داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە پېنسىيەگە چىقىش توغرىسىدىكى بۇ پىتنە- ئىغۋالارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ
17:28:47 2023-11-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پىتنە- ئىغۋا ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا بىتچىت بولىدۇ، بۈگۈن بىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە پېنسىيەگە چىقىش توغرىسىدىكى ئىككى پىتنە- ئىغۋانى بىتچىت قىلايلى.

ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ئەمدى شەخسىي ئىسچوتقا كىرگۈزۈلمەمدۇ؟

پىتنە- ئىغۋانىڭ تارقىلىش دەرىجىسى: ★ ★ ★

قايمۇقتۇرۇش كۆرسەتكۈچى: ★ ★ ★

مەركەزنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە ئورتاق ياردەم بېرىش كاپالەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ( گ ب [2021] 14- نومۇرلۇق)نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەرقايسى جايلاردىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە ئورتاق ياردەم بېرىش كاپالەت ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە بىر تۇتاش پىلانلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش كاپالەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىدۇ. ئىسلاھاتتىن كېيىن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوت تۈزۈمى يەنىلا ساقلاپ قېلىنىپ، ئۈچ «ئۆزگەرمەسلىك» داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

بىرىنچى، شەخسىي ئىسچوت قالدۇقىنىڭ تەۋەلىكى ئۆزگەرمەيدۇ، ئىسلاھاتتىن بۇرۇنقى تارىخىي قالدۇق ۋە ئىسلاھاتتىن كېيىن يېڭىدىن ئاجرىتىپ شەكىللەنگەن قالدۇق يەنىلا شەخسنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، شەخس ھەم ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى قاتارلىق چىقىملىرىغا ئىشلىتىلىدۇ ھەم ھېساب يۆتكەپ ئىشلىتىشكە ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ.

ئىككىنچى، خىزمەتتىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى، ئېقىم يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، يەنىلا تولۇق سومما بويىچە شەخسىي ئىسچوتقا كىرگۈزۈلىدۇ.

ئۈچىنچى، پېنسىيەگە چىققان خادىملار ھەق تاپشۇرماسلىق سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، شەخسىي ئىسچوت مەبلىغى يەنىلا بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندتىن ئاجرىتىلىدۇ.

2024- يىلىدىن باشلاپ خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلامدۇ؟

پىتنە- ئىغۋانىڭ تارقىلىش دەرىجىسى: ★★★

قايمۇقتۇرۇش كۆرسەتكۈچى: ★★★★

يېقىندا، نۇرغۇن جايدا «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ‹خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىش› سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى» دېگەن ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇنىڭغا قارىتا، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، خېبېي ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى سىچۈەن ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: توردا تارقالغان ماقالە ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسمە سۈرەتلەرنىڭ مەزمۇنى ساختا ئۇچۇر.

ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىشتىن ئىلگىرى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا ئىدارە پېنسىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى تۇرۇشلۇق ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇلانما ئىستاژىغا ئاساسەن پېنسىيە پۇلىنى ھېسابلاپ، ئىدارە تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان. خىزمەت ئىستاژى قانچە ئۇزۇن بولسا، پېنسىيە پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولۇپ، شۇ كىشىنىڭ ئەسلىدىكى مائاشىنىڭ %90 ئىگە يەتكەن.

دۆلىتىمىزنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ ئىسلاھ قىلىندى، 1991- يىلى «گوۋۇيۈەننىڭ كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» (گ [ 1991] 33- نومۇرلۇق)دا شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. 1995- يىلى، «گوۋۇيۈەننىڭ كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گ [1995] 6- نومۇرلۇق)دا، شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئىستاژى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۇلانما ئىستاژغا ئۇيغۇن كەلگەن بولسا ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى دەپ قارىلىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى ھەق تاپشۇرغان دەپ قارالغان يىل چېكى ۋە ئەمەلىي ھەق تاپشۇرغان يىل چېكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھوقۇق- مەنپەئەتىنى نامايان قىلىدىغان، سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلايدىغان مۇھىم پايدىلىنىدىغان سانلىق مەلۇمات بولۇپ قالدى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى قانچە ئۇزۇن، ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى قانچە چوڭ بولسا، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئالىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125