​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ياز پەسلىدىكى ھوسۇل
21:31:25 2023-09-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ۋاڭ زىيۆ


ئىچىملىككە مۇز پارچىسى سالغان، يېكەن يەلپۈگۈچنى يۇقىرى- تۆۋەن تەۋرەتكەن، تومۇزغىلار يۇقىرى ئاۋازدا سايرىغان چاغدا، تومۇز ئىسسىق يېنىك قەدەملەر بىلەن يېتىپ كەلدى.

بارلىق مەۋجۇداتلار ھاياتىي كۈچكە تولدى، دەرەخلەر بۈك- باراقسان بولۇپ، گۈللەر مىغغىدە ئېچىلىپ، قۇشلار ۋىچىرلاشتى... ھەممە نەرسە قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، قۇياش ھاياجانلانغان ھالدا نۇرىنى يەر يۈزىگە چېچىپ، كىشىلەرنىڭ بېشىدا پارلىدى، بىر تۇخۇمنىڭ پىشىپ كېتىشىدە مەسىلە يوق ئىدى، قاتناش چىرىغى بار يول ئېغىزىدا نەچچە ئون سېكۇنت ساقلاشنى دېمەيلا قويايلى. ئەپسۇس، ئەسلىدە ئۆيدە دەم ئېلىشتىن بەخىرامان بەھرىمەن بولىدىغان مەن «قاتناش ئاممىۋى پاراۋانلىقى زېرەكچېكى» بولىدىغان بولدۇم.

مەن پوستتا تۇرغان قىزىل- يېشىل چىراغ يول ئېغىزىنى قۇياش «يورۇتۇپ»، بىر تەرەپتىكى ئاسما كۆۋرۈك ئاستىدىكى سالقىن دۇنيا بىر جۈپ چوڭ قولى بىلەن مېنى جەلپ قىلماقتا ئىدى، بۇنداق ئېزىقتۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇش ناھايىتى تەس ئىدى. لېكىن مەيدەمدىكى بېزەك لېنتا ۋە قىزىل گالىستۇك مېنى سەگەكلەشتۈردى، مەن چىشىمنى چىشلەپ داۋاملىق ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇردۇم. گەرچە پەقەت بىر سائەتلا ۋاقىت بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئوتتەك ئاپتاپ ئاستىدا چىدىماق تەس ئىدى.

ھەر قېتىملىق قىزىل- يېشىل چىراغنىڭ ئۆزگىرىشى خۇددى بىر مەيدان كىشىلىك ھاياتتىكى ھەر خىل ھالەتلىك تىياتىرغا ئوخشايدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن، بەزى ئاتا- ئانىلار بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يان تېلېفون ئوينايدىكەن، كەينىدىكى بالىسى ھەممە يەردە قالايمىقان يۈگۈرۈپ يۈرىدىكەن؛ بەزىلەر خۇددى ئوغرى تۇتۇۋاتقاندەك، يېشىل چىراغنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سېكۇنتىدىمۇ بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن؛ بەزىلەر قىزىل رەڭنى تونۇمايدىغاندەك، قىزىل چىراغ يانغاندا خۇددى يېنىدا ئادەم يوقتەك پىيادىلەر توغرا يول سىزىقىدىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن؛ بىراق يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئادىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىكەن، يېشىل چىراغ يانسىمۇ تېز ماڭىدىكەن، بەزىلىرى ياشىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىدىكەن، ئاستا ماڭغاندا يەنە ئۆتۈۋېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان شوپۇرلارغا رەھمەت ئېيتىپ بېشىنى لىڭشىتىدىكەن، بەزىلىرى ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قولىنى پۇلاڭلىتىدىكەن.

بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىر ياشانغان كىشى كەلدى، ياشانغان كىشىنىڭ چىرايىدىن يىللارنىڭ ئىزنالىرى چىقىپ تۇراتتى، ئاقارغان قىسقا چاچلىرى تەرلەپ ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى، قىسقا كۆڭلىكىمۇ ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى، ئۇ بېلىنى ئېگىپ تەسلىكتە ماڭاتتى، قولىدا بىر تال ئۇزۇن قىسقۇچ بار ئىدى، شازا ئەخلەت بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ مەن ئاۋۋال ھاڭۋىقىپ قالدىم، يەنە دەرھال بىر پارچە قەغەز ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم، ياشانغان كىشى قەغەزنى ئېلىپ پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتتى، ئېغىزىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇ ماڭا قاراپ مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ، يۇقىرى- تۆۋەن پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ: «قىزچاق، غەيرەت قىلىڭ!» دېدى، ئاندىن يەنە مۈرەمگە شاپىلاقلاپ قويۇپ، قۇياش نۇرى ئاستىدىكى بىر تاماكا قالدۇقىغا قاراپ ماڭدى، يۈرىكىم سەل لەرزىگە سېلىندى: بۇ ماڭا بېرىلگەن مەدەت بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ بېرىلگەن مەدەت ئىدى!

مېنىڭ بۇ يەردە پىدائىي بولۇشۇم پەقەت بىر سائەتلىك چېنىقىش، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەمگەكچىلەر بولسا كۈنلەپ، يىللاپ شۇنداق ئىدى. سالقىن شامال چىقىپ، بوۋاي تەرەپكە قاراپ ئۇچتى.

بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى، بېزەك لېنتا قۇياش نۇرىدا ئالتۇن نۇر چېچىپ تۇراتتى، قىزىل گالىستۇك شامالدا لەپىلدەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ روھىنى ئېلىپ يىراقلارغا تارقالدى.

بۇ يازلىق تەتىل قەلبىمنى ئوزۇقلاندۇردى ۋە ئۆسۈپ يېتىلدۈردى، ئەسلىمىلىرىمنى گۈزەللىك ۋە رەڭدارلىققا تولدۇردى. مەن كەلگۈسىدىكى ھەربىر كۈننىڭ بۇ يازغا ئوخشاش ھوسۇل ۋە ئارزۇ- ئىستەكلەرگە تولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سۇجوۋ پەن- تېخنىكا شەھەرچىسى چەت ئەل تىلى مەكتىپى)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

ئاۋازدا: ئالمىرە غېنى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125