تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، سېمىز كىشى بارغانسېرى كۆپەيدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ۋە سېمىزلەرنىڭ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەر توپىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40تىن يۇقىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بالىلار ئارىسىدىمۇ %10 - %20 ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ياكى سېمىزلەر بار ئىكەن.
بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا زىيادە كۆپ ماي ھۈجەيرىلىرى ياكى توقۇلمىلار بىرىكىپ، بەدەندىكى ئوخشاش بولمىغان ئەزالارغا يېقىنقى مەزگىللىك ۋە يىراق مەزگىللىك پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، جىگەرنى ماي قاپلاش، دىيابېت كېسىلى، قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىش كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىش قاتارلىقلار.
شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇن ئاتا- ئانا ۋە بالا ئورۇقلاش توغرىسىدىكى تارقىلىپ يۈرگەن ھەر خىل گەپلەرگە مەپتۇن بولۇپ، ئارقا- ئارقىدىن «ئورا»غا چۈشۈپ كېتىدۇ، ھالبۇكى تارقىلىپ يۈرگەن بۇ گەپلەر ئورۇقلىتىش رولىنى ئوينىيالمايلا قالماستىن، ھەتتا بالىلارنىڭ بەدىنىگە زىيان قىلىدۇ.
شۇڭا، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ئورۇقلاش يولىدا «خاتا مېڭىپ قېلىش»تىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، تۆۋەندە بالىلارنىڭ ئورۇقلىشى جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراشلارنى رەتلەپ چىقتۇق، بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
1. كىچىك ۋاقتىدا بۇدرۇقراق بولسا ئوماق كۆرۈنىدۇ، چوڭ بولغاندا تەبىئىيلا ئورۇقلايدۇ
خاتا
ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇلۇش، بوۋاقلىق مەزگىلى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان مەزگىل ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىكى ئاسانلا سېمىزلىك يۈز بېرىدىغان تۆت كۆزنەك مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار يېمەك- ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارنى يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم مەزگىلدە تۇرىدۇ، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان سېمىز بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتكۈچە ھەتتا قۇرامىغا يەتكۈچە سېمىز بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلارنىڭ سېمىزلىكى يەنە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى، سۆڭەك ھەمدە پىسخىكا، بىلىش، ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.
2. ئورۇقلاش ئۈچۈن گۆشنى ئاز يېيىش، ھەتتا گۆش يېمەسلىك كېرەك
خاتا
ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى بولغان گۆش ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا تۇرۇۋاتقان بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئىشتىھاسى ياخشى بالىلار كۆپ مىقداردا گۆش يېيىش بىلەن بىللە كۆپ مىقداردا ماي ۋە قەنت قوبۇل قىلىدۇ، بۇ، دەل سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى كۈشكۈرتكۈچى.
شۇڭا، بالىلار ئورۇقلاش جەريانىدا گۆش تۈرىدىكىلەرنى تاللاشتا تېرىسى ئېلىۋېتىلگەن قارا گۆشنى ئاساس قىلىشى كېرەك، بېلىق، راك، تۇخۇم، سۈتمۇ ناھايىتى ياخشى تاللاش بولۇپ، قوبۇل قىلىش مىقدارىدا كەسپىي خادىملارنىڭ تەۋسىيەسىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. تاماق ئېتىش ئۇسۇلىدا ماي، قەنت مىقدارى تۆۋەن بولۇش، ھوردا پىشۇرۇش، سۇدا پىشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار مۇۋاپىق.
(داۋامى بار)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)