ياشانغانلاردىكى تەشۋىشلىنىش كېسىلى دېگەن نېمە؟ ئېنىق دېياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن قانداق داۋالاش كېرەك
15:46:16 2023-11-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ياشانغانلاردىكى تەشۋىشلىنىش كېسىلى دېگەن نېمە؟

ياشانغانلار ھەمىشە ئۆزىنى مەلۇم بىر كېسەل بولۇپ قالدىممۇ دەپ گۇمانلىنىپ، زېھنىي كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بىر قىسىم ياشانغانلاردا ئاسان ئاچچىقلىنىش، باشقىلارغا قاتتىق تېگىش، ئۆچمەنلىك قىلىش گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. كەيپىياتى سۇسلىشىپ، غەمكىن كەيپىياتىنى ئىپادىلەشنى خالىمايدۇ. قېرىلىق مەزگىلىدىكى تەشۋىشلىنىشنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى كۆپىنچە تىپىك بولمايدۇ، تۆۋەندىكى ئالامەتلەرنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولىدۇ:

1. پىسخىكىسىدا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى

ياشانغان ئاغرىقلار كەيپىياتىنى ھەمىشە ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، كۆپىنچە «ئويلىمىساملا ياخشى بولۇپ كېتىمەن»، «ھېچقىسى يوق»، «كۆڭلۈم يېرىم» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشىدىن، بېشىغا كېلىشمەسلىك كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، كۈن بويى دەككە- دۈككىدە يۈرۈيدۇ. كېچىدە ئۇخلىيالمايدۇ، ئۆزىنى خاتا ئىش قىلىپ قويدۇم دەپ ئەيىبلەيدۇ، توختىماي ۋاتىلدايدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئۆلۈۋالماقچى بولىدۇ، قاتتىق تەشۋىشلىنىدۇ.

2. بەدىنىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى

نۇرغۇن ياشانغان كىشى ئۆزىدە تەشۋىشلىنىش كېسەللىك ئالامىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ھەر خىل بەدەن كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ۋېگېتاتىپ نېرۋا ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ياكى مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ئەزالار ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن: ① ھەر خىل ئاغرىش: بۇ باش ئاغرىش، كۆكرەك ئاغرىش، بەل ئاغرىش، دۈمبە ئاغرىش، قورساق ئاغرىش، يۆتكىلىشچان ئاغرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛كۆكرەك قىسمى كېسەللىكلىرى ئالامەتلىرى: مەسىلەن، كېكىردەك توسۇلۇپ قېلىش تۇيغۇسى، نەپەس تېزلىشىش، دېمى سىقىلىش، مەيدىسى چىڭقىلىش، يۈرەك سىقىلىش قاتارلىقلار؛ ③ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىك ئالامەتلىرى: مەسىلەن، ئىشتىھاسىزلىق، قورساق بىئارام بولۇش، مەيدىدىن ئاچچىق سۇ يېنىش، قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەت، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار؛ ④ ۋېگېتاتىپ نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ئالامەتلىرى: مەسىلەن، يۈزى قىزىرىش، قولى تىترەش، پات- پات سىيگۈسى كېلىش، قارا تەرگە چۆمۈلۈش، مۇسكۇللار جىددىيلىشىش قاتارلىقلار؛ ⑤ ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش: ئۇخلىيالماسلىق، ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا بولۇش، ئاسان ئويغىنىپ كېتىش، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىقلار.

3. ھەرىكىتىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئاڭلىغانلا دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ، لېكىن كونكرېت سەۋەبىنى ئېنىق بىلەلمەيدۇ. كەيپىياتى كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىشقا مەركەزلىشىپ قالغانلىقتىن، پۇت- قوللىرىنى ئۇۋىلاش، بىئارام بولۇش، ئۇياق- بۇياققا مېڭىش، ئوخشاش بىر ئىشنى تەكرار سوراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. سىرتتىكى شەيئىلەرگە قىزىقمايدۇ، ھەتتا چىراي ئىپادىسى ئازلاپ كېتىش، تىلى كالۋالىشىپ قېلىش، مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى قىيىنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

ياشانغانلاردىكى تەشۋىشلىنىش كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

