ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىدا تاپشۇرغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى يېڭى خىزمەت ئورنىغا يۆتكەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كەسىپ بولسىلا، مەيلى قەيەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى شۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ يۆتكىگىلى بولىدۇ.
يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، سىز تاپشۇرغان ھەر بىر بۆلەك ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى بىرلەشتۈرسىڭىز بولىدۇ، پىنسىيەگە چىققاندا، ياشانغاندا ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى بىر تىيىنمۇ كەم بولمايدۇ.
بۇ ئەھۋاللاردا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ
ئۆلكە ئاتلاپ ياكى تۈزۈم ھالقىپ يۆتكەلگەندە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ.
مەسىلەن، بېيجىڭدىكى شىركەتتىن شاڭخەيدىكى شىركەتكە يۆتكىلىش ئۆلكە ئاتلاپ يۆتكىلىشكە تەۋە بولۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەگەر ئىلگىرى يېزىدا دېھقانچىلىق قىلىپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، كېيىن كارخانىغا تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىگەن، يەنە شەھەر- بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، بۇ تۈزۈم ھالقىپ يۆتكىلىش بولۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەگەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىشقا باشلىغان بولسا، مەيلى قانداق ئەھۋال بولسۇن، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكىمىسىمۇ بولىدۇ.
ئۆلكە ئىچىدە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، يۆتكىمىسىمۇ بولامدۇ؟
ئەھۋالغا قارايمىز!
كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ئۆلكە ئىچىدە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكىشى ھاجەتسىز.
نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەر كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش غەملەشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۆلكە ئىچىدە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش ھاجەتسىز، پەقەت تىزىملاشنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرسىلا بولىدۇ.
ئەگەر ئۆلكە ئىچىدىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ئارىسىدا ياكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلار ئارىسىدا يۆتكەلسە، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ.
قانداق بېجىرىدۇ؟ چوقۇم ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا بېرىش كېرەكمۇ؟
بىۋاستە يېڭى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلسىلا بولىدۇ.
توردا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسىمۇ بولىدۇ.
دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمىتى سۇپىسى (http://si.12333.gov.cn)غا چىقىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
«ئالىقاندىكى 12333» APPسى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ۋە كىچىك پىروگراممىلارمۇ يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىلتىماسنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش، يۆتكەش سۈرئىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ناھايىتى قولايلىق.
ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشتە ياش چەكلىمىسى بارمۇ؟
سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئېلىشتىن بۇرۇن، شەھەر- بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىچىدە مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ.
شەھەر- بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈزۈمنى جىپسىلاشتۇرۇشنى بېجىرىشكە ئېھتىياجلىق خادىملار شەھەر- بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئېلىشتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقاندىن كېيىن، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئېلىشتىن بۇرۇن تۈزۈمنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى بارمۇ؟
بەلگىلىمە بويىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئېلىشتىن بۇرۇن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشتە ۋاقىت چەكلىمىسى يوق، ھازىر بېجىرسىمۇ ياكى تەمىنات ئېلىشتىن بۇرۇن بېجىرسىمۇ بولىدۇ.
ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشنىڭ قېتىم سانى چەكلىمىسى بارمۇ؟
دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئېلىشتىن بۇرۇن، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشنىڭ قېتىم سانىغا چەك قويۇلمايدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)