​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| بىر چىنە نەشپۈت سۈيى قەلبىمنى تاتلىق قىلدى
16:56:00 2023-10-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

چېن لېجىڭ

 ھەر قېتىم يىراقتىكى يۇرتۇمنى ئەسلىگىنىمدە، بىر خىل تاتلىق تۇيغۇ قەلبىمنى چىرمىۋالىدۇ، ئۇ ئەسلىمەمدىكى ئەڭ ئالاھىدە، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز تەم. چۈشۈمدە، مەن نەچچە مىڭ قېتىم ئەسلەپ، تېتىپ باقتىم.

 غازاڭلار شامالدا ئۇچۇپ، خۇددى ياش قىزنىڭ مىچىلداپ يىغلىغان ئاۋازىغا ئوخشاش شىلدىرلايتتى. ھويلىدا بوۋام كۆڭۈل قويۇپ باققان گۈل- گىياھلار ئاستا ئۆسسە ئەتىۋارلانماي قېلىشتىن ئەنسىرىگەندەك بولۇشىغا ئاينىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىنىڭ ئىچىنى سىقىپ قوياتتى. بېشىم ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىۋاتاتتى، گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغۇدەك ھەپسىلەم قالمىغانىدى. «ئېھ، ئېھ، موما ...» مەن ماغدۇرسىز ھالدا چاقىردىم. مومام ئالدىراپ- تېنەپ دورا ئەكىلىپ بەردى، دورا ئىچىۋاتقىنىمغا نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايۋاتاتتى، بۇ ئاچچىق تەمگە يەنە چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. مەن ئەركە خېنىملىق خۇيۇمنى چىقىرىپ، قولۇمنى شىلتىپ دورىنى ئۆرۈۋەتتىم، «جاراڭ»ڭىدە قىلىپ چىنە چېقىلىپ كەتتى، دورىمۇ يەرگە تۆكۈلۈپ كەتتى، مومامنىڭ كىيىمىگىمۇ بىرمۇنچە چاچراپ كەتتى. مەن سەل ئوڭايسىزلاندىم، لېكىن ئاچچىقلانغان قىياپەتتە بېشىمنى بۇرىۋالدىم، كۆزلىرىمنىڭ مومامنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن قورققانىدىم. 

 مومام ھېچنېمە دېمىدى، پەقەت چىنە سۇنۇقلىرىنى ئۈن- تىنسىز يىغىشتۇرۇپ، يەنە جىممىدە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئەتراپ بىر ھازا جىمىپ كەتتى، ئۆيدە قېلىپ قالغان سۇس، قىرتاق پۇراقنى پۇراپ، ئىچىمدە ئازراق خىجىل بولدۇم. ئوغرىلىقچە كارىۋاتتىن چۈشۈپ، ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاستاغىنە ئاچتىم، ئاجىز چىراغ نۇرى ئاستىدا مومامنىڭ قارىسى ئاجىز ھەم غۇۋا كۆرۈندى. 

 مەن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، ئاستا مېڭىپ باردىم. مومام نەشپۈت پارچىلاۋاتاتتى، مېنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇ بىر پارچىسىنى ئېلىپ ئاغزىمغا سېلىپ قويدى، كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى. نەشپۈت شەربىتىنىڭ شېرىن تەمى بوغۇزۇمغا تەسىر قىلدى، چەكسىز تاتلىق ھەم تەملىك بىلىندى. ئېغىرلىشىپ تۇرغان كاللام يېنىكلەپ قالغاندەك بىلىندى. «بەك تاتلىقكەن!» دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ مومامغا. 

 مومام قولىدىكى ئىشنى توختاتماي، نەشپۈتنىڭ تىرىپىنى قۇم قازانغا سېلىپ، ئوتنى پەسەيتىپ، ئاندىن سۇ قۇيۇپ ۋە ناۋات سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ، ئالدىرىماي قاينىتىشقا باشلىدى. 

 مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ مومامغا قارىدىم، چاچلىرى چارلاشقان، قورۇقلارمۇ ئاستا- ئاستا يۈزىگە ياماشقانىدى، پەقەت نۇرلۇق كۆزلىرى باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرمىگەنىدى، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغان كۆزلىرى چاقناپ تۇرغان بولۇپ، چوڭقۇر مۇھەببىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

 «ئەمدى ئىچسەك بولىدۇ.» مومام شۇنداق دېگەچ ئوتنى ئۆچۈردى. تۇۋاقنى ئېچىپ، ئاۋۋال قوشۇقنى ئېلىپ ئاستا- ئاستا ئارىلاشتۇردى، ھاۋادىنمۇ نەشپۈتنىڭ خۇش پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. مومام بىر چىنە ئۇسۇپ، بىر قوشۇق ئېلىپ پۈۋلىدى، «سوۋۇدى، بىر يۇتۇم ئىچىڭ، خاتىرجەم بولۇڭ، ئاچچىق ئەمەس.» نەشپۈت سۈيى شۇنداق قىلىپ ئاغزىمغا كىردى، ئۇ شېرىن تەم مېنىڭ تەم سەزگۈچى ھۈجەيرىلىرىم ئارىسىدا يېيىلىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتۈن بەدىنىمنى ئىللىتىۋەتتى. 

 نەشپۈت سۈيىنىڭ بۇنداق شېرىن بولۇشى ناۋات سېلىنغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا مومامنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى ۋە كەڭ قورساقلىقى سىڭگەنلىكىدىن ئىدى. ئوقتەك تېز ئۆتكەن يىللاردا، بىر چىنە نەشپۈت سۈيى بىر ئۆمۈر مېنىڭ ئېسىمدىن چىقمىدى.

  (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۇي شەھىرى ليەندۇ رايونلۇق چۇجوۋ ئوتتۇرا مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125