پەسىل ئالماشقاندا ئاسما ئوكۇل سالسا مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ دوختۇر ھەقىقەتەن زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ئەسكەرتتى!
13:51:54 2023-10-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ھەر يىلى پەسىل ئالماشقاندا، نۇرغۇن ياشانغان كىشى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاسما ئوكۇل سالدۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خېلى بىر قىسمى مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار بولۇپ، ھەر يىلى ئەتىياز، كۈز پەسلى ئالماشقاندا قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇپ مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن ئاسما ئوكۇل سالدۇرغىلى كەلگەنلىكىنى سورىغاندا، كۆپىنچىسى سەۋەبىنى دەپ بېرەلمەيدۇ، بىر قىسىم ئاغرىقلارنىڭ بېشى ئېغىرلىشىپ، بېشى قايىدۇ، يەنە بەزىلىرى بىئارام بولمىسىمۇ، باشقىلاردىن ئاسما ئوكۇل سالدۇرسا مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان.

مېڭە تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىشى يۇقىرى قان بېسىمى، قان تەركىبىدىكى ماي كۆپىيىپ كېتىش، دىيابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، مېڭە ئارتېرىيەسى بوتقىسىمان قېتىشىش قاتارلىق كۆپ خىل خەتەرلىك ئامىللارنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاننى جانلاندۇرۇپ ئۇيۇغان قاننى ئېرىتىدىغان، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان، ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرىدىغان ھەم قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىشىغا قارشى تۇرىدىغان دورىلارنى ئۇكۇل قىلىپ سالدۇرۇش ئارقىلىق تۈپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

دۆلەت ئىچى ھەم سىرتىدىكى كۆرسەتمىلەردە ئاسما ئۇكۇل سالدۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق مېڭە تىقىلمىسى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياشانغانلارنىڭ ئەزالىرى زەئىپلىشىپ، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، دورىنى مېتابولىزم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، ئاسما ئۇكۇل سالدۇرۇش خەۋپى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بۇ تۈردىكى دورىلارنى قارىغۇلارچە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرۇش، ئەكسىچە، قاناش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەدبىر ھەم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

خەتەرلىك ئامىللارغا پائال ئارىلىشىپ، ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، كېسەللىك خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىنى تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە ئارىلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

1. قان بېسىمىنى ياخشى كونترول قىلىش

يۇقىرى قان بېسىمى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىلى بولۇپ، ۋاقتىدا دورا ئىچىش، ھەر كۈنى قان بېسىمىنى ئۆلچەپ تۇرۇشتىن باشقا، يەنە ناترىي تۇزىنى قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش، تاماكا تاشلاش، كەيپىياتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

2. قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلىش

دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قان شېكىرىنى كونترول قىلسا بولىدۇ، قان شېكىرى زىيادە يۇقىرى ياكى زىيادە تۆۋەن بولسا سالامەتلىككە زىيانلىق، شۇڭا يېمەك- ئىچمەك، ھەرىكەت ۋە دورا بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

3. قان تەركىبىدىكى ماينى ياخشى كونترول قىلىش

قان تەركىبىدىكى ماينىڭ قالايمىقانلىشىشى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم خەتەرلىك ئامىل، تۇراقسىز داغ پارچىلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى. شۇڭا، يېمەك- ئىچمەكنى تۇزسىزراق، مايسىزراق يېيىش، قاندىكى ماينى تەڭشەيدىغان دورىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

4. يۈرەك دالانچىسى تىترىشىنى ياخشى كونترول قىلىش (قىسقارتىلىپ دالانچە تىترەش دېيىلىدۇ)

قان يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسىم مېڭە سەكتىسىنى دالانچە تىترەشتىن كېلىپ چىقىدىغان نوكچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. داۋاملىشىش خاراكتېرلىك دالانچە تىترەش ياكى تۇتقاقلىق خاراكتېرلىك دالانچە تىترەش ئاغرىقلىرى چوقۇم ۋاقتىدا دورا ئىچىپ، يۈرەك رىتىمىنى كونترول قىلىشى، دوختۇرخانىغا بېرىپ مېڭە سەكتىسىنىڭ خەتىرىنى باھالاپ، بالدۇر كونترول قىلىپ، خەتەرنى ئازايتىشى كېرەك.

5. ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش

سوزۇلما كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ياشانغان ئاغرىقلار چوقۇم تاماكا تاشلىشى كېرەك؛ ماجاڭ ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان ياشانغانلار كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك؛ ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ياشانغانلار ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ تۇزلۇق تاماققا ئامراق ياشانغانلار تۇز، مايغا چەك قويۇپ، يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. شارائىتى بارلارغا ھەر يىلى سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرىنى بالدۇر بايقاش ۋە ئۇنىڭغا ئارىلىشىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

شۇڭا، پەسىل ئالماشسىلا ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق، تۇرمۇشتا ۋاقتىدا دورا ئىچىش، قانۇنىيەتلىك ئوزۇقلىنىش، يېتەرلىك ئۇخلاش، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش قاتارلىقلاردىن باشقا، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ بېشارىتىنى ۋاقتىدا بايقاش مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125