قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك بىلەن چىلاننى بىللە يېسە زەھەرلىنىپ قالامدۇ؟
16:13:43 2023-11-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

توردا «چىلان بىلەن راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىر- بىرىنى چەتكە قاقىدۇ» دېگەندەك «قورقۇنچلۇق» قاراشلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، ئۇنداقتا چىلان بىلەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بىللە يېسە راستتىنلا زەھەرلىنىپ قالامدۇ؟

پايتەخت ساقلىقنى ساقلاش، ئوزۇقلۇق، مەززىلىك تائاملار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگودىكى رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى گۇ چۈەنلىڭ «جۇڭگو ئىستېمالچىلار گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: چىلان بىلەن قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنى بىللە يېيىشكە بولمايدۇ دېگەن تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەر ئەمەلىيەتتە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن مېۋىلەر بىر- بىرىنى چەتكە قاقىدۇ دېگەن تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەرنىڭ «كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى».

زەھەرلىكلىكىنى تەھلىل قىلىش مەسىلىسىنى «مىقدار» ئاساسىغا قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بىر نەچچە تال چىلان بىلەن بىر سىقىم قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنى بىرلا ۋاقىتتا، ئىلگىرى- كېيىن يېگەندە ئەسلا زەھەرلىنىپ قالمايدۇ.

گۇ چۈەنلىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: تارقىلىپ يۈرگەن ئاتالمىش «ئىلمىي ئاساس» چىلاننىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى ئارسېن بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مەرگىمۇش ھاسىل قىلىدۇ خالاس. ئەمەلىيەتتە، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىكى ئورگانىك ئارسېننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇقىم بولۇپ، ئاز مىقداردىكى ئانئورگانىك ئارسېن بەدەندە ناھايىتى تېزلا مېتابولىزملىنىپ چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلار چىلان قاتارلىق مېۋىلەردىكى ۋىتامىن C بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ ئارسېن تىرىئوكسىد (يەنى ئادەتتە مەرگىمۇش دەپ ئاتىلىدۇ) ھاسىل قىلمايدۇ، شۇڭا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، چىلان بىلەن قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى ئارسېن رېئاكسىيەلەشسىمۇ، مىقدارى قانچىلىك بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت. دېڭىز راكىنى مىسالغا ئالساق، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، ھەر كىلوگرام يېڭى راكنىڭ تەركىبىدىكى ئانئورگانىك ئارسېن مىقدارى 0.5 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، يېڭى راكنىڭ ئانئورگانىك ئارسېن مىقدارى بۇ ئۆلچەمدىن بىر ھەسسە ئېشىپ، بىر كىلوگىرام تەركىبىدە بىر مىللىگىرامغا يەتكەن تەقدىردىمۇ، بىر قېتىمدا 10 كىلوگىرامدىن ئارتۇق راك يەپ، ئاندىن كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C قوبۇل قىلغاندىلا، ئاندىن جىددىي زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، مىقدارىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، زەھەرلىنىشنى تىلغا ئېلىش پۈتۈنلەي ئادەمنى قورقىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئوزۇقشۇناسلىق ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، «يېمەكلىكلەر بىر-بىرىنى چەتكە قاقىدۇ» دېگەن قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

2000- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە، جۇڭگو ئوزۇقلۇق جەمئىيىتى ئىلگىرىكى تەجرىبىلەر ئاساسىدا، يەنە بىر قىسىم تېخىمۇ قاتتىق بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىر- بىرىنى چەتكە قاقىدىغانلىقىنى دەلىللەش تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن، پىدائىيلار تارقىلىپ يۈرگەن بىر- بىرىنى چەتكە قاقىدىغان 500 خىلدىن ئارتۇق  يېمەكلىكنى بىر ھەپتە دەلىللەش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە ھەممە نەرسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى، ھېچقانداق ناچار تەسىرى يوقلۇقى مەلۇم بولغان.

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بەزىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل «بىر- بىرىنى چەتكە قاقىدىغان يېمەكلىك»نى يېگەندە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ؟

گۇ چۈەنلىڭنىڭ قارىشىچە، مەسىلە مۇنداق ئىككى جەھەتتە كۆرۈلۈشى مۇمكىنكەن:

1. بەلكىم يېمەكلىك ئۆزى پاكىز بولماسلىقى مۇمكىن. بولۇپمۇ تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ياز پەسلىدە باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.

2. بەلكىم ئۆزىنىڭ بەدەن سۈپىتىدە مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەلۇم بىر خىل يېمەكلىككە زىيادە سېزىمچانلىق ياكى ئاشقازان- ئۈچەي يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش قاتارلىقلار، مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن بەدەندە بىئاراملىق پەيدا بولۇپ، خاتا ھالدا ئىككى خىل يېمەكلىك بىر- بىرىنى چەتكە قاقىدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125