1. دەسلەپكى دىياگنوز قويۇش ۋە دورا بىلەن داۋالاش

كۆپ قىسىم ياشانغان تەشۋىشلىنىش كېسىلى ئاغرىقىنىڭ كېسەللىك ئىپادىسى بەدىنىدىكى بىئاراملىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇلار ئاڭلىغانلىكى ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرىغا كۆرۈنىدۇ، لېكىن ھەمىشە ئېنىق كېسەللىك سەۋەبىنى تاپالمايدۇ ياكى قىسمەن كېسەللىك سەۋەبى بولىدۇ، لېكىن بۇ بەدەندىكى نۇرغۇن بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس. بەدەندىكى بىئاراملىقنىڭ يۇشۇرۇن كەيپىيات مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، كەسپىي دوختۇرغا دىياگنوز قويغۇزۇش ھەم داۋالىنىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە. كەسپىي روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى باھالاپ ھەم ئېنىق دىياگنوز قويغاندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەشۋىشلىنىشكە قارشى دورا ۋە خامۇشلۇققا قارشى دورىلارنى ئىچسە بولىدۇ.

2. پەرزەنتلىرىنىڭ ھەمراھ بولۇشى

پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىلىرىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىپ ۋە ئالاقىلىشىپ، كۆپرەك سىنلىق سۆزلىشىپ ۋە تېلېفون ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوي- پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئۆز پىكىر- قاراشلىرىنى بايان قىلغۇزۇپ، ياشانغانلارغا قاتنىشىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. تىل جەھەتتە ياشانغانلارغا تايىنىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆپرەك ئىپادىلەپ، ئۇلارنى كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە تەقدىرلەپ، ئۇلارغا يېشى چوڭىيىپ، پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ يەنىلا قىممىتى ۋە تۆھپىسى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

3. تەشۋىشلىنىشنى پەرقلەندۈرۈش

ئۆزىنى كېسەل بولۇپ قالدىم دەپ ئەمەس، بەلكى تەشۋىشلەنگەنلىكىم ئۈچۈن كەيپىياتىم تۆۋەنلەپ كەتتى دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش، بەدىنىدە بىئاراملىق  تۇيغۇسى پەيدا بولغاندا، ئۆزىنى يۈرەك سىقىلىش، نەپەس تېزلىشىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتمەيمەن، ئۇ پەقەت يوشۇرۇن تەشۋىشلىنىش بولۇپ، ھاياتىمغا تەھدىت سالالمايدۇ، نەپىسىمنى ياخشى تەڭشىسەملا، ئاندىن بەدىنىمدىكى بىئاراملىقنى پەسەيتەلەيمەن دەپ ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك.

4. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىش

سىرتتىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مەھەللىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش ياكى باشقا قىزىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئوخشاش ياشتىكىلەر بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياش ۋاقتىدا ئۆگىنىشنى ئويلىغان، ئەمما ئۆگىنىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان بىر قىسىم قىزىقىشلىرىنى ئۆگىنىپ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى بوش ۋاقىتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش كېرەك.

5. پىسخىكىلىق داۋالاش

دائىم ئۇچرايدىغان پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىلىش ھەرىكىتى بويىچە داۋالاش، توغرا تەپەككۈر بويىچە داۋالاش، ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بېرىش مەشىقى، قوللاپ داۋالاش قاتارلىقلار بار.

ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئوكسىگېنلىق مەشىقلەرنى قىلغاندا، تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئۆزىڭىزنى دېڭىز بويىدا ياكى چىملىقتا يېتىۋاتقاندەك، مەيىن شامال مەڭزىدىن سىپاپ ئۆتۈۋاتقاندەك، پۇت- قوللىرىنى چىڭ يىغىۋاتقاندەك ۋە بوشىتىۋاتقاندەك خىياللارنى سۈرسىمۇ بولىدۇ، بۇمۇ جىددىيلىشىش ۋە تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.

قېرىلىق كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەس، ئۇ پەقەت كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدىكى يېڭى باسقۇچ. ھەر بىر باسقۇچتىكى كىشىلىك ھاياتنىڭ باشلىنىشى ئۈزلۈكسىز تەڭشەش ۋە ماسلىشىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، قوبۇل قىلىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ، ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاپقاندىلا، قېرىلىق مەزگىلىدىكى «كۆڭلى پاراكەندىلىكى» بىزدىن يىراقلىشىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125