​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | ئانام تۇزلىغان تۇخۇم
16:21:57 2023-11-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ليۇ مىڭجۈن

 بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا مەن چوڭلارنىڭ ئەكسىچە ئورما مەزگىلىنى ياقتۇراتتىم.

 يازدا، چوڭلارنىڭ ئەڭ جاپا تارتىدىغىنى ئورما مەزگىلى ئىدى. بۇغداي ئورۇش، ئاپتاپقا سېلىش، خامان ئايرىش قاتارلىقلار ئادەمنى چارچىتىپ نەچچە كىلو ئورۇقلىتىۋېتەتتى. لېكىن مەن ئورما مەزگىلىنى ئەڭ ئارزۇ قىلاتتىم، چۈنكى ئورما مەزگىلىدە ئانام تۇزلىغان تۇخۇمنى يېيەلەيتتىم.

 ئانام تۇخۇمنى بىر سىرلاقلىق قارا كوزىغا چىلاپ قوياتتى. ھەر قېتىم قازانغا سېلىپ پىشۇرغاندا، ئانام ئادەم سانىغا ئاساسەن قانچىلىك تۇخۇم پىشۇرۇش كېرەكلىكىنى سانايتتى. پىشقاندىن كېيىن، ئانام چويلا بىلەن سوغۇق سۇ قۇيۇلغان داسقا سۈزۈپ ئېلىپ، ئۈچ تال بارمىقى بىلەن بىرىنى قىسىپ ئېلىپ، ئۈستەل ئۈستىدە پىرقىرىتاتتى. تۇزلانغان تۇخۇم خۇددى نۇرغا ئوخشاش پىرقىرايتتى، ئانام بۇ ئارقىلىق تۇخۇمنىڭ پىشقان- پىشمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلاتتى. ئاندىن كېيىن، تۇزلۇق تۇخۇمنى بىر چوڭ تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستەلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئورمىدىن يانغانلارنىڭ قايتىپ كېلىپ يېيىشىنى كۈتەتتى.

 ئورمىغا چىقىپ كەتكەن دادام بىلەن ئاكام- ئاچاملار ئاخىرى قايتىپ كەلدى، ئانام تاماق ئۇسۇپ بەردى، دادام قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن شەرق تەرەپتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بىر دانە تۇزلانغان تۇخۇمنى ئېلىپ ئورۇندۇقنىڭ بۇرجىكىگە يېنىك ئۇردى. «چارس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تۇخۇم چېقىلدى، دادام تۇخۇمنىڭ چېقىلغان يېرىدىكى شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، چوكا بىلەن تۇخۇم ئېقىدىن كىچىككىنە چوقۇپ ئالدى، چوكىدا ئاپئاق تۇخۇم پەيدا بولدى. ئاتام ئاستا- ئاستا چوكىدىكى تۇخۇم ئېقىنى يۇتۇۋېتىپ، مومىدىن بىر چىشلەم يەپ، خۇددى ئاجايىپ نازۇ- نېمەتلەرنى يېگەندەك بولۇپ كەتتى. تۇخۇم ئېقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى يەپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئالتۇن رەڭلىك سېرىق تۇخۇم مېيى ئېقىپ چىقتى، بۇ چاغدا دادام بىر چوڭ مومىنى يەپ بولغانىدى. ئانامنىڭ تۇزلىغان تۇخۇمىنىڭ ئىچىدە سېرىق تۇخۇم مېيىنىڭ بولۇشىدا، خۇددى مېنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپەم باردەك بىلىندى.

