ئالاقىدار تارماق كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
نېمە ئۈچۈن داچىنى كېڭەيتىپ سېلىۋالىدۇ؟ مۇخبىر بۇ ئولتۇراق رايوندىكى داچىنى كېڭەيتىپ سېلىۋالغان ئىككى مۈلۈك ئىگىسى بىلەن ئالاقىلەشتى، بىر مۈلۈك ئىگىسى مۇخبىرغا، كېڭەيتىپ سالغاندىن كېيىن ئۆينىڭ تېخىمۇ كەڭ بولىدىغانلىقىنى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى، سىرتقى كۆرۈنۈشىنىڭمۇ ئەسلىدىكىدىن چىرايلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە بىر مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئېيتىشىچە، باشقا مۈلۈك ئىگىلىرى ئۆيلىرىنى كېڭەيتىپ سېلىۋاتقاندا، ئۇ ئولتۇراق رايون خوجىلىقى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىپ ئۇلارنى توسمىغانلىقىنى، بەزى مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۆيلىرىنى كېڭەيتىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ باشقىلارنى دوراپ ئۆيىنى كېڭەيتىپ سېلىۋالغانىكەن.
ئولتۇراق رايوندىكى بىر مۈلۈك ئىگىسىنىڭ قارىشىچە، مۈلۈك ئىگىسى ئىككى- ئۈچ قەۋەتلىك ئۆي كېڭەيتىپ سېلىۋاتقاندا، چوڭ تىپتىكى ماشىنىنىڭ ئولتۇراق رايونغا كىرىپ قۇرۇلۇش قىلىشىغا توغرا كەلگەن، ئولتۇراق رايوندىكى خوجىلىق خادىملىرى گەپ سورىغان بولسىمۇ، لېكىن ماشىنىنىڭ كىرىشىنى ھەم قۇرۇلۇش قىلىشىنى توسمىغان، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىمۇ ئولتۇراق رايونغا دائىم بېرىپ سەييارە تەكشۈرمىگەن ھەم بايقىغاندىن كېيىنمۇ ۋاقتىدا توسمىغان، چېقىۋەتمىگەن، نەتىجىدە، ئولتۇراق رايوندىكى باشقا مۈلۈك ئىگىلىرى بۇنى دوراپ ئۆيلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ سېلىۋالغان.
مۇخبىر ئارقىدىنلا شىنجاڭ يىلۇڭ خوجىلىق مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى يىلۇڭ بەنداۋ خوجىلىق بۆلۈمىگە كەلدى، بىر مەسئۇل خادىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خوجىلىق خادىملىرىمىز چوڭ تىپتىكى ماشىنا ئولتۇراق رايونغا كىرگەندە، تەپسىلىي سۈرۈشتۈرىدۇ، لېكىن مۈلۈك ئىگىلىرى ماشىنىنى ئەكىرىپ ئۆيۈمنى بېزىتىمەن، دېگەننى باھانە قىلىپ، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ماشىنىنى ئولتۇراق رايونغا ئەكىرىدۇ، ئەگەر كىرگىلى قويمىسا، خوجىلىق خادىملىرىمىز بىلەن ئۇرۇشىدۇ. «بىزمۇ ئولتۇراق رايوننى دائىم سەييارە تەكشۈرۈپ تۇرىمىز، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى كېڭەيتىپ سېلىۋالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىپ توستۇق ھەم تەۋەلىكتىكى مەھەللە ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلدۇق. خوجىلىق شىركىتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم مۈلۈك ئىگىلىرى سەييارە تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ھەپتە ئاخىرى ياكى كەچتە تېز- تېز كېڭەيتىپ سالغاچقا، خىزمىتىمىزگە قىيىنچىلىق تۇغدۇردى.»
ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدىكى يىلۇڭ بەنداۋ ئولتۇراق رايونىدا، بىر ئائىلە داچا رايونىغا كارىدورىنى كېڭەيتىپ سېلىۋالغان. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى دىباڭ كوچا باشقارمىسى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىندا، بىز بۇ ئولتۇراق رايوندىكى بىر مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئۆيىنى كېڭەيتىپ ئۈچ قەۋەتلىك بىنا سېلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئولتۇراق رايونغا بېرىپ ئۇنىڭغا چەكلىك مۇددەت ئىچىدە چېقىۋېتىش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈردۇق، لېكىن مۈلۈك ئىگىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆيىنى چېقىۋەتمىدى. «بىز بۇ ئەھۋالنى رەھبەرلەرگە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلارغا دوكلات قىلدۇق، يېقىندا كېڭەيتىپ سېلىۋالغان ئۆيلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز.» بۇ خىزمەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 7- ئايدا، ئۇلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، مەھەللە قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، بۇ ئولتۇراق رايوندىكى ئوندىن ئارتۇق مۈلۈك ئىگىسىنىڭ كېڭەيتىپ سېلىۋالغان ئۆيىنى چاققۇزۇۋەتكەن ئىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدىكى يىلۇڭ بەنداۋ ئولتۇراق رايونىدا، بىر ئائىلە داچا ھويلىسى ئىچىدە كارىدورىنى كېڭەيتىپ سېلىۋالغان. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى دىباڭ كوچا باشقارمىسىنىڭ بىر مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز خىزمەتچىلەرنى بۇ ئولتۇراق رايونغا بېرىپ مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى كېڭەيتىپ سېلىۋالغان ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرىمىز ھەم كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئۆيلەرنى چاققۇزۇۋېتىمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)