ساياھەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش
10:45:17 2023-11-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ساياھەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش

شىن شىجيەن

 باش قىش مەزگىلىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023- يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋە سۆھبەتلىشىش ھەمراھى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 400گە يېقىن ۋەكىل بىر يەرگە جەم بولۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تولۇق مۇھاكىمە قىلىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنى دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ بەرپا قىلىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، يەنە بىزنىڭ كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىمىزنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023- يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرىنىڭ ئۆلچىمى يۇقىرى، كۆلىمى چوڭ، مەزمۇنى مول بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە پايدىلىق. جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار يىغىن ئېچىپ مۇھاكىمە قىلىش، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى تەبىئىي مەنزىرە ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىدىن زوق ئېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى ھېس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاددىي- ساددىلىقى، ئاق كۆڭۈللۈكىنى ھېس قىلىپ، شىنجاڭغا بولغان قىزىقىشى، ھەۋىسى تېخىمۇ قوزغالدى، «شىنجاڭ ياخشى جاي ئىكەن» دېگەن تەسىراتمۇ تەبىئىيلا شەكىللىنىپ، ساياھەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلدى.

 «تۈمەن يول بويلىغان ھەيۋەتلىك شامال، ئۆتتى يۈمىنگۇەندىن ھالقىپ» دېگەندەك ھەيۋەتلىك كەيپىياتنى ھېس قىلىش، «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن تارىخىي ئەكس ساداغا قۇلاق سېلىش، «تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش» بولۇشتەك ئىتتىپاقلىق كەيپىياتىنى ھېس قىلىش، «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش» «غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش»تەك ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ھېس قىلىش... ساياھەتچىلىك شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان، گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، ھەر يەر- ھەر يەردىن كەلگەن كىشىلەرنى شىنجاڭنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىش، شىنجاڭنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا»، ساياھەتچىلىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ بېقىش، كۆرۈپ بېقىش، ئاڭلاپ بېقىشقا جەلپ قىلغاندىلا، ئاندىن پاكىت ئارقىلىق گۇماننى تۈگەتكىلى، خاتا چۈشەنچىنى تۈگەتكىلى، ھەقىقىي ئەھۋال ئارقىلىق بارلىق باشقىچە غەرەزدىكى بوھتان چاپلاش ۋە قارا چاپلاشلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

 خەلقئارالاشقان مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى، پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ساياھەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان پايدىلىق ئۇسۇل. جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى «جۇڭگو- چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى»دىن، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىغىچە، يەنە جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسىگىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر قاتار مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى، پائالىيەتلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماي، بەلكى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۇنيا بىلەن سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى. ئېچىۋېتىش تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى قوللىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023- يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىدەك بۇنداق خاسلىققا، تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان تېخىمۇ كۆپ بايرام، پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەندىلا، ئوچۇق- سىغدۇرۇشچان بولغان، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، ھەر كىم ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىدىغان، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان تېخىمۇ كۆپ قالتىس ھېكايىلەرنى يېزىپ چىققىلى بولىدۇ.

 مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىشىدۇ، مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ. ساياھەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش دەرۋازىسىنى يەنىمۇ كەڭ ئېچىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى. بىز غۇلىچىمىزنى كەڭ كېرىپ، باغرىمىزنى كەڭ ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ تاغ- دەريا، داڭلىق مەنزىرىلەر، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جۇڭگو- چەت ئەل مەدەنىيەت- سەنئەت ئالماشتۇرۇشىدىكى «مېھمان كۈتۈش زالى»غا، غەربكە ئېچىۋېتىش ۋە دوستانە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى»گە ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ گۈزەل نامىنى ھەممە يەرگە تارقىتايلى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125