تۇرمۇشتىكى بۇ يەتتە خاتا قاراشنى نۇرغۇن كىشى بىلمەيدۇ
16:19:27 2023-11-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بىرىنچى خاتا قاراش: قاچا- قۇچىلارنى قايناقسۇدا چايقىغاندا باكتېرىيە ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ

خاتا چۈشەنچە كۆرسەتكۈچى: 4.5 يۇلتۇز

يەشمە: سۇ قايناپ ئالاھىدە تېمپېراتۇرا شارائىتىغا يەتسە ئاندىن مىكروپ ئۆلتۈرەلەيدۇ، بۇنىڭغا يەنە بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ. سالمونېللا باكتېرىيەسىنى مىسالغا ئالساق، بۇ باكتېرىيە ئاز دېگەندىمۇ ℃70 ~ ℃80لۇق مۇھىت بەش مىنۇت داۋاملاشقاندىن كېيىن ئاندىن ئۆلىدۇ. ئەگەر پەقەت قايناقسۇ بىلەنلا قىزدۇرۇلسا، مىكروپ ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ!

ئىككىنچى خاتا قاراش: مېۋە يېسە سەمىرىپ كېتىدۇ

خاتا چۈشەنچە كۆرسەتكۈچى: 3.5 يۇلتۇز

يەشمە: ئوخشاش ئاشقازان سىغىمچانلىقىدا، تاماق بىلەن مېۋىنى سېلىشتۇرغاندا، چوقۇم مېۋە تەمىنلەيدىغان ئېنېرگىيە ئاز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋە تويۇش تۇيغۇسىنى ئۇزارتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېۋە تەركىبىدە ھەر خىل مىكرو ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە باشقا ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىلار مول بولۇپ، ئۈچەينىڭ مىكرو ئېكولوگىيەسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەكسىچە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: يېمەكلىك تولۇقلاش دورىسى قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ياخشى

خاتا چۈشەنچە كۆرسەتكۈچى: 4 يۇلتۇز

يەشمە: ۋىتامىن Cنى مىسالغا ئالساق، بىر بوتۇلكىسى نەچچە يۈەنلىك ۋىتامىن C بىلەن بىر بوتۇلكىسى نەچچە يۈز يۈەنلىك ۋىتامىن Cنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبى ئوخشاش! ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋىتامىن تۈرىدىكىلەرنى ئەڭ ياخشىسى يېمەكلىك ئارقىلىق قوبۇل قىلىش، تولۇقلاش دورىسى يېمەسلىك كېرەك.

تۆتىنچى خاتا قاراش: يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قورۇما قورۇغاندا مەززىلىك بولىدۇ

خاتا چۈشەنچە كۆرسەتكۈچى: 4 يۇلتۇز

يەشمە: يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قورۇما قورۇغاندا ياغنىڭ ئىس چىقىرىش نۇقتىسىغا يېتىپ، ياغنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپلا قالماي، يەنە تويۇنمىغان ياغ، ئالكان ۋە بېنزول قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ. قورۇما قورۇغاندا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسا بولمايدۇ، تۆۋەن بولسىمۇ بولمايدۇ. قازاننى بەكرەك ق ىزىتىپ، ياغنى ئانچە قىزىتماي قورۇما قورۇغاندا، ئوزۇقلۇقنى ساقلاپ قالغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە يېمەكلىكنىڭ يېڭى تەمىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

بەشىنچى خاتا قاراش: جياڭيۇ ئىستېمال قىلغاندا ئادەمنىڭ تېرىسى قارىداپ كېتىدۇ

خاتا چۈشەنچە كۆرسەتكۈچى: 4 يۇلتۇز

يەشمە: جياڭيۇ دادۇر، بۇغداي قاتارلىقلارنى ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان سۇيۇق تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، سۇدىن باشقا، تەركىبىدە يەنە تۇز، قىسمەن ئامىنو كىسلاتاسى، شېكەر، ئورگانىك كىسلاتا قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار. جياڭيۇنىڭ قارا رەڭگىگە كەلسەك، جياڭيۇغا كۆيدۈرۈلگەن شېكەر قوشۇلغان، ھالبۇكى كۆيدۈرۈلگەن شېكەر رەڭگىدىن ئىبارەت بۇ خىل پىگمېنت تېرىدىكى قارا پىگمېنتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ.

ئالتىنچى خاتا قاراش: سۆڭەك شورپىسى ئىچسە كالتسىي تولۇقلايدۇ

خاتا چۈشەنچە كۆرسەتكۈچى: بەش يۇلتۇز

يەشمە: سۆڭەكتىكى كالتسىي كۆپىنچە ھىدروكىسىئاپاتىت شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، سۇدا ئاساسىي جەھەتتىن ئېرىمەيدۇ. شۇڭا، كالتسىي تولۇقلاشتا سۆڭەك شورپىسى ئەمەس، كالا سۈتى ئىچىش كېرەك.

يەتتىنچى خاتا قاراش: پۇرچاق سۈتىدىكى ئانىلىق ھورمون ئاسانلا سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

خاتا چۈشەنچە كۆرسەتكۈچى: بەش يۇلتۇز

يەشمە: پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك ئانىلىق ھورمون دادۇر ئىزوفلاۋونى بار، لېكىن دادۇر ئىزوفلاۋونىنى ئادەم بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمون بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ. كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئوتتۇراھال مىقداردىكى پۇرچاق ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلىش سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۇرچاق ياسالمىلىرىنى ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ بىر قىسىم ئاياللاردا سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپى ئەكسىچە %25 تۆۋەنلەيدىكەن.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125