كەلپىن ناھىيەسى: قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى ياخشى بېجىردى
22:55:55 2023-11-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ خاۋ

«مەكتەپتە ئاشخانا تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، بىز ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەر كۈنى چۈشتە بالىلارنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ غىزالاندۇرۇشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بۇ، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلارغا ناھايىتى قولايلىق ئېلىپ كەلدى» دېدى يېقىندا، كەلپىن ناھىيەسى خېشيې ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى دۇڭ شىنشىڭ خۇشال ھالدا.

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك تاماق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەلپىن ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلىپ، خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلار ھەم ئاتا- ئانىلاردىن تولۇق پىكىر- تەكلىپ ئېلىش ئاساسىدا، «مەكتەپ ئۆز ئالدىغا يۈرۈشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن غىزالىنىش، ئۆلچەم بويىچە ھەق تاپشۇرۇش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، مەكتەپ ئاشخانىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى ھەم ئاقىل مەكتەپ ئاشخانىسى چىراي تونۇتۇش سىستېمىسىنى كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غىزالىنىش تەسىراتىنى ئاشۇردى، ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ھەر ۋاقلىق غىزالىنىش ئىستېمال ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ تۇرالايدىغان بولدى.

كەلپىن ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «كىچىك ئاشخانا»سى «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر چوڭ مەسىلە»نى ھەل قىلدى، بۇ، كەلپىن ناھىيەسى يېقىندا رەتلەپ چىققان ھەم ھەل قىلغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ بىرى.

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئاممىنىڭ ساداسىنى بىرىنچى سىگنال قىلىشتا، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى تاللاش قىلىشتا، ئاممىنى رازى قىلىشنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇردى. ناھىيەنىڭ تۆت يۈرۈش بەنزە رەھبەرلىرى يېزا- كەنتلەردىكى 30 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقىلىشىش پونكىتىغا بېرىپ، 860 نەپەردىن ئارتۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، قىسمەن ئامما ۋەكىللىرى بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، 300دىن ئارتۇق پىكىر- تەكلىپ توپلىدى، رەتلەپ ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئون چوڭ تۈردىكى 27 جەھەتتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى يىغىنچاقلاپ چىقتى.

كەلپىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئېزىز مەمەت مۇنداق دېدى: «ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، يەنە باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت. بىز ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش، تېرىلغۇ يەر ئاز بولۇش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئون چوڭ تۈردىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتى لايىھەسىنى تۈزۈپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق».

خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان خىزمەتلەرنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەشتە ھەم ئىنچىكە، ئۇششاق نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشكە، ھەم ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، ئاممىنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. كەلپىن ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، يېزا- بازار، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىشقا تەشكىللەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى ئومۇميۈزلۈك تېپىپ چىقىپ، «كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ماھارەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەمئىي 1017 نەپەر ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قېزىپ چىقتى.

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسى زامانىۋى كەسىپ شۆيۈەنىنىڭ كەلپىنگە ماكانلاشقانلىقىدەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، كەنت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىن توققۇزنى تەسىس قىلىپ، «ئاساسىي تەربىيەلەشنى كەنت دەرىجىلىكتە، يېزا ئەمەلىي تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى يېزا- بازارلاردا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى ناھىيە دەرىجىلىكتە» يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تۈرگە ئايرىپ، قاتلامغا ئايرىپ تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، 5821 ئادەم قېتىم ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. «كەلپىن ناھىيەسى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىغا تايىنىپ توردا 39 تۈركۈم ئىش ئورنى ئېلان قىلىپ، تور سىرتىدا 30 نەچچە مەيدان قېتىم تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 295 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە 2100دىن ئارتۇق ئامما ئۈچۈن تەمىنلەش- ئېھتىياج سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى. شەھەر- بازارلاردىكى 835 ئادەمنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، 5684 ئادەم قېتىم يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى.

20گە يېقىن ناھىيە دەرىجىلىك كەسپىي مەدەنىيەت قوشۇنى ۋە 20دىن ئارتۇق يېزا- بازار ئاممىۋى مەدەنىيەت قوشۇنى بەرپا قىلىپ، 20 قاراردىن ئارتۇق سەنئەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش، «جۇڭچيۇنى كۈتۈۋېلىش، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش» يۈرۈشلۈك ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيەت لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇرۇش، «كەنت پارتىيە تەشكىلاتى + قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ» «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» «دۆلەت كارخانىسى + ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ، «قىرنى بۇزۇپ ئېتىزنى كېڭەيتىش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش... ئون چوڭ تۈردىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى رەتلەپ ھەل قىلىشقا قاتناشقان كەلپىن ناھىيەسىدىكى كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ يولۇققانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مەسىلە، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ كۆرگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى چارە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125