قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| بىزنىڭ ئالتە يىلىمىز
16:12:57 2023-11-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شېن ماۋتىڭ

 2023- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىز يېرىمدا ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، قۇياش خىرە يورۇپ تۇراتتى. بىز يىغىلىپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش رەسىمىگە چۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتۇق.

 ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك مايكا كىيگەن، يولدىن ئۆتۈشنى ساقلاپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى فونتانغا قاراپ تۇراتتى: چارس − كۆرۈنۈش قاتۇرۇپ قويۇلدى. سۈرەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن بىز تېز سۈرئەتتە قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن تەكرار ۋاقتىغا قايتتۇق. بۇ بىزگە نېمىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى، «ئۇدا ياغقان يامغۇردىن باھارنىڭ كەتكىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ھاۋا ئېچىلغاندا ئاندىن يازنىڭ كىرىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.» ئوقۇش پۈتكۈزۈش ھەقىقەتەن بىر پەسىلگە ئوخشايدۇ، «دېرىزە سىرتىدىكى مەي باغلاپ پىشقان ئەينۇلا يەرگە چۈشۈپ كەتتى، تام تۈۋىدىكى بامبۇك نوتىسى ئورمانغا ئايلاندى». ئالتە يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، بىلىپ- بىلمەي، بىز «ئۆسۈپ يېتىلدۇق».

 بۇ ئالتە يىل بىزگە تەۋە ئالتە يىل.

 ئالتە يىل ئىچىدە، بىزنىڭ سانسىز ئېسىل دەقىقىمىز بولدى: پىيونېرلار ئەترىتىگە كىرىش مۇراسىمى، پۈتۈن سىنىپ بويىچە خەتتاتلىق، خور ئېيتىش مۇسابىقىسى، پۈتۈن سىنىپ بويىچە دېكلاماتسىيە قىلىش، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئۆسۈپ يېتىلىش مۇراسىمى، ھېكايە كۆرىكى، مەۋسۇم پائالىيىتى، ئاتا-ئانا- بالا پائالىيىتى... بىز نۇرغۇن يىپيېڭى نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇق: تۇنجى قېتىم گۈزەل سىنىپ بولۇپ باھالاندۇق، تۇنجى قېتىم يەتتە يۇلتۇز ئالدۇق، تۇنجى قېتىم تەتقىقات- ئۆگىنىشكە (بەيشياڭۋەن) باردۇق، تۇنجى قېتىم سىرتقا(تېببىي تەتقىقات ئورنى) چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق، تۇنجى قېتىم قۇمچاق پائالىيەت كۈنى قىلدۇق، تۇنجى قېتىم كارتون كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدۇق، تۇنجى قېتىم مەنزىرە تىياتىرى (يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى، راست- يالغان نۇرلۇق مەرۋايىت) ئورۇندىدۇق، تۇنجى قېتىم سىنىپتىكى ھەممىمىز بىللە سۈرەتكە چۈشتۇق(لىرېن پەلەمپىيى تەرەپتە)، تۇنجى قېتىم مېدالغا ئېرىشتۇق، تۇنجى قېتىم تور دەرسى ئاڭلىدۇق، تۇنجى قېتىم ئۇزاق مۇددەت ئۆيدە تۇرۇپ ئوقۇش مەۋسۇمىنى ئۆتكۈزدۇق ... بىز مۇشۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق، بىر- بىرىمىزگە تېخىمۇ زىچ ماسلىشىپ، «ئاپتاپپەرەس» سىنىپ كوللېكتىپىنى بارلىققا كەلتۈردۇق.

 بىزنىڭ ئالتە يىلىمىز ئالتە يىللىق ئۆگىنىش يىلى بولدى؛ ئەدەبىياتنى ئېلىپ ئېيتساق، پىنيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتتۇق، يۈز سۆزلۈك ئۆتكىلىدىن ئۆتتۇق، قايتا- قايتا مەشىق قىلدۇق، قايتا- قايتا مانىۋېر ئىمتىھان بەردۇق. مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش تۈزدۈرگەن بىرىنچى يىللىق بىرىنچى قىسىم «ئاسمان، زېمىن، ئادەم»دىن ئالتىنچى يىللىق ئىككىنچى قىسىم قەدىمىي شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىشتىكى «سوپىسوپىياڭنىڭ تىلىنى كىم بىلدى، شامالغا ئەگىشىپ گۈل قاشىغا كەتتى»گىچە، سىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇغان ئاۋازىڭلار سىلەرنىڭ بالىلىقتىن  چوڭىيىپ ئۆسمۈر بولۇپ يېتىلىشىڭلارغا گۇۋاھچى بولدى. ئەدەبىياتتىن باشقا، كۆپ پەنلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ تەرەققىي قىلىش بىزنىڭ بىلىمىمىزنى تېخىمۇ بېيىتتى ۋە ئۆزىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.

 مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ئۆگىنىشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئەخلاق- پەزىلەت ئۆگەندۇق. ئالتە يىلدا، بىز ئورتاق ھالىمىزغا يېتىشىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھەمراھ بولۇپ، «ئادەم بولۇش»نى ھېس قىلدۇق... ئالتە يىللىق ئۆگىنىش بىزگە ھەقىقىي ھېس قىلىش ۋە تەسىرلىنىشنى ئېلىپ كەلدى. باشقا يەردىن يۆتكىلىپ كەلگەن تۇنجى يېڭى ھەمراھ بىزگە، گەرچە بىز بىر پۈتۈن گەۋدە بولساقمۇ، لېكىن بۇ كوللېكتىپنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا بىزنىڭ قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىمىزنى ئېيتتى، باشقا يەرگە يۆتكىلىپ كەتكەن ساۋاقدىشىمىزمۇ بىزگە نېمىنىڭ ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئالتە يىل ئىچىدە، بىز ئوخشاشمىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئۇچراشتۇق، ئوخشاشمىغان ئۆگىنىش كەيپىياتىغا ئىگە بولدۇق، بۇ بىزگە مۇھىتقا ماسلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى، مۇھىتنىڭ بىزگە ماسلاشمايدىغانلىقىنى ئۆگەتتى. 

 ئالتە يىلدىن بۇيان، سىلەرنىڭ ساپ تەبەسسۇمىڭلار، قىزىقسىنغان كۆزلىرىڭلار، يېنىك يىمىرىلگەن قېشىڭلار  ... گۈزەل «ئانا مەكتەپ»نى بېزىدى. ئالتە يىل ۋاقىت تەر ئىچىدە ئۆتتى؛ ئالتە يىل ۋاقىت ئەقىل- پاراسەت ئىچىدە سەيلە قىلدى؛ ئالتە يىل ۋاقىت ئۆگىنىش جەريانىدا ئوزۇقلاندى... ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، سىلەر ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، تېخىمۇ كەڭ كىشىلىك ھاياتقا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر.

 باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلى پات ئارىدا ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ، سىلەر گۈزەل پەن- تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتتىڭلار. مەكتەپتە سىلەرنىڭ تونۇش سىمايىڭلارنى كۆرۈشكە كۆنۈپ قالدىم، سىلەرنىڭ ئوماق چىرايىڭلارنى، كەپسىزلىكىڭلارنى ۋە سەمىمىيلىكىڭلارنى ياخشى كۆرىمەن. ئالتە يىل ئىلگىرى بىز ناتونۇش ئىدۇق؛ ئالتە يىل ئىچىدە، بىز ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى بولدۇق؛ ھازىر ئايرىلىش ئالدىدا، بىز دوست بولۇپ قالدۇق. 

 ئۇچرىشىش ھامان 9- ئايدا، ئايرىلىش ھامان 6- ئايدا بولىدۇ، دۇنيادا ئاخىرلاشمايدىغان زىياپەت يوق، ئەينى چاغدىكى تونۇشتۇرۇش ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمىزدە بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نۇرغۇن ئەسلىمە سۇسلىشىپ كېتىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسىدە، سىلەر بىر قاتار چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇردۇڭلار. پەن- تېخنىكا باشلانغۇچ مەكتىپىدىن ئىبارەت بۇ شادلىق تۇپرىقىدا، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ساغلام بەدىنىڭلار، ئەقلىي تەپەككۇرىڭلارنى يېتىلدۈردۈڭلار؛ مول مەزمۇنلۇق مەكتەپ تۇرمۇشىدا، سىلەرنىڭ ئىقتىدارىڭلار ۋە ئەقىل- پاراسىتىڭلار تولۇق نامايان بولدى. مەن ۋە سىلەرنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگىنىڭلاردىن چىن قەلبىمىزدىن خۇشالمىز، سىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىڭلارغا بىر مەزگىل قاتناشقانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. 

 ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، مەكتەپ تولىمۇ گۈزەل تۈسكە كىردى، بەيلەن گۈلىنىڭ خۇشپۇراقلىرى تارقىلىپ، يامغۇر تامچىلىرى باجياۋ يوپۇرمىقىغا ئۇرۇلۇپ، ئاپئاق قارلار تاش ھەيكەللەرنىڭ ئۈستىنى چۈمكىۋالدى، يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياش تەنتەربىيە سارىيىنىڭ دېرىزىسىدە جىلۋە قىلدى ... سىلەرنىڭ دائىم كېلىپ كۆرۈپ كېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەسلىمە ۋە تەسىرات مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، قالغىنى چەكسىز بەخت تىلەش بولدى، بىزنىڭ خۇددى 1998- يىللىق نۇسخىدىكى شىنخۇا لۇغىتىدىكى مىسال جۈملىدىكىدەك «<بىز> ھەممىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسى بار» بولۇشىمىزغا تىلەكداشمەن. «شامال ئوڭ كېلىپ بەرگەندە، يەلكەن چىقىرىپ دولقۇن يارىمىز»، ھەممەيلەننىڭ «تېخىمۇ گۈزەل ئۆزىمىز»نى ئۇچرىتىپ، كېيىنكى تېخىمۇ گۈزەل «ئالتە يىل»غا يولۇقۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سۇجوۋ پەن- تېخنىكا شەھەرچىسى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى <پەن- تېخنىكا مەكتەپ رايونى>)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125