قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئىللىق دەملەر
12:06:09 2023-11-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جاۋ رويەن


 تەقدىر ھېچقاچان تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ھەربىر ئادەمنى تاشلاپ قويمايدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر ھاياتلىقنى يەردە قويمايدۇ. بارلىق تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان ئىللىقلىق، قارىماققا خىرە كۆرۈنىدىغان كىشىلىك ھاياتنى ئاستا- ئاستا ئۆزگەرتىدۇ. بۇ دۇنيا سىزنى ئوغرىلىقچە ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت ئۆزىڭىز بىلمەيسىز خالاس.

 ــــــ بېغىشلىما

 ئالدىنقى بىر مەزگىلدە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت بالىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ناخشا ئېيتقان بىر نومۇرنى كۆردۈم، تونۇش بالىلار قوشىقى ياڭرىدى: «دۇنيادا پەقەت ئانىلا ياخشى، ئانىسى بار بالا گۆھەرگە ئوخشايدۇ ...» ھىم، مەن بۇنداق قارىمايمەن.

 مەن ھاممامنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇ مۇلايىم، مودا، چىرايلىق، ھەر قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە ماڭا سوۋغات ئېلىپ كېلىدۇ، ھەر خىل كىچىك خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئانامچۇ؟ ھەر قېتىم يۈزەكى ئۈمىد كۈتسەم، يېتىپ كېلىدىغىنى پەقەت ئۈمىدسىزلىك، يوققا چىقىش. ئانام ماڭا سوۋغات بەرمەيدۇ، ئۇ: «ئۇنداق كىچىك سوۋغاتنىڭ ئەھمىيىتى يوق» دەيدۇ. ھەي، ھاممام مېنىڭ ئانام بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. ئانام رومانتىكلىقنى چۈشەنمەيدۇ.

 مەن ھاممامنى ياخشى كۆرىمەن. ھەپتە ئاخىرىدا ئۇ دائىم مېنى ئېلىپ سودا سارايلىرىنى ئايلاندۇرۇپ كېلىدۇ، كىيىم- كېچەك دۇكىنىدىن ماڭا ھەر خىل كىيىم- كۆڭلەكلەرنى تاللاپ بېرىدۇ، مەن چىرايلىق كۆڭلەك، نەپىس خۇرۇم ئاياغ كىيىپ، بېشىمغا ئۆزگىچە چاچ بېزىكى تاقىغىنىمدا، ھاممام مېنى چىرايلىق سۈرەتكە تارتىپ قويىدۇ، مەن ئۆزۈمنى مەلىكىلەردەك بەختلىك ھېس قىلىمەن. ئانامچۇ؟ ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم كىيىم سېتىۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قايتا تىلغا ئالمايدىغان بولدۇم. ئۇ: «سىلەر ھەر كۈنى مەكتەپ فورمىسى كىيىسىلەر، مەن سىزگە پاكىز يۇيۇپ بېرىمەن، كىيىم سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، سېتىۋالسىڭىزمۇ كىيىشكە پۇرسەت يوق، قاراڭ، مېنىڭ بۇ كىيىمىمگە 20 يىل بولدى، ئوخشاشلا چىرايلىق تۇرۇپتىمۇ؟» دېدى. مەن جاۋاب بېرىشكە گەپ تاپالماي قالدىم. ھەي، ھاممام مېنىڭ ئانام بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. ئانام گۈزەللىكنى سۆيۈشنى بىلمەيدۇ.

 مەن ھاممامنى ياخشى كۆرىمەن. مېنى سىرتقا تاماققا ئېلىپ چىقىپ، كالا قوۋۇرغىسى، قوي پاچىقى، تاللا تاماق ئېلىپ بېرىدۇ. ئانامچۇ؟ مېنى سىرتقا تاماق يىيىشكە ئاپارمايدۇ، ئۇ: «ئۆينىڭ تامىقىنى يىسە ساغلام بولىدۇ» دەيدۇ، مېنىڭ دائىم يەيدىغىنىم ئۇنىڭ بىر تالدىن- بىر تالدىن يېيىپ چىقارغان يايما چۆپى بولۇپ، تەمى ئادەتتىكىدەكلا، سىرتنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس ئىدى. ھەي، ھاممام مېنىڭ ئانام بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. ئانام تەمدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەيدۇ.

