9- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە شىنجاڭ سەنئەت تىياتىر ئورنى مىللەتلەر مۇزىكا ئوركېستىرى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى مۇزىكا شۆيۈەنى جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۈچ مەيدان «تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى» نامىدىكى ئەمەلىي مەنزىرىلىك مۇزىكا بەزمىسى ئۆتكۈزدى.
9- ئاينىڭ 24- كۈنى كۇچا شەھىرىنىڭ رەستە ئىتتىپاق مەيدانىدا مۇزىكا بەزمىسىنىڭ نومۇرلىرى ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىكى ئاممىنىڭ مەيداندىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى. «خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك». ئاممىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن مۇزىكانتلار دەرھاللا چالغۇلىرىنى ئۇسسۇل پەدىسىگە چالدى. «تاپىنى قىزىپ» تۇرغان ئامما دەرھاللا مەيدانغا كىرىپ، ئۇسسۇلغا چۈشتى. ئارتىسلار بىلەن نەق مەيداندىكى ئامما بىرلىكتە قانغۇچە ئۇسسۇل ئوينىغاندىن كېيىن، مۇزىكا بەزمىسى ئاممىنىڭ رازىمەنلىكى ئىچىدە ئاياغلاشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)