بۇ ئۇسسۇلنى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جاڭ پېڭ، لى مېڭيۈ ۋە زەبىجان ئادىل، قۇربانئەلى سېرىك قاتارلىقلار ئىجاد قىلغان، كۇچا شەھەرلىك كۈسەن ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئورۇنلىغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ تاللاپ كۆرسىتىشى بىلەن، 2023- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۇسسۇل «نېلۇپەر مۇكاپاتى»نى باھالاشتا، ئومۇمىي نومۇردا 4- بولۇپ، قائىدە بويىچە مۇشۇ نۆۋەتلىك مىللىي خەلق ئۇسسۇلى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.