بۈگۈنكى كۈندە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىلمىي باقمىچىلىق ئۇسۇلى تۇغچى يېزىسىدىكى 14 مەمۇرىي كەنتكە تەسىر كۆرسەتتى. ياش مەمەتئىمىن سەمەر كوپىراتىپنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا يەنە نۇرغۇن تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇرتۇمدا ئۆزۈم قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا ياردەم بەردىم، ئۆزۈم ھەر كۈنى جاپا تارتساممۇ، لېكىن ناھايىتى بەختلىكمەن.»
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)