​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| يامغۇردىكى ئىللىقلىق
18:43:05 2023-09-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

لىن يەنرۇ


 يىللار قىزىل خىش تامنىڭ رەڭگىنى ئۆڭدۈرۈۋېتەلىسىمۇ، لېكىن ئىللىقلىقنىڭ ئىزلىرىنى يوقىتالمايدۇ. بۇ ئىللىقلىقنى مەن ئاللىقاچان بىر چىرايلىق ئالبومغا تۈپلەپ قويدۇم، مەن مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن.

 ھازىر چىرايلىق ئالبومنى ئېچىۋېدىم، مامۇقتەك مامكاپ ئۈستىگە چۈشتى. ئەمدىلا ۋاراقلىشىمغا، ئالدىمدا بىر قىزچاق بوۋىسىغا ئەركىلەپ، نېمە ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئالبومدىكى مامكاپ شامالدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، خىياللىرىمنى ئېلىپ ۋاقىت ۋە بوشلۇقتىن ھالقىپ، بالىلىق دەۋرىمگە قايتۇرۇپ كەتتى...

 ئۇ چاغدا مەن پەقەت ئىش ئۇقمايدىغان كىچىك قىز ئىدىم، لېكىن بوۋامغا ئېغىز ئاچساملا، ئۆزۈم ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. ئۇ چاغدا مەن ئەركە ئۆگىنىپ قالغانىدىم، پەقەت ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك يېيىشنىلا بىلەتتىم. بىزنىڭ ئۆيىمىز ماگىزىنغا يىراق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى، مەن بوۋامغا ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك سېتىۋالغىلى بارايلى، دەپ چاپلىشىۋالدىم. بوۋام كۈلۈپ قويۇپ: «بۇ بالىنىزە، ھازىر ماڭايلى، سىز ماگىزىنغا بارامسىز؟» دېدى. بوۋامنىڭ ماقۇل بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، كۈلۈپ كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ كەتتى.

 ئۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يامغۇرلۇق ئاياغنى كىيىپ، كۈنلۈك ئېلىۋالدى. ماڭىمۇ ئومۇميۈزلۈك «قوغداش تەدبىرى»نى قوللاندى، ئازراقمۇ يامغۇردا قالمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. لېكىن تۈنۈگۈن قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقى، بۈگۈنمۇ يېغىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئىشىك ئالدىدا يامغۇر سۈيى مېنىڭ ھوشۇقۇمغا كەلگۈدەك كىچىك دەريا بولۇپ ئېقىۋاتاتتى، مەن بىردىنلا يالتايدىم، بوۋام مېنى پەلەمپەيدە تۇرغۇزۇپ مېنى يۈدۈۋالدى. بوۋام ئىلگىرى ناھايىتى تېز ماڭاتتى، ئەزەلدىن سۆرەلمىلىك قىلمايتتى، ئەمما ھازىر ئۇ سۇغا كىرىپ، مېنى ھاپاش قىلىپ بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن ئالدىغا قاراپ ماڭدى، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا، ئەستايىدىل دەسسىدى. مەن كۈنلۈكنى چىڭ تۇتۇشقا ھەرقانچە تىرىشساممۇ، لېكىن كۈنلۈك يەنىلا سىڭايان بولۇپ كېتىۋاتاتتى، بوۋام مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ، ئوڭ قولىدا مېنى تۇتۇپ، سول قولىغا كۈنلۈكنى ئالدى. ئۇ مېنىڭ دۈمبىسىگە چاپلىشىپ، بوينىغا گىرە سېلىۋېلىشىمنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ، چېلەكلەپ قۇيغاندەك ياغقان يامغۇر تەدرىجىي كىچىك يامغۇرغا ئايلاندى، سۇ ئازگىلىغا تامچىلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر خۇددى تەسىرلىك مېلودىيەنى غىڭشىۋاتقاندەك، يېقىملىق مۇزىكا چېلىنىۋاتقاندەك ئىدى، مەن بوۋامنىڭ دۈمبىسىگە چاپلىشىپ، يۈزۈمنى بىر يانغا قىلىپ بىر چەتتىكى ئۆيلەرگە قارىدىم، يامغۇر سۈيى لەمپىلەرنى بويلاپ تىك- تاك، تىك- تاك، تىك- تاك قىلىپ تامچىلايتتى...

 ماگىزىنغا بارغاندىن كېيىن، مەن ئۇدۇل ئالماقچى بولغان ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىككە قاراپ يۈگۈردۈم، سېتىۋېلىپ بولساقلا ئۆيگە قايتاتتۇق. مەن ئۆرۈلۈپ بوۋامغا قارىدىم، شۇندىلا ئۇنىڭ مۈرىسىنىڭ ئاللىقاچان يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. بوۋام مېنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىمنى بىلگەندەك، بېشىنى بۇراپ ماڭا قاراپ يەنە كۈلۈپ قويدى. بوۋامنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلارمۇ بىر يەرگە يىغىلىپ قالدى، بۇ، يىللار يۈزىدە قالدۇرغان جىرالار ئىدى، ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭ قولىدىكى قاداقلار ناھايىتى قېلىن، قولى يىرىك بولۇپ، بۇ، ئەمگەكنىڭ قولغا داغلىغان ئىزناسى ئىدى. لېكىن ناھايىتى ئىللىق، مېنىڭ پۈتۈن بالىلىق دەۋرىم ئىدى.

 يازنىڭ يامغۇرى ھېلى يېغىپ، ھېلى توختاپ تۇرىدۇ، ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا يامغۇر توختىغان ئىدى، قۇياشمۇ چىقتى، ئىللىق قۇياش نۇرى ئېگىلىپ تۇرۇپ ھەممە شەيئىنى سۆيدى. بوۋامنىڭ قولىنىڭ ھارارىتى قەلب خانەمنى ئىللىتىپ، بالىلىق دەۋرىمنى تولدۇردى. بىر تال مامكاپ كۆك ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى، ئېسىمنى يىغىپ، بوۋامنىڭ مېنىڭ سانسىزلىغان دەقىقىلىرىمنى، ساناقسىز كېچە- كۈندۈزۈمنى ئىللىتقانلىقىنى چۈشەندىم.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى خۇاجوۋ رايونلۇق چېڭگۇەن ئوتتۇرا مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125