قەلبنى ئىللىتقان دەملەر|چىراغلار چاقناپ تۇرغان جاي مەنزىلىمدۇر
16:03:50 2023-09-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  لۇڭ شىجۇ

 مېنىڭ بۇرۇندىن كېلىۋاتقان بىر ئادىتىم بار، ھەپتىنىڭ بەشى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دائىم يېقىن ئەتراپتىكى قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ قاراپ باقىمەن، سومكامدىن سېرىق رەڭلىك قول چىراغ ئايرىلمايدۇ، قاتار كەتكەن فارفۇر رەڭلىك يول چىراغلىرىدىن ئۆتىمەن.

 بۇ ئادىتىم مەن خىزمەتكە قاتناشقىلى بىر مەزگىل بولغان، بارا- بارا ئۆزۈمنىڭ خىزمەت ۋاقتى ۋە مەزمۇنىغا كۆنۈپ قالغان ۋاقىتتىن باشلانغان. ھازىر شۇ چاغدىكى روھىي ھالىتىمنى ئەسلىسەم، بەكمۇ يىراقتىكى ناتونۇش تۇيغۇدەك بىلىنىدۇ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇندىكى تۇرمۇش تۈرلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى ئارىسىدا داۋام قىلاتتى. ئەگەر چوقۇم بىرەر نەرسىگە ئوخشىتىشقا توغرا كەلسە، ئۇ ۋاقىتتىكى مەن ئۆزۈمنى پۇرژىنىسىنى قۇلاققىچە بۇراپ قويۇۋەتكەن ماشىنا ئادەمدەك سېزەتتىم، ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ- تېنەپ كىيىملىرىمنى كىيىپ، يۈز- كۆزۈمنى يۇياتتىم، بەزىدە ھەتتا ناشتا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيتتىم. خىزمەتتە ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان ھەر خىل خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش تەس ئىدى، مەن مەيۈسلىنىشكە، خاپىلاشقا باشلايتتىم، ھەر قېتىم خاتالىق سادىر قىلسام ئۆزۈمگە بىر روھىي بېسىم قوشۇلاتتى. ھازىر قارىغاندا ساقلانغىلى بولمايدىغان، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق خاتالىق كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، مەن خۇددى ئالەمچە خاتالىق ئۆتكۈزگەندەك بېشىمنى كۆتۈرەلمەي قالاتتىم، باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.

 بىر ھەپتىنىڭ بەشى كەچتە، مەن خىزمەتتىكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن قاراڭغۇ چۈشكىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولدۇم، قورسىقىم ئېچىپ بولالماي قالغانىدىم، لېكىن كومپيۇتېرنى ئەتكەن ئاشۇ دەقىقىدە ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ قالدى. ئادەتتە بىر كۈن ئىشلىسەم، كەچتە ئۆيدە ئۆزۈمنى تاشلاپ ئولتۇرۇۋالغۇملا كېلەتتى، ئەمما مۇشۇ تاپتا تۇيۇقسىز سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلگۈم كەلدى، مەن مەقسەتسىزلا مېڭىپ، چىراغ نۇرى يوق بىر قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كېچىنىڭ سەل سوغۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ يىراققا قارىدىم، تۈمەنلىگەن ئۆيلەردە چىراغ يېنىپ تۇرۇپتۇ، بېشىمنى تۆۋەن سالدىم، تۇرۇۋاتقان جايىمدا بىرمۇ مەن ئۈچۈن يانغان چىراغ يوق ئىدى. بۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم.

 بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر مەن تەرەپكە كەلدى، كېچە قاراڭغۇلۇقى بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۇ قۇرۇپ قالغان لاي چاچراندىلىرى ۋە چاڭ- توزان يۇقۇپ كەتكەن خىزمەت كىيىمى، سېرىق رەڭلىك خىزمەت قالپىقى كىيىۋالغان بولۇپ، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقان ئىشچىدەك قىلاتتى. ئۇ مەندىن بىرنەچچە مېتىر يىراقلىقتا قول چىراغنى لاپىلداتتى، ئىللىق سېرىق نۇر يورۇدى. مەن ئۇنى يېقىن كېلىپ ماڭا كايىپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلاۋاتقىنىمدا، ئۇ تۇيۇقسىز جايىدا تۇرۇپ بىر خىل شېۋىدە ماڭا: «تېز ئۆيگە قايتىڭ، بۇ يەر قاپقاراڭغۇ، ئۆيىڭىز يورۇق ئەمەسمۇ!» دېدى. مەن بىردىنلا ھاڭ- تاڭ قالدىم، ئۇ يەنە ئانچە قولاشمىغان پۇتۇڭخۇادا: «ئۆيىڭىز يىراقمۇ؟ بولمىسا مەن سىزنى ئازراق يەرگىچە ئالغاچ ماڭايمۇ؟» دېدى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى بىنادىكى پىلاكاتقا: «مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچىلار ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنى رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلىش» دەپ يېزىلغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. بىردىنلا دېمىم ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.

 ئىشلىگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىدارىگە يېڭى كىرگەن چاغدىكى غەيرەتلىك، ئىرادىلىك، قانائەتچان ئۆزۈمنى ئېسىمگە ئالدىم، مەن تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى تەڭداشسىز ھېس قىلدىم، مەن بۇ ساھەدە ئۆزۈمگە تايىنىپ بىرەر نەتىجە ياراتماقچى بولدۇم. بەلكىم سانسىزلىغان ئىشلىگۈچى خىزمەتكە چۈشۈپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن گاڭگىراپ قېلىشى مۇمكىن، بەلكىم تۇرمۇش بېسىمى ئېغىرلىشىپ چېكىگە يەتكەن چاغدا ھەممەيلەن «مېنىڭمۇ لاڭلاڭشەندىن ئايرىلغۇم بار ئىدى ...» دېيىشى مۇمكىن. ئاشۇ دەقىقىلەردىكى ھېسسىياتى خۇددى چۈشىدە ماغدۇرسىز ھالدا چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان چېغىدىكى ھېسسىياتىغا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

 لېكىن ئادەمنىڭ مەنزىلى بولىدۇ، ئادەمنىڭ ھامان مەنزىلى بولىدۇ. سىز يىراقتىكى چەكسىز قاراڭغۇ كېچىدىن باشقا نەرسىنى ھېس قىلالمىغان چېغىڭىزدا، ئۆينىڭ «يورۇق» ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جۇڭگو تۆمۈريول 2- ئىدارىسى 5- قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

 ئاۋازدا: ئالمىرە غېنى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125