قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| بىر ئېغىز گەپ، بىر ئۆمۈرلۈك مۇھەببەت
12:03:25 2023-11-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ۋاڭ شيەنپىڭ

 شىركەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، مەن يەنە تىزىملاتتىم. سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەن قان تەقدىم قىلىش ئاپتوموبىلىدا يېڭىمنى تۈرۈپ ئولتۇردۇم، سېستىرا پىششىق ھالدا ئەسكەرتىپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ، يىڭنىنى سانجىدى. قېنىمنىڭ تومۇرۇمدىن ئاستا- ئاستا ئېقىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تۇنجى قېتىم قان تەقدىم قىلغان چاغدىكى ئەھۋالىم يادىمغا كەلدى.

 20 يىل بۇرۇنقى ۋاقىت، مەن ۋە ھەمراھلىرىم ياشلىق قىزغىنلىقىمىز بىلەن ھەربىي گازارمىغا ئاتلاندۇق. ئۇ چاغ باھار پەسلى بولۇپ، سېرىق رەڭلىك قىچا چېچەكلىرى خۇددى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان يىپەك لېنتىغا ئوخشاش سىچۇەن چۇڭجوۋنىڭ شەھەر ئەتراپى تۇپرىقىدا يېيىلىپ ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى، ئاشۇ گۈزەل، ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ. كۆپچىلىك مەشىقتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، تازىلىق قىلىش قاتارلىق ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتۇق. بىر قېتىم تۇرۇشلۇق جاي ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشقا ئۇيۇشتۇردى، ئەمما كۆپىنچىمىزنىڭ قان تەقدىم قىلىش كەچۈرمىشى بولمىغاچقا، تەمتىرەش بىلەن بىللە، سەل ئەنسىرىدۇق. ليەنجاڭ بىزنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، بىزگە: «كۈندە <قان تۆكسەك، تەر ئاققۇزساق مەيلىكى، ياش ئاققۇزمايمىز> دەپ توۋلايسىلەر، ئازراق قان تەقدىم قىلىدىغان ئىشقا قورقۇپ كېتىشتىڭما؟! سانسىزلىغان قەھرىمانلار قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن باش تارتمىغان يەردە، سىلەرنىڭ قان تەقدىم قىلغۇدەك جاسارىتىڭلارمۇ يوقمۇ؟ يەنە كېلىپ، تۇرۇشلۇق جاي بىزنىڭ ئىككىنچى يۇرتىمىز، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشقا قاتنىشىش تۇرۇشلۇق جايغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيدۇ!» دەپ تەلىم بەردى. ئارقىدىن ئۇ ۋە كونا ئەسكەرلەر باشلاپ بەردى، مەن ۋە سەپداشلىرىم چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بەس- بەستە قان تەقدىم قىلىش قوشۇنىغا قوشۇلدۇق.

 ليەنجاڭنىڭ سۆزى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى، دەل شۇ قېتىملىق قان تەقدىم قىلىش قەلبىمگە مېھىر- مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈردۈم. مەن ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىدارىگە كىرىپ خىزمەت قىلدىم، ھەر قېتىم ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتى بولسا ئاكتىپ قاتناشتىم. قان تەقدىم قىلىش جەريانىدا، مەن مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق بىلىملىرىنى چۈشەندىم، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈردۈم، ئاممىۋى پاراۋانلىقنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدىم، شۇنداقلا جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى دادىل ئۈستۈمگە ئېلىش روھىنى ھېس قىلدىم. ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ھەم ئۆزىنىڭ قېنىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ھەم باشقىلارنى خەتەردىن قۇتقۇزىدىكەن، باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ پايدىلىق تۇرسا، نېمىشقا تەقدىم قىلمايمىز؟

 ئىلگىرى ھەربىي گازارمىدا چېنىققان ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قانچە خەتەرلىك پەيتتە مەسئۇلىيەتنى شۇنچە زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك، مەيلى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن جاسارەت بىلەن ياردەم بېرىش بولسۇن ياكى يۇقۇم يامرىغاندا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش بولسۇن، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تۆھپە قوشۇپ ۋە چىن ھېسسىياتىمىزنى نامايان قىلىپ، سەمىمىيىتىمىز، ئىسسىق قېنىمىز بىلەن قېرىنداشلارنىڭ ھاياتىنى قوغدىدۇق. ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشقا قاتنىشىش مېنىڭ جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى بىر خىل ئۇسۇلۇم، ئۇ مېنىڭ ھايات مۇساپەمگە گۇۋاھ بولۇپ، كىشىلىك ھايات خاتىرەمگە سىڭىپ كەتتى.

 يەنە بىر باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان پەسىل. مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش نۇقتىسىغا كېلىپ، مۇھەببەتنىڭ زەيتۇن شېخىنى سۇنۇپ، «ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ»، ھاياتلىققا مەدەت بەردۇق.

 شۇ يىلى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان قىچا چېچەكلىرى مېنىڭ ياشلىق باھارىمنى ئۇرغۇتتى، شۇنداقلا مېھىر- مۇھەببىتىمنى ئوزۇقلاندۇردى. ئۇزاق كىشىلىك ھايات سەپىرىدە، مۇھەببەتنى ھەمراھ قىلسام، مەن تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرەلەيمەن.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرى مېڭيىن ناھىيەسى دوجۇاڭ بازىرى ساڭيۈەن كەنتى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125