قىش پەسلى كېلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى. چاڭغا تېيىلىش نۇرغۇنلىغان چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى ياخشى كۆرىدىغان قىشلىق تەنھەرىكەت پائالىيىتى. ئەمما چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۇزاق تۇرغاندا كۆز بىئارام بولۇش، ئېچىشىش، ياشاڭغۇراش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ، بەلكىم سىزدىكى «قار قارىغۇسى كېسىلى»نىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
قار قارىغۇسى كېسىلى دېگەن قانداق كېسەل؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس دوختۇرخانىسى كۆز بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، مۇدىر ۋىراچ ئابدۇراخمان داۋۇت دوختۇرنى زىيارەت قىلدى.
(بىر قىسىم سىن كۆرۈنۈشى شىزاڭ نوپۇس تەشۋىقات- تەربىيە مەركىزى دوۋيىن نومۇرى، بەيدۇ رەسىم ئامبىرى، دوۋيىن ماتېرىيال ئامبىرىدىن ئېلىندى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)