قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| مېنىڭ ئارزۇيۇم
18:16:27 2023-12-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شيې جىجۈن 

 ‎مەن نۇرغۇن نازۇنېمەتكە ئېغىز تېگىپ باققان، مەيلى تاغ- ئورمانلاردىن چىقىدىغان  ياكى دېڭىز- ئوكيانلاردىن چىقىدىغان نازۇنېمەتلەر بولسۇن، ھەممىسىدىن ئاز- تولا خەۋىرىم بار. لېكىن مېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىم بالىلىق چاغلىرىمدىكى تاشئالما دەرىخى ئاستىدىكى بىر قاچا دۇفۇ قېتىقى، مومام ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن دۇفۇ قېتىقى ئىدى. 

 سەھەردە، يۇرتۇمدىكى كارىۋىتىمدىن ئويغاندىم. ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە شۇ قەدەر تونۇش ئىدى. ئىللىق قۇياش نۇرى پولغا چۈشۈپ تۇراتتى. كارىۋىتىمنىڭ يېنىدىكى دەرىزە سىرتىدا تاشئالما سۇس ھالرەڭ، ياپيېشىل رەڭلەردە جۇلالىق چېچەكلەپ كەتكەنىدى. بۇلار باھارنىڭ چۈشلىرى ئىدى. خۇددى زېرەكچاقلاردەك، نېمىشقىدۇر بۇلارغا ئىشىنەلمەي قېلىۋاتاتتىم. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ، ئايىغىمنىڭ قونچىغا دەسسىگىنىمچە ئاشخانىغا قاراپ يۈگۈردۈم. ئىشىكنى ئېچىۋىدىم، ئاپئاق دۇفۇ قېتىقىنىڭ سۇس خۇش پۇرىقى بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. 

 ئاشخانىدا ھور لەيلەپ تۇراتتى، مومام بىر بۇلۇڭدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، مەن ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم. ئۇ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «ياۋئېر ئويغىنىپسەن- دە، يەنە ئازراق ساقلاپ تۇر، بىز بازارغا بېرىپ دۇفۇ قېتىقى ساتايلى- ھە» دېدى. مەن ھاڭۋېقىپ قالدىم، توغرا، مەن دائىم مومام بىلەن بازارغا بېرىپ دۇفۇ قېتىقى ساتاتتىم. مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم، «ھەي، نېمىشقا يەنە ئايىغىڭنى ياخشى كىيمىدىڭ، مەن ساڭا نەچچە قېتىم دېدىم، تېز ئايىغىڭنىڭ قونچىنى كۆتىرىۋال!» دېدى مومام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ. مەن دەرھال ئېڭىشىپ ئايىغىمنىڭ قونچىنى سېپىپ مومامنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەتتىم، قەلبىمدە بىر خىل ئىللىقلىق پەيدا بولدى. 

 بازارغا بېرىش يولىدا، مومام ئالدىدا ئۈچ چاقلىق ھارۋىنىڭ تەپكىسىنى تېپەتتى، مەن كەينىدىن ئىتتىرەتتىم، مەن ئانچە كۈچىمىدىم، پەقەت بۇ ماڭا ئويۇن بىلىنەتتى. سەھەردىكى ئىللىق قۇياش نۇرى پۈتۈن كەنتنى قاپلىغانىدى، بازاردا ئادەم ئاز بولسىمۇ، لېكىن ھەممە يەر تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغانىدى. قوتۇرماچ ساتىدىغانلار، چوكىلىق قەندالەت ساتىدىغانلار يۇقىرى ئاۋازدا توۋلايتتى، ئەمدىلا كەلگەن يايمىچىلار ئالدىرىماي يايما ئېچىۋاتاتتى، ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى كەنتتىن ئىس- تۈتەك كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى، مومامنىڭ تۇرۇپ- تۇرۇپ كوتۇلداشلىرى ۋە قۇشلارنىڭ ئۈزۈپ- ئۈزۈپ سايراشلىرى كىشىنى چەكسىز خاتىرجەم قىلاتتى.

  نېمىشقىكىن، كەچقۇرۇن كۈننىڭ پېتىشىغا ئاز قالغان بولسىمۇ، مومامنىڭ يايما ئورنى يېنىدىكى تاشئالما ئالتۇن نۇر چېچىپ تۇراتتى. بۇ چاغدا كوچىدا ئادەم يەنىلا ئاز ئەمەس ئىدى، مومامنىڭ يايمىسىغا كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، مومام چاققانلىق بىلەن دۇفۇ قېتىقى ياساپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ھەر بىر مېھمانغا سۇناتتى، ئۇنىڭ قاۋۇل ھەم ئالدىراش سىيماسى كۆز ئالدىمدا نامايان ئىدى. ئارىلىقتا ئۇ پۈتۈن زېھنىم بىلەن قېتىپ قالغان ماڭا قاراپ قويۇپ، ماڭا بىر چىنە دۇفۇ قېتىقى ئەكىلىپ بېرىپ، بېشىمنى يېنىك سىلاپ قويۇپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئالدىراشلىقنىڭ  قوينىغا كىرىپ كەتتى.

  مەن ئېسىمنى يىغىپ، چىنىدىكى قاردەك ئاپئاق دۇفۇ قېتىقىنىڭ يۈزىنى زىننەتلەپ تۇرغان ياپيېشىل، يۇمران سۇڭپىيازلارغا قارىدىم، رەڭلىرىنىڭ كېلىشىپ كەتكەنلىكى، پۇرىقىنىڭ مەززىلىكلىكىدىن كىشى تىنالماي قالاتتى. قاردەك ئاپئاق دۇفۇ قېتىقىغا قارىغىنىمچە بىر تىنىقتىلا ئىچىۋەتتىم، پۇرچاق قېتىقى گېلىمدىن ئاشقازىنىمغىچە قىزىتىپ چۈشۈپ كەتتى، كۈنجۈت بىلەن بىر قوشۇق لازا مېيىنىمۇ بىر تىنىقتىلا ئىچىۋەتتىم، پەقەت روھىم كۆتۈرۈلۈپ، تەرلىرىم كىيىملىرىمنى ھۆل قىلىۋەتكەندەك ھېس قىلدىم، مەن ئىختىيارسىز كۆزۈمنى يۇمدۇم، پەقەت چىشىم بىلەن كالپۇكۇم ئارىسىدا خۇشبۇي تەمى قالغاندەك ھېس قىلدىم. سىزگە قانداق تەسۋىرلەپ بەرسەم بولار، مەن پەقەت تاشئالما يېنىدىكى ئالدىراش يايمىلار قەلبىمدە مەڭگۈ ساقلانسا، دەپ ئويلايمەن.

  چۈشتىن ئويغاندىم، شۇنداق موما، مەن بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بىلىشىم كېرەك ئىدى. سىزنىڭچە، مېنىڭ ئارزۇيۇم قاچان ئەمەلگە ئاشار، مەن پەقەت تاشئالما پورەكلەپ ئېچىلغان ئەتىگەندە سىز بىلەن بىللە بازارغا بېرىپ ئالدىراشلىق ئىچىگە كىرىپ كېتىشنى ئويلايمەن، مېنىڭ ئارزۇيۇم پەقەت شۇلا، زادى قاچان ئەمەلگە ئاشار؟ 

 مېنىڭچە، بۈگۈن كېچىدىكى تاشئالما يەنىلا چۈشۈمدە پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

  (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ پەن- تېخنىكا شەھەرچىسى چەت ئەل تىلى مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125