شەندۇڭ ئۆلكىسى بىنجوۋ شەھىرى بوشىڭ ناھىيەسى «زەنجىرنى بويلاپ يىغىلىپ، ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش»تەك كەسىپ تەشكىلىي ئىدىيەسىگە ئاساسەن، پۈتۈن «زەنجىرنى كۈچەيتىش»، يۇقىرى دەرىجىلىك «زەنجىرنى تولۇقلاش»، ساھە ھالقىغان «زەنجىرنى ئۇزارتىش»نى تېزلىتىپ، «زەنجىردە كۈچ چىقىرىش» ئارقىلىق ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ «پەينى چىڭىتىپ، ئۇستىخاننى ساغلاملاشتۇرۇش»ىغا كۈچ قوشتى. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق بوشىڭ ناھىيەسى ئاشلىق- ياغ ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش، مېتال تاختا ماتېرىيال، سودا ئاشخانا سايمانلىرى، نېفىت خىمىيە سانائىتى قاتارلىق يېتەكچى كەسىپلەرنى يېتىشتۈردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، بوشىڭ ناھىيەسىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 119 مىليارد 826 مىليون يۈەنگە يەتتى.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شەندۇڭ شياڭچى جيەنيۈەن بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى سەييارە تەكشۈرمەكتە.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شەندۇڭ شياڭچى ئاشلىق- ياغ چەكلىك شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىملار يېمەكلىك يېغى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە نۆۋەتچىلىك قىلماقتا.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شەندۇڭ شياڭچى جيەنيۈەن بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى سەييارە تەكشۈرمەكتە.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شەندۇڭ شىنمېيدا پەن- تېخنىكا ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار سىنك يالىتىلغان تاختا ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسىدە ئىشلىمەكتە.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شەندۇڭ شياڭچى جيەنيۈەن بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، تەجرىبىخانا خادىمى تەكشۈرۈپ ئۆلچىمەكتە.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شەندۇڭ شىنمېيدا پەن- تېخنىكا ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىدە، ئىشىچى سىنك يالىتىلغان تاختا ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسىدە ئىشلىمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گو شۈلېي فوتوسى ۋە خەۋىرى)
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)