 ئانامنىڭ ئېيتىشىچە، مېكىيان كانايسىمان قۇرت يېسە، تۇزلىغان تۇخۇمى مايلىق چىقىدىكەن. باش باھاردا، تېرەك، سۆگەتلەر ئەمدىلا بىخ چىقارغان چاغدا، كەچقۇرۇن مەن ياۋا ئاتتەك چاپچىپ ئوينىماستىن، بەلكى بىر تۈرلۈك ۋەزىپىنى قوبۇل قىلدىم، ئۇ بولسىمۇ كانايسىمان قۇرت تۇتۇش ئىدى. مېنىڭ كانايسىمان قۇرتنى تۇتۇشۇم ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەنىدى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، مەن دەرەخ ئاستىدىكى تۇپراقنى كولاپ، بىر تەرەپتىن كولىغاچ، بىر تەرەپتىن تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان خۇشاللىققا تىكىلىپ قاراپ تۇردۇم. تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، مەن كانايسىمان قۇرتنىڭ قارىلىرىنى «قارا خوتۇن»، قىزىللىرىنى «قىزىل ساھىبجامال» دەپ ئاتىۋالدىم. كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن، كانايسىمان قۇرت تۇپراقتىن چىقىپ، گۇگۇمدا پاكار دەرەخلەرگە ئۇچۇپ بېرىپ، يۇمران بىخلارغا قوناتتى. مەن كىچىك دەرەخكە قاراپ يېنىك بىرنى تەپسەم، كانايسىمان قۇرت بەزىلىرى جۈپى بىلەن، بەزىلىرى تاق ھالدا خۇددى يامغۇر تامچىسىدەك دەرەخ ئاستىغا چۈشەتتى، مەن بىر تەرەپتىن تېرىپ بىر تەرەپتىن ياندىكى كىچىك ھەمراھلىرىمغا قاراپ: «بۇنى مەن تېپىپ چۈشۈرگەن، سىلەر  ئېلىۋالساڭلار بولمايدۇ، ئۆزۈڭلار دەرەخكە تېپىڭلار!» دەپ ۋارقىرايتتىم. ناۋادا تىنىم تاپمايدىغان كانايسىمان قۇرتتىن بىرەرسى يەرگە چۈشكەندىن كېيىن يەنە شەپەق نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇپ كەتسە، مەن بىر تەرەپتىن دەرەخ شېخى بىلەن ئۇرۇپ، بىر تەرەپتىن: «كاناي، كانايسىمان قۇرت، سەن ئاسمانغا چىقساڭ، مەن بارگاھ قۇرىمەن» دەپ توۋلايتتىم. مەن كەچلىك تاماق ۋاقتىدا لىق بىر بوتۇلكا كانايسىمان قۇرتنى ئانامغا كۆرسەتسەم، ئانام كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ماڭا: «ئورما ۋاقتىدا، ساڭا مايلىق تۇزلۇق تۇخۇم يېگۈزىمەن» دەيتتى، يەنە: «بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ قوي، بولمىسا ئۇچۇپ چىقىپ ئۆيگە توشۇپ كېتىدۇ، ئادەمنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ كەتسە گاس قىلىپ قويىدۇ» دەپ تاپىلايتتى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ يورۇشى بىلەن مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ توخۇلارنى يىغىپ كېلەتتىم، ئاندىن بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ كانايسىمان قۇرتنى تۆكەتتىم، توخۇلار بەس- بەس بىلەن دانلاشقا باشلايتتى.

 ئانام تۇزلانغان تۇخۇمنىڭ دادام يەپ قۇرۇقداپ قويغان شاكاللىرىنى يىغىپ، تۇخۇم شاكىلىدىكى تىرناق چوڭلۇقىدىكى تۆشۈكنى ئاق پلاستىر بىلەن ئېتىپ، كۈرۈك مېكىياننىڭ ئاستىغا قويۇپ قوياتتى. كۈرۈك مېكىيان بۇنىڭغا كۆنۈككەندىن كېيىن، ئاندىن ھەقىقىي تۇخۇمنى ئالماشتۇرۇپ قوياتتى،21 كۈن ئەتراپىدا، چۈجىلەر ئارقا- ئارقىدىن شاكالنى يېرىپ چىقاتتى.

