ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر خوۋ ياجيې)
ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش تەس، پۇل خەجلەپ ۋاكالىتەن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىشكە ئادەم ئىزدەيدىغانلارمۇ بولىدىكەن- ھە؟ يېقىندا، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق بىر دېلوغا قاراپ چىقتى.
دېلو ئەھۋالى
2022- يىلى 4- ئايدا، ئا x باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن دېڭ x بىلەن تونۇشقان، ئۇ، ئا xنىڭ B2 ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش ئۈچۈن قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا تېزلا: «مەن سىزگە ياردەم قىلىپ سىرتتىن ئادەم تېپىپ ۋاكالىتەن ئۆگىنىشكە تىزىملىتىپ، ئالتە ئايدىلا كىنىشكىڭىزنى ئېلىپ بېرىمەن» دەپ تەكلىپ بەرگەن.
ئا x ھەيدەش كىنىشكىسىنى بالدۇرراق ئېلىش ئۈچۈن، دېڭ x نىڭ ھېساباتىغا 16 مىڭ يۈەن تەربىيەلەش ھەققى يۆتكەپ بەرگەن، كېيىن يەنە دېڭ xنىڭ تەلىپى بويىچە ھېساباتىغا يەنە بىر قېتىم پۇل يۆتكەپ بەرگەن، ئىككى قېتىمدا ھېساباتىغا جەمئىي 19 مىڭ يۈەن يۆتكەپ بەرگەن.
دېڭ x پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، ئىشنى ئارقىغا سۆرەپ بېجىرمىگەن، ئا x ھەر قېتىم ئىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سورىغاندا، دېڭ x شوپۇرلۇق مەكتىپىگە تېخى تىزىملىتالمىغانلىقىنى ئېيتقان.
دېڭ x ئا x كە: «خاتىرجەم بولۇڭ، ئەگەر ئىش پۈتمىسە، پۇلنى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن. لېكىن ئا x كۆپ قېتىم پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، دېڭ x پۇلنى قايتۇرمىغان. بۇ يىل 3- ئايدا، ئا x ئۈرۈمچى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، دېڭ xتىن 19 مىڭ يۈەن تەربىيەلەش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
قانۇننى چۈشەندۈرۈش
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 153- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 157- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز بولمىغان، كۈچتىن قالدۇرۇلغان ياكى كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەرىكەت ئىگىسى شۇ ھەرىكەت بىلەن ئىگە بولغان مال- مۈلۈكنى قايتۇرۇشى كېرەك؛ قايتۇرغىلى بولمىسا ياكى قايتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولمىسا، باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلەپ بېرىشى كېرەك. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ شۇ سەۋەبتىن تارتقان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك؛ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىدە خاتالىق بولسا، ھەرقايسىسى ئۆزىگە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
بۇ دېلودا ئا x دېڭ xكە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ۋاكالىتەن ئىمتىھان بېرىپ ئېلىشقا ئادەم تېپىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان، ئۇنىڭ ھاۋالە قىلغان ئىشى ھەيدەش كىنىشكىسى ئالماقچى بولغانلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش توغرىسىدىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، كۈچكە ئىگە ئەمەس ھەق تەلەپ ھەرىكىتىگە كىرىدۇ. شۇڭا، دېڭ x چوقۇم 19 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تەربىيەلەش ھەققىنى ئا xكە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى ئا xنىڭ دەۋا تەلىپىنى قوللاش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. نۆۋەتتە، بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە.
سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى
ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنىڭ ئاسان يولى يوق، ئاۋارىچىلىكتىن قورقۇپ باشقىلارنىڭ ۋەدىسىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك، پۇل خەجلەپ ھەيدەش كىنىشكىسى سېتىۋېلىش، ھەيدەش كىنىشكىسىنى ۋاكالىتەن ئىمتىھان بېرىپ ئېلىشقا ئادەم تېپىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، ھەرگىز خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىق، قانۇن بىلەن ئويناشماسلىق كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)