دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ياشانغانلار خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %10ىنى ئىگىلەيدىكەن، ھالبۇكى، بۇ كېسەلنىڭ بەدەن كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلاردا يۈز بېرىش نىسبىتى %50كە يېتىدىكەن، ياشانغانلار خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ياشانغانلاردا بولىدىغان روھىي كېسەللىكلەر ئىچىدە يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكى ئىكەن.
ياشانغانلار خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭشەن شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى يۈرەك- بەدەن كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى خۇاڭ يۈەنيۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ياشانغانلار خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە دورا بىلەن داۋالاشنى ئاساس، پىسخىكىلىق داۋالاشنى قوشۇمچە قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ياشانغانلارغا ئەڭ ماس كېلىدىغان پىسخىكىلىق داۋالاش «قوللاش خاراكتېرلىك پىسخىكىلىق داۋالاش»؛ كۆپ ھاللاردا ياشانغانلاردا خامۇشلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ، ئۇلارنىڭ بۇ مەزگىلدە يولۇققان تۇرمۇش ئىشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، پېنسىيەگە چىقىش، پەرزەنتلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشى ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆيلىنىش تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىش، جورىسى ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلار. بۇ ۋاقىتتا، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پىسخىكىلىق تەسىراتىنى سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، چۈشەندۈرۈپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاغرىقلارنى ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مەشىقى قىلىشقا يېتەكلەش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئاغرىقلار بىلەن قانداق چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگىتىش كېرەك. بۇلارنىڭ ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا زور ياردىمى بولىدۇ، شۇنداقلا، ياشانغانلار خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ساقىيىشى ۋە ئىشەنچنى قايتا تۇرغۇزۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)