قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | قەلبكە تۇتاشقان ئوت
16:38:59 2023-10-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 چيۇ يۈخەن

 2019- يىلىنىڭ بېشىدىكى باھار بايرىمىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن سىڭلىم دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ، ئەسلىدىكى باھار بايرىمىنى قىقاس ئۆتكۈزۈش پىلانىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.

 ئاپام كېچە- كۈندۈز دوختۇرخانىدا سىڭلىمغا ھەمراھ بولدى. دادام ھەر كۈنى سائەت 6دە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق سېتىۋېلىپ، ئاپام بىلەن سىڭلىمغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئاندىن ئىشقا باردى. كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا تاماق ئاپىرىپ بېرىپ، ئاندىن ئۆيگە كېلىپ مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالدى. قىسقىسى، شۇ مەزگىلدە ئۆيدىكى ھەممەيلەن تولىمۇ جاپادا قالدۇق.

 باھار بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى چۈشتە، مەن دادامدىن مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ئاپام بىلەن سىڭلىمنى كۆرسىتىپ كېلىشىنى ئۆتۈندۈم. دادام ماڭا گەپ يېگۈزەلمەي، ئامالسىز ماڭا تاماق قاچىسىنى كۆتۈرتۈپ ئەگەشتۈرۈۋالدى. سىرتتا قار يېغىۋاتاتتى، خوجىلىق شىركىتى يول بويىغا ئېسىپ قويغان قىزىل پانۇسلار ئاق رەڭ ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى، ئونىنچى قەۋەتتىكى ئۆيىمىزدىن پەسكە قارىغاندا، ئاپئاق رەڭ ئىچىدىكى قىزىل چىراغلار شامالدا لەپىلدەپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. 

 «تاراق» قىلغان ئاۋاز بىلەن كارىدوردىكى يەنە بىر ئىشىك ئېچىلدى، ئۇدۇل ئۆيدىكى شەرقىي شىمالدىن كەلگەن بوۋاي- مومايلار ئىكەن، دادام ئۇلاردىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى. بىزنىڭ قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇۋاتقىنىمىزغا ئون يىلغا يېقىن بولدى، دائىم ئۆزئارا يۇرتىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى سۇنۇشۇپ، كىرىش- چىقىش قىلىپ يۈرۈپ، ئۆزلىشىپ قالدۇق. مەن بەزىدە تېخى ئۇدۇلدىكى مومام ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن مانتىغىمۇ ئېغىز تېگىپ تۇراتتىم.

 «بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن»، موماي بۇرۇنقىدەكلا خۇشخۇي ئىدى، «سىلەر بايرامنى بۇ يىلمۇ خاڭجوۋدا ئۆتكۈزەمسىلەر؟». «شۇنداق» دەپ دادام كۈلۈپ قويدى، ئاندىن مەن كۆتۈرۈۋالغان تاماق قاچىسىنى كۆرسىتىپ: «بالىنىڭ كىچىكى ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، ئۇنىڭغا تاماق ئېلىپ ماڭدۇق» دېدى. «ئەستا، كىچىكىگە نېمە بولغان، نېمە ئىش بولدى؟». دادام تولۇق چۈشەندۈرۈپ بولغىچە، لىفىت يەر ئاستى بىرىنچى قەۋەتكە چۈشتى. قوشنىلار بىلەن ئالدىراپ- تېنەپ خوشلىشىپلا، دادام ئاپتوموبىل ھەيدەپ مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى.

 دوختۇرخانا ئىچىنىڭ ھەممىلا يېرى دېرىزە سىرتىغا ئوخشاش ئاق رەڭدە بولۇپ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى پۇراپ تۇراتتى. مەن سىڭلىمنىڭ كارىۋىتىنىڭ لېۋىگە جەينەكلىرىمنى تىرەپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ماسكا تاقىۋالغانلىقىنى كۆردۈم، ئاپام ماڭا بۈگۈن نەپەسلەندۈرگۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى، ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى ھەمدە دادامنى مېنى دەرھال ئۆيگە ئاپىرىۋېتىشكە ئالدىراتتى، مېنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىدى.

 دادام پۈتۈن چۈشتىن كېيىن ئۆيدە ماڭا ھەمراھ بولدى، كەچتە ئادەت بويىچە تاماق ئاپىرىپ بەرگىلى ماڭدى، مېنى ئېلىۋالمىدى. ئۇ ماڭا بىر قاچا تۇخۇم بىلەن قورىغان مىفەن قويۇپ قويدى، قورسىقىم ئاچمىدى، شۇڭا تاماقنى يېمىدىم. مىفەن سوۋۇپ قېتىپ قالغاندا، مەن ئاندىن بېشىمنى سېلىپ قاچىدىكى مىفەننى ئالدىمغا تارتتىم. دېرىزە سىرتىدا بىرنەچچە تال ساليۇت ئېتىلىپ، قاردىكى قىزىل پانۇسقا ئوخشاش چاقناپ چىققان نۇر كۈندۈزدىكىدىنمۇ بەكرەك كۆزنى قاماشتۇرۇۋەتتى. بۈگۈن باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى، بۈگۈن ھارپا ئاخشىمى، بۈگۈن ئەسلىدە ... 

 ئىشىك قوڭغۇرىقى سايراپ، خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى. مۈشۈك كۆزدىن قارىسام، ئۇدۇلىمىزدىكى موماي ئىكەن.

 ئىشىكنى ئاچتىم، موماي ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.

 «بالام، دادىڭىز يەنە تاماق ئاپىرىپ بەرگىلى كەتتىمۇ؟ ھارپا كۈنى بولغاندىكىن، بىزنىڭكىدە ئازراق قورۇما قورۇدۇق، بىللە يەمدۇق؟» دېدى.

 بوۋاي بىلەن موماينىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن چىراغ ياندۇرۇلغان بولۇپ، ئىللىق رەڭلىك چىراغ نۇرى قاراڭغۇ كارىدورغا ئۇدۇل چۈشۈپ، خۇددى كىچىك ئوت يالقۇنىدەك ئۇدۇلدىن ئاز- ئازدىن قەلبىمگە تۇتاشتى.

 ئىشىكنى ئاچقان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، مەن توڭلىمىدىم.

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى چيۇ يۈخەننىڭ قوشنا موماي بىلەن چۈشكەن سۈرىتى

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى چاڭياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125