سىز بالىلارنىڭ ئورۇقلىشىدىكى ئاشۇ «ئازگال»نىڭ نەچچىسىگە چۈشۈپ كەتتىڭىز؟ (2)
11:36:27 2023-11-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

3. مېۋە شەربىتى سۈتىنى قانچىلىك ئىچسە بولۇۋېرىدۇ

خاتا

نۇرغۇن ئاتا- ئانا مېۋە شەربىتى سۈتى ساغلام يېمەكلىك دەپ قارايدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ ئىچىشىگە چەك قويمايدۇ.

ئايرىپ ئېيتقاندا، مېۋە شەربىتى مەيلى يېڭى سىقىلغان بولسۇن ياكى ماگىزىندىن تەييار سېتىۋېلىنغان بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە مۇكەممەل مېۋىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى قەنت ۋە تېخىمۇ ئاز ئوزۇقلۇق ماددىلار (يورۇقلۇقتا پارچىلىنىش، مېخانىكىلىق بۇزۇلۇش قاتارلىقلار) بولۇپ، ئىچىشكە چەك قويۇپلا قالماي، ئەڭ ياخشىسى مېۋىنىڭ ئۆزىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مېۋىنىڭ ئۆزىنى يېگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ھەر كۈنى بىر كىشىلىكلا ئىستېمال قىلىش كېرەك.

كالا سۈتىنى، بىز دائىم كۆپ ئىچىپ بەرسە بويى ئۆسىدۇ دەيمىز، چۈنكى سۈتنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ۋە كالتسىي ماددىسى مول، لېكىن سۈتنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچمىگەندە، ئاسانلا ياغ زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇڭا، سېمىز بالىلارغا نىسبەتەن، ھەر كۈنى 300 مىللىلىتىر ئەتراپىدا قايمىقى ئاز ياكى قايمىقى سۈزۈۋېلىنغان سۈتنى تاللاپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشتۇرۇپ، كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

4. ئاساسلىق تاماقتا قارا ئاشلىقنى ئاساس قىلىش

خاتا

شېكەرنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولغاچقا، قارا ئاشلىق ئورۇقلىغۇچىلار ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشتى. لېكىن ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بالىلار قارا ئاشلىقنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلسا، ئاشقازان- ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، قورساق كۆپۈش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدىنىنىڭ كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، قارا ئاشلىقنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكتە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

5. يۇقىرى سىجىللىقتا ھەرىكەت قىلىش 

خاتا

چۈنكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئاساسىي سانى چوڭ بولغاچقا، يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەت ئاسانلا تىزنىڭ زەخىملىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ قىسىم سېمىزلىكنى ناچار تۇرمۇش ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، ئورۇقلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بىز ناچار ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك.

مۇۋاپىق بولمىغان غىزالىنىش ئادىتىدىن باشقا، سېمىز بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزاق ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، بىز ئۇلارنى ئورۇندۇقتىن تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن، ۋېلىسىپىت مىنىش، توپ ئويناش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرسەك بولىد، مەكتەپكە بېرىش- كېلىشتە مېڭىش، دەم ئېلىش كۈنلىرى دالا سەيلىسى قىلىش، تاغقا چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرساق بولىدۇ، ھەر كۈنلۈك ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى بىر سائەتكە يېتىشى كېرەك.

يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەتكە كەلسەك، ئازراق ئورۇقلىغاندىن كېيىن، ئاندىن كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

6. سېمىزلىك ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان

خاتا

گەرچە كۆپ قىسىم سېمىزلىك ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم بالىلاردىكى سېمىزلىكنى بۆرەك ئۈستى بېزى ياكى مېڭە ئاستى بېزى قاتارلىق ئەزالاردىكى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئورۇقلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، ئالاقىدار كېسەللىكلەر يوقلۇقىنى ئېنىقلىۋېلىش تېخىمۇ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان سېمىزلىك بولسا، كېسەلنى داۋالىغاندىن كېيىن، بەدەن ئېغىرلىقى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تەڭپۇڭ بولماسلىق بالىلارنىڭ ئورۇقلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ سەۋەب، ئالدى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئوزۇقلۇق بۆلۈمىگە بېرىپ كەسپىي مەسلىھەت سوراش كېرەك؛ ئاتا- ئانىلار ئۆيىدە بالىلارنىڭ ئورۇقلىشىغا ياردەم بەرگەندە، كەسپىي خادىملارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ناچار ئادەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلسا بولىدۇ؛ شېكەر، ياغ، تۇز تەركىبى يۇقىرى ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەر (تورت، ياڭيۇ ياپراقچىسى، كەمپۈت، كولا، ئەتكەن چاي، ماروژنى قاتارلىقلار)نى چەكلەش؛ يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تاللاش، قەرەللىك، نورمىلىق غىزالىنىش، ماي ئاز بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ھەر قېتىملىق تاماقتا ھەر خىل يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى تەپسىلىي خاتىرىلەش؛ تاماق يېگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش؛ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى كۆرۈش ۋاقتىنى ئازايتىش، ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، سىرتتا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش؛ يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار.

(تۈگىدى)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125