 چوڭلارنىڭ ئانام تۇزلىغان تۇخۇىنى يېيىشى جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىدىن بولغان، مېنىڭ تۇزلۇق تۇخۇمنى يېيەلىشىم ئالدىنقى مەزگىلدە كانايسىمان قۇرت تۇتۇپ توخۇ باققانلىقىمدىن بولۇپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىككە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىمنى ئوچۇق- ئاشكارا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. مېنىڭ قىلالايدىغىنىم نېمە؟ بىرىنچىسى، ئېتىزغا ئۇسسۇلۇق يەتكۈزۈپ بېرىش. ئانام سوۋۇتۇپ قويغان قايناقسۇنى چوڭ قازاندىن نوگاي بىلەن بەش جىڭ ياكى ئون جىڭ كېلىدىغان ئاق سۇلياۋ چېلەككە ئۇسۇپ، ئىچىگە بىر نەچچە تال ساخارىن ئارىلاشتۇرىدۇ، مەن چېلەكنى كۆتۈرۈپ ئېتىزغا ئاپىرىمەن. ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دولقۇنى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا كۆزنى چېقىپ تۇراتتى، يۈزۈمدىن تەر تەپچىرەيتتى، چېلەكنى ئېتىزنىڭ قىرىغا قويۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا: «سۇ ئىچىڭلار، تاتلىق ساخارىن سۈيى!» دەپ توۋلايتتىم. ئىككىنچىسى، ئېتىزغا ئوت- چۆپ چاچىمەن، ئوت- چۆپلەرنى بۇغداي ئېڭىزىغا تەكشى چېچىپ، ئاكىلىرىمنىڭ بۇغدايلارنى ئوت- چۆپلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، باغ باغلىشىنى كۈتىمەن. باغلايدىغان ئىشنى ئەينى چاغدا ماڭا قىلغۇزمايتتى، قولۇمنىڭ كۈچى بولمىغاچقا، چىڭ باغلىمىسام ھارۋىغا باسقاندا ئاۋارىچىلىق بولاتتى. ئۈچىنچىسى، بۇغداي باغلىرى بېسىلغان ھارۋىنى ئېلىپ مېڭىپ، بۇغداي باغلىرىنىڭ ھارۋىدىن دومىلاپ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالاتتىم. ئەگەر بۇغداي باغلىرى مايماق بولۇپ قالسا، مەن جېنىمنىڭ بارىچە تارتىپ تۇرىمەن. بىر قېتىم، ھارۋىغا قاتىدىغان ئېشەك قوشنامنىڭ ئېشىكى بىلەن تالىشىپ قالغاچقا، خۇيى تۇتۇپ، چىچاڭشىپ چاپقىنىچە ھارۋىنى ئۆرۈپ، بۇغداي باغلىرىنى ئۈستۈمگىلا كۆمتۈرۈپ قويدى، ھېلىمۇ تىرەپ تۇرغۇدەك ئازراق يوچۇق بار ئىكەن، بولمىسا مەن ئاللىقاچان بۇغداي باغلىرىنىڭ ئاستىدا تۇنجۇقۇپ قالاركەنمەن. تۆتىنچىسى، خامان باقاتتىم، بۇغداينى خاماندا ئاپتاپقا سالغاندا، مەن دادامنى دوراپ، ئارا بىلەن چەش ئۆرۈيتتۈم، كۆپىنچە ھورۇنلۇق قىلىپ ئۆرۈمەيتتىم، خامان يېنىدىكى دەرەخنىڭ سايىسىدا مەڭگەننى چىشلەپ ئىت قۇيرۇقىسىمان ئوت- چۆپ بىلەن بىر نەرسە توقۇيمەن. كەچتە باشقىلارنىڭ بۇغداي ئوغرىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خاماندا ئۇخلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى خامانغا قاراۋاتقان كىچىك دوستلار بىلەن تاغدىن- باغدىن پاراڭلىشىپ، يۇلتۇزلار غۇۋالاشقان چاغدا ئۇخلاپ قالاتتىم.

 مەن ئۆزۈمگە تەقسىم قىلىنغان تۇزلۇق تۇخۇمنى قولۇمغا ئېلىپ، دادامنى دوراپ، چوكا بىلەن شاكىلىدىن كىچىك تۆشۈك ئېچىپ ئاستا- ئاستا يەيتتىم، ئەمگەكنىڭ خۇش ھىدى ئاغزىمغا تارقىلىپ، ھەر بىر تەم سەزگۈيىمنى ھۇزۇرلاندۇراتتى.

 بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تۇزلۇق تۇخۇم يەيدىغان ئورمىنىڭ ئالدىراش مەزگىلىنى ساقلىمايدىغان بولدۇم، لېكىن مەن يەنىلا بالىلىق چاغلىرىمدىكى تۇزلانغان تۇخۇمنى ئۇنتالمايمەن.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى لىنشى ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125