 ئۇ كۈنى كەچتە، ھاممام مېنى ئاپتوموبىل بىلەن ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى، لېكىن ئاپتوموبىل تار كوچىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرەلمىدى. تار كوچىنىڭ ئۇ بېشىدا، غۇۋا يول چىرىغى ئاستىدا، ناھايىتى ئۇزۇن يامغۇر سىزىقى پەيدا بولغانىدى، شامال ئانامنىڭ كىيىمىنى ئۇچۇرۇپ، سۈزۈك كۈنلۈك ئاستىدا ئانامنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغان يۈزى كۆرۈندى. ئۇنىڭ مېنى قانچىلىك ساقلىغانلىقىنى بىلمەيمەن. شۇ دەقىقىدە، مەن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلىپ، ئۇ يەردە مىدىرلىماي تۇرۇپ قالدىم، ئانامنىڭ تۇرقىغا قاراپ، مۇزدەك يامغۇر سۈيىنىڭ يۈزۈمگە ئۇرۇلۇشىغا قاراپ تۇردۇم. ئانام بەك گۈزەل ئىدى!

 ئىلگىرىكى ۋىجدانسىز خىياللىرىمنى ئويلاپ، كۈچلۈك خىجىللىق تۇيغۇسى يۈرىكىمدىن ئۇرغۇپ چىقىپ، پۈتۈن بەدىنىم قىزىپ كەتتى. مەن ئاخىرى يۈگۈرۈپ ئانامنىڭ كۈنلۈكىگە كىرىپ كەتتىم. غۇۋا يول چىرىغى ئاستىدا، ئانام مۈرەمدىن تۇتقىنىچە، بىز بىر كۈنلۈكنى تۇتۇپ، يول بويىدىكى يىغىلىپ قالغان سۇغا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن دەسسىدۇق، پەقەت يامغۇرنىڭ شىرىلداپ ياققان ئاۋازى ۋە سۇنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىنىلا ئاڭلىدۇق، پەقەت غۇۋا ئالدى تەرەپ بىلەن غۇۋا ئاياغ ئاستىمىزنىلا كۆرەلىدۇق. مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ، ھاممامغا قول پۇلاڭلاتتىم.

 بىز خۇددى كۆلچەكتىكى سۇ ئاستىدا، بىر ئايدىن يەنە بىر ئايغا قاراپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتۇق ...

 بۈگۈن، ئىمتىھان مەيدانىدا، ئانام يۇيۇپ بەرگەن ئاپئاق مەكتەپ فورمىسىنى كىيدىم، چۈشلۈك تاماققا ئانام سەھەردە يېيىپ بەرگەن يايما چۆپنى يېدىم.

 چۈشلۈك دېرىزە سىرتىغا يامغۇر پەردىسى ئېسىلغانىدى، لېكىن مەن پەقەت كۆرۈپ مىيىقىمدا كۈلۈپ قويۇپ، ئۈستىلىمگە بۇرۇلۇپ، بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ، تاماق قاچىسىنىڭ قاپقىقىنى ئاچتىم، ئۇ سۇس خۇش پۇراق ـــ ئانامنىڭ يايما چۆپى ئىدى. شۇ دەقىقىدە، مېنىڭ بەدىنىم بۇرنۇمنىڭ ئۇچىدىن باشلاپ ئويغىنىپ، پۈتۈن بەدىنىمدە ئىللىقلىق پەيدا بولدى.

 ئانىنىڭ مودىلىقى ئاددىي- ساددىلىقى ۋە نەپىسلىكىدە ئىدى؛ ئانىنىڭ رومانتىكلىقى ھەر تەرەپلىمىلىكلىكىدە ئىدى؛ ئانىنىڭ تەمى ھەقىقىي ھەم ئەمەلىي ئىدى. ئانام ماڭا سانسىزلىغان بايقاش تەس بولغان ئىللىق دەقىقىلەرنى بېغىشلاپ، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېنىڭ ھاياتلىق دەريايىمدا كۆزنى چاقناتتى.

 مەنلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئوغۇل- قىزلارمۇ دائىم باشقىلارنىڭ ياخشى ئىشىدىن تەسىرلىنىپ، ئەتراپىدىكى ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىللىقلىققا سەل قارايدۇ، ئانىنىڭ مۇھەببىتى دائىم يېنىمىزدا بولىدىكەن، ئەڭ ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىكەن ھەم ئەڭ قىممەتلىك بولىدىكەن، پاكىز يۇيۇلغان كىيىم- كېچەك، ئۈچ ۋاق تاماق، ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمراھلىق، بۇ ئىللىق دەقىقىلەرنىڭ ھەممىسى تەڭداشسىز بەخت ئىكەن. 

 مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا نومۇر ئورۇندىغان ھېلىقى بىر توپ كىچىك دوستلار ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ياڭراتقىنى دەل مۇشۇنداق ئانا مېھرى بولۇپ، بۇ زېمىندىكى ئەڭ ئىللىق تەگلىك بولۇپ جۇغلاندى! 

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سۇجوۋ پەن- تېخنىكا شەھەرچىسى چەت ئەل تىلى مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125