شىخو شەھىرى باقمىچىلىق رايونى قۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى
16:15:29 2023-11-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىخو شەھىرى تابىلخات موڭغۇل يېزىسى چارۋىچىلار يېڭى كەنتىدىكى باقمىچىلىق رايونىنىڭ بىر چېتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى) شىخو شەھىرى تابىلخات موڭغۇل يېزىسى چارۋىچىلار يېڭى كەنتىدىكى باقمىچىلىق رايونىغا كىرگەندە، قاتار- قاتار ئازادە قوتانلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، يەم- خەشەك ئامبىرى، سىلوس ئورىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، خىزمەتچىلەر قوتاننى تازىلاش، قويلارغا ئوت- چۆپ سېلىپ بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.«باقمىچىلىق رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كەنتنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپلا قالماي، ئىشىك ئالدىمىزدىمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۇل تاپالايدىغان بولدۇق.»دېدى كەنت ئاھالىسى سەنجيا.

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىخو شەھىرى تابىلخات موڭغۇل يېزىسى چارۋىچىلار يېڭى كەنتى باقمىچىلىق رايونىنىڭ بىر چېتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

 چارۋىچىلىق چارۋىچىلار يېڭى كەنتىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىخو خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ چارۋىچىلار يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن 15 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆلىمى 320 مو كېلىدىغان مۇھىت قوغدايدىغان يېڭىچە باقمىچىلىق رايونى قۇردى، بۇ تىرىك چارۋا سويۇش- سودىلىشىش بازىرى، ۋاقىتلىق قالدۇرۇپ كۆزىتىش، ئايرىش قوتىنى، تېزەكنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، كارانتىن قىلىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۆيى قاتارلىق ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىخو شەھىرى تابىلخات موڭغۇل يېزىسى چارۋىچىلار يېڭى كەنتىدىكى ئاھالە باقمىچىلىق رايونىدا قويلارغا يەم بەرمەكتە.

 باقمىچىلىق ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ زور بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چارۋىچىلار يېڭى كەنتى «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، پۈتۈن كەنتتە 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى ئوبوروت قىلىپ، سىلوس قونىقى تېرىپ، «تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىق دەۋرىلىنىدىغان، ئاشلىق بىلەن يەم- خەشەككە تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان» ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. «ئەمدى بىز يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزگىچە باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز.» دېدى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېي.

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىخو شەھىرى تابىلخات موڭغۇل يېزىسى دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق) تەرەققىيات مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى باقمىچىلىق رايونىدا قويلارنىڭ كېسىلىنى كۆرمەكتە.

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى كەنت ئاھالىسىگە يەم- خەشەك ئارىلاشتۇرۇشۇپ بەرمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125