يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاچقۇچ. يېڭىسار ناھىيە سۆگەت يېزىسى خاس كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، كەپتەر باقمىچىلىقىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.
10- ئاينىڭ 20- كۈنى، يېڭىسار ناھىيە سۆگەت يېزىلىق خۇڭشىليۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگىنىمىزدە، رەتلىك تىزىلغان كەپتەر قەپەزلىرىدە 4000 جۈپتىن ئارتۇق كەپتەر بۇقۇلداپ تۇراتتى، باقمىچىلار كەپتەرلەرگە يەم، سۇ بەرگەچ، كەپتەرلەرنى شۇ كۈنلۈك سېتىپ چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.
يېڭىسار ناھىيە سۆگەت يېزىلىق خۇڭشىليۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابلىكىم ئابباس مۇنداق دېدى: بىز ھازىر ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 100 كەپتەر ساتالايمىز، مۇقىم سېتىش يولىمىز بار، ھەر بىر كەپتەرنىڭ باھاسى 20 يۈەن، ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم 300 ئەتراپىدا كەپتەر تۇخۇمى يىغىۋالىمىز، بۇنىڭ بىر قىسمىدىن باچكا چىقارساق، يەنە بىر قىسمىنى بازاردا ساتىمىز، ھەر بىر كەپتەر تۇخۇمىنىڭ باھاسى 4 يۈەن 5 مو بولۇۋاتىدۇ.
بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئاساسلىقى، سورتى ياخشى، دەۋرىيلىكى قىسقا، سېلىنما ئاز كېتىدىغان، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان ئاق قاشتېشى شاھى گۆش كەپتىرىنى باقتى، ئىلغار باچكا چىقىرىش ماشىنىسى سېتىۋېلىش، تېخنىك خادىملارنى قەرەللىك تەكلىپ قىلىپ تەربىيەلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، باقمىچىلىق كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
كوپىراتىپنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، باچكا چىقىرىش، باقمىچىلىق، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان گۆش كەپتىرى كەسىپ زەنجىرى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، 12 نەپەر كەنت ئاھالىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. كوپىراتىپنىڭ خىزمەتچىسى بۇخەلچەم ئىممەت مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە ئىشلەيمەن، ئايلىق ئىش ھەققىم 2000 يۈەن ئەتراپىدا، بۇ يەردە ئىشلەپ مائاش ئېلىپلا قالماي، يەنە كەپتەر بېقىش تېخنىكىسىنىمۇ ئۆگىنىمەن، ئۆيۈمگە يېقىن، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن.
(يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى يۈسۈپجان روزى، يىن جياخۇي خەۋىرى)