«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك
23:46:44 2023-10-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (22)

شىن شىجيەن

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن قانۇنىيەت ئىگىلىنىپ، ئۇسۇل ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئەقىل- پاراسەت ئاشۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى... 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشى، ئالدىدا ئىشلىشى ئارقىلىق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا دەرىجىمۇدەرىجە ئۈلگە كۆرسىتىش، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ ئىشلەشتەك ياخشى كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

ئۆزى باشلامچى بولمىسا باشقىلار بويسۇنمايدۇ، ئۆزى ئۈلگە بولمىسا باشقىلار قايىل بولمايدۇ. «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقۇچى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى رەھبەرلىك قىلغۇچى، تەشكىللىگۈچى، تۈرتكە بولغۇچى بولۇپ، ئۈلگىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىش، روھىي جەھەتتىن چېنىقىشنى قوبۇل قىلىپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىشقا يېتەكلىيەلەيدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر يېتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، پارتىيەنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىغا زىيان يېتىدۇ.

نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈلگە بولۇش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇش باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسى. رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «تايانچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق نەزەرىيە ئۆگىنىشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ھەم ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ئىدىيەۋى ئۇسۇل، خىزمەت ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلەپ، باشقا پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنىڭ سوئاللىرىغا ۋاقتىدا، توغرا جاۋاب بېرىپ، مۈجمەللىكلىرىنى تۈگىتىپلا قالماي، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ قاتلاممۇ قاتلام يېتىشىپ ئۆگىنىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئۈلگە بولۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، مۇھىم مەزمۇنى. رەھبىرىي كادىرلار «تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ ياخشى دورا ماتېرىيالى يىغىش» ئىرادىسى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ مەسىلىلەرنى بايقىشى، بولۇپمۇ يېزا- كەنتلەرنىڭ بىرىنچى سېپىگە كۆپرەك بېرىپ، قىيىنچىلىق كۆپ، ئاممىنىڭ پىكرى مەركەزلەشكەن، خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتىش قىيىن بولغان جايلارغا كۆپرەك بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلىشى، مەسىلىلەرنى تېپىشى كېرەك؛ «لۇشەن تېغىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇش» ماھارىتى بىلەن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئاخىرغىچە تىرىشىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىق بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە تىكلىگەن، باشلامچى بولغاندىلا، ئاندىن راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەۋج ئالدۇرۇپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولالايدۇ.

تۈزىتىش- ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇش كېرەك. تۈزىتىش- ئەمەلىيلەشتۈرۈش باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچ. رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، ئانالىز قىلغان مەسىلىلەر، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يولۇققان مەسىلىلەر، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈرمۇتۈر مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ ھەمدە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى دەرھال تۈزىتىشى، دەماللىققا ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىدا مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەسلىكى، تۈزىتىش- ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ھەقىقىي تۈزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرمۇبىر چىڭ تۇتسا، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ياخشى ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولالايدۇ.

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا ئۈلگە بولۇش كېرەك. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، يەنە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم ئۆلچەم. 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ ئامما بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ بىۋاسىتە، ئامما ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەسىلىلەر تېخىمۇ كونكرېت. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، باتۇرلۇق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قىيىن ۋەزىيەتنى ئوڭشىشى ئاساسىي قاتلامدا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان زور بىر تۈركۈم چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، باش تېما تەربىيەسىدىكى ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ.

ئۆگەتكۈچى قانداق ئۆگەتسە، ئۆگەنگۈچى شۇنداق قىلىدۇ، يۇقىرىدىكىلەر نېمە قىلسا، تۆۋەندىكىلەر شۇنى قىلىدۇ. «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لار باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۆزى ئۈلگە بولسا، ئاندىن باش تېما تەربىيەسىدە سۈپەتنى تۇتۇپ، ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125