ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ساۋ خۇا، لى ياڭ) 11- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن شەرقىي شىمال يۆنىلىشكە تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى قۇملۇقتا سۆكسۆك، يۇلغۇن ئۆستۈرۈش بازىسىدا، نەچچە يۈز كادىر، ئامما گۈرجەك بىلەن توپا يۆلەپ، سۇ توشۇپ سۇغىرىپ، قۇملۇققا سۆكسۆك ۋە يۇلغۇن تىكتى. ئۆستۈرۈش بازىسىدىن جەنۇبقا تەخمىنەن 200 مېتىر كېلىدىغان جاي كۆز يەتكۈسىز تەكلىماكان قۇملۇقى.
شۇ كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە كېرىيە ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تەكلىماكان قۇملۇقى دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇملۇق. ئۇزاقتىن بۇيان، بۇ جايدىكى قۇم- بوران يول، ئېتىز، ئوتلاقلارنى بېسىپ كېتىپ، ئەتراپتىكى رايونلاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئىنتايىن زور تەھدىت پەيدا قىلغانىدى.
1978- يىلى، دۆلىتىمىز «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، قۇم- بوراننىڭ زىيىنى ئېغىر بولغان رايونلاردا سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىپ ساقلاپ قالغان كۆلەم جەمئىي 22 مىليون 757 مىڭ 200 مو بولۇپ، چۆللىشىش، قۇملىشىش سۈرئىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالدى.
2022- يىلىدىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا چۆللىشىپ كەتكەن تۇپراق 1956 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، قۇملاشقان تۇپراق 242.82 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، تۇنجى قېتىم «قوش ئازىيىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «قۇم ئىلگىرىلەپ، ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بۇ يىل 6- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ باياننوردا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك جەڭ − خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «几» خېتى شەكىللىك ئەگمىسىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، خورچىن، خۇنشەنداقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇق يېرىنى يوقىتىش جېڭى، خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى شىنجاڭنىڭ <ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى> قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى يادرولۇق رايون بولۇپ، يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 46 ناھىيە(شەھەر، رايون)گە چېتىلىدۇ، جەمئىي يەتتە نۇقتىلىق تۈزەش تۈرى، 13 تارماق تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ جېنشى مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە تۇنجى تۈركۈمدە يولغا قويۇلغان بەش نۇقتىلىق تۈزەش تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، بۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئالتۇنتاغ ئوتلاق چۆللۈكى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش، ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، يەكەن دەرياسى − قەشقەر دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش، خوتەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشتىن ئىبارەت.
ئىگىلىنىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە «بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى توسۇش، چاڭ- توزاننى تىزگىنلەش» تۈزەش نىشانى قىلىنىپ، دىققەت «بوران، قۇم، چاڭ- توزان» مەنبەسى رايونى ۋە يول رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، قۇمنى دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈش، ئورمان بىنا قىلىش، ئوت- چۆپ تېرىش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، قۇم- بوران ئېقىمى كۆپ يۈزبېرىدىغان قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى رايونلاردا قۇملۇق گىرۋىكىنى قۇلۇپلاپ تۈزەش يولغا قويۇلۇپ، ئىھاتە ئورمىنى ئوت- چۆپ بەلبېغى بەرپا قىلىنىپ، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى توسۇپ قېلىنىدىكەن؛ بوستانلىق ئوراپ تۇرغان قۇم- بوران مەنبەسىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، قۇم- بوران زىيىنىنىڭ تەسىرى ئازايتىلىدىكەن؛ بوستانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سالا ئېتىز، ئورمان تورى كەمچىل جايلار ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۈزەشتە ئاق قالغان رايونلاردا يوقىتىش جېڭى يولغا قويۇلۇپ، بىر پۈتۈن ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ياخشىلاش ئالغا سىلجىتىلىدىكەن.
ۋاڭ جېنشى مۇنداق بىلدۈردى: «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، قۇم مەنبەسىنىڭ كېڭىيىپ كەتمەسلىكىگە، تارقىلىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرغاق رايونىنىڭ چۆللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۈلگە- ئۆرنىكىنى بەرپا قىلىمىز.