پىسخىكىلىق مۇداپىئە سىستېمىسى بىر ئادەمنىڭ سىرتقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، ئۆزىگە ۋە دۇنياغا بولغان مۇقىم قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ بىر خىل ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارى. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە تيۇمېن دۆلەتلىك داشۆسىدىكى پىسخولوگلارنىڭ بايقىشىچە، ئانىنىڭ پىشىپ يېتىلگەن پىسخىكىلىق مۇداپىئەسى بالىنىڭ پىسخىكىلىق مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بولۇپمۇ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەمدە مەكتەپ يېشىغا توشۇشنىڭ ئالدىدىكى ۋە مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان باسقۇچىدا شۇنداق بولىدىكەن.
ھازىرقى جەمئىيەتتە، كىشىلەر دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. شۇڭا، ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىش، پىسخىكا ساغلاملىقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى. تيۇمېن دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ پىسخولوگى ئىرىنا رۇسېيېۋنا مۇنداق بىلدۈردى: «پىسخىكىلىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ياش ۋە خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش بىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى قوغداش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشىمىزغا پايدىلىق.» شۇنىڭ ئۈچۈن، تيۇمېن دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ پىسخولوگلىرى كىلىنىكىلىق زىيارەت قىلىش، تەسۋىر چۈشۈرۈپ دىياگرامما سىزىش، ئويۇن ئويناش ۋە سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، 240 پىدائىيغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان، بۇ 240 پىدائىي 120 بالا ۋە 120 ئانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانىنىڭ پىسخىكىلىق مۇداپىئە سىستېمىسى قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ پىسخىكىلىق مۇداپىئە سىستېمىسىمۇ ئانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شۇنچە كۈچىيىدىكەن. ئانىنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارى قانچە كۈچلۈك بولسا، بالىنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ شۇنچە كۈچىيىدىكەن.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)