ياخشى ئۇخلاش: ياشانغانلار قانۇنىيەتلىك ئەمگەك قىلىش ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنى ساقلىشى، ئىمكانقەدەر ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مۇقىم بولغان ئەمگەك قىلىش ۋە دەم ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بەدەن ئىقتىدارى ۋە روھىي ھالەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. ياخشى ئۇيقۇ يەنە بەدەن ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى ئېنېرگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، كەيپىيات ۋە روھىي ھالەتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ساغلام غىزالىنىش: ساغلام غىزالىنىش ئادىتىنى ساقلاش، ئاز- ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە، كۆكتات، ئۇۋۇتۇلغان دانلىق زىرائەت ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل (مەسىلەن، بېلىق، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر) قوبۇل قىلىش كېرەك. ياخشى غىزالىنىش ئادىتى تەن ساغلاملىقىنى ساقلاپ، پىسخىكىلىق روھىي ھالەتنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.
مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش: مۇۋاپىق بەدەن ھەرىكىتى، مەسىلەن، سەيلە قىلىش، تەيجى گۇمپىسى، تىكتاك توپ، مەيدان ئۇسسۇلى قاتارلىقلار قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېسىمنى يېنىكلىتىپ، روھىي ھالەتنى ياخشىلايدۇ.
قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش: قېرىلىق مەزگىلىدە بەدەن ئىقتىدارى سەۋىيەسى تۆۋەنلەيدىغان بولغاچقا، بەدەندىكى ھەر خىل يوشۇرۇن كېسەللىك خەۋپى ئۆرلەيدۇ، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە كېسەللىك خەۋپىنى بالدۇر بايقاپ ھەم ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ئارىلىشىش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ياكى يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
تاماكا تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇش: ياشانغانلار تاماكا چېكىش ۋە زىيادە ھاراق ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە كەلتۈرىدىغان زىيىنىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك. تاماكا تاشلاش ۋە ئىسپىرتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەش ئارقىلىق يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
كەيپىياتنى ئىپادىلەش: ياشانغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئاكتىپ ئىپادىلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ، ھەر خىل ئۇسۇللار، مەسىلەن، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە دەردىنى تۆكۈش، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش، ھەرىكەت قىلىش، ھۆسنخەت يېزىش، رەسىم سىزىش قاتارلىقلار ئارقىلىق پاسسىپ كەيپىياتنى قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ. ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۇسۇلىنى تېپىش بېسىم ۋە تەشۋىشلىنىشنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق.
ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش ماھارىتى: بىر قىسىم ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش ماھارەتلىرىنى، مەسىلەن، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، مۇسكۇللارنى تەدرىجىي بوشىتىش ئۇسۇلى ياكى چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش كېرەك. بۇ ماھارەتلەر تەشۋىشلىنىش ۋە جىددىي كەيپىياتنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ تىنچ ۋە ئۆزىنى ئەركىن تۇتقان ھالىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
مەدەت ئىزدەش: ياشانغانلارنى ئىجتىمائىي ئالاقە مەدىتى ئىزدەپ، دوستلىرى، ئائىلىسىدىكىلەر ياكى مەھەللە ھەۋەسكارلار گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. باشقىلار بىلەن تەسىرات ۋە كەچۈرمىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق، ھېسسىيات جەھەتتە مەدەت ۋە چۈشىنىشكە ئېرىشىپ، تەنھالىق تۇيغۇسىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئاكتىپ شەيئىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش: ياشانغانلار ئاكتىپ شەيئىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ھېس قىلىش ئارقىلىق كەيپىيات ھالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرسە بولىدۇ. ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈپ، تۇرمۇشتىكى گۈزەللىك ۋە خۇشاللىق، ھەمدە مىننەتدارلىق ۋە قانائەت تەرەپلىرىنى پائال ئىزدەش كېرەك.
(ئاپتورى جياڭ تاۋ، بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى شۇنيى ئاياللار- بالىلار دوختۇرخانىسى روھىي، پىسخىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)