ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ساغلام پىسخىكىغا ئىگە بولۇشتىن باشلىنىدۇ
18:22:01 2023-11-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

فىزىيولوگىيەلىك مېخانىزمنىڭ چېكىنىشى ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئەگىشىپ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ياشانغانلار توپىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى، تۇرۇۋاتقان مۇھىتى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، پىسخىكىسىدا بەلگىلىك پەرق پەيدا بولىدۇ. ياشانغانلاردا ئازدۇر- كۆپتۇر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەر، مەسىلەن، خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش، يالغۇزلۇقنى خالاش، ياردەمسىز قېلىش، سەزگۈر، گۇمانخور بولۇش، ئۆز بىلگىنىنى قىلىش، جاھىللىشىپ كېتىش قاتارلىقلار بولىدۇ. ياشانغانلاردا پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن بىز مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ ياشانغانلارنىڭ پىسخىك بېسىمىنى ئازايتساق بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى ساقلاشتا، ئىشنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن باشلاش كېرەك.

1. يېڭى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش

ياشانغانلارنىڭ ۋاقتىنى بېيىتىپ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى بوش ۋاقتىنى تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنى يېڭى دوست تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ياشانغانلار يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ، چوڭ مېڭىسىنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىلىپلا قالماي، يەنە تەنھالىق تۇيغۇسى ۋە چۈشكۈنلۈك تۇيغۇسى پەسىيىپ، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايدۇ.

2. قىزىقىش، ھەۋىسىنى پائال يېتىلدۈرۈش

ياشانغانلار «قىلىدىغان ئىشى بولۇش» ئاساسىدا يېتەرلىك ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىشى ۋە تولۇقلىشى كېرەك، مەسىلەن، خەتتاتلىق، رەسىم سىزىش، بېلىق تۇتۇش، كىتاب ئوقۇش، ساياھەت قىلىش ياكى مەھەللە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش قاتارلىق پائالىيەت ئۇسۇللىرى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق.

3. ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاش

ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەت ياشانغانلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى رولىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، ئەسلىدىكى ئالدىراش خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ئورنىنى ھېچ ئىش قىلماي بىكار يۈرۈش ئېلىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ياشانغانلار روھىي ھالەتنى ئاكتىپ تەڭشەپ، ئۈمىدۋار، ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن يېڭى رولغا ماسلىشىپ، مەسىلىلەرگە ئاكتىپ نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۈزلىنىشى، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە ئىگە قىلىشى، خۇشاللىق ۋە بەخت ئىزدىشى، ئۆزىنىڭ قىممەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

4. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى بەرپا قىلىش

ياشانغانلار ۋاقتىدا دەم ئېلىش، ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، يېمەك- ئىچمىكى تەرتىپلىك، ئوزۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇشى؛ پات- پات يۇيۇنۇشى، پات- پات كىيىم ئالماشتۇرۇشى؛ مۇۋاپىق تەنتەربىيە چېنىقىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دالا پائالىيىتىنى كۆپرەك قىلىپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

5. كۆپرەك ھەمراھ بولۇش ۋە غەمخورلۇق قىلىش

ياشانغانلارمۇ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشىگە موھتاج، دائىم ئۆيگە قايتىپ يوقلاپ تۇرۇش ئەڭ ياخشى دورا. كېيىنكى ئەۋلاد بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ياشانغانلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپلا قالماي، روھىي جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىشىمىز، يەنە ياشانغانلارنىڭ كوتۇلداش، جاھىللىق قاتارلىق كەيپىياتىغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، ياشانغانلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلىيالايمىز.

6. ياشانغانلارنىڭ قەلب ساداسىنى كۆپرەك ئاڭلاش

ياشانغانلارنىڭ قەلبى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا، كۆيۈنۈشكە موھتاج. ئائىلە ئەزالىرى ياشانغانلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا ھېسسىيات جەھەتتىن ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ياشانغانلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئاڭلاپ، سەمىمىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك؛ ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلاررنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلاردىن ھۇزۇرلىنىپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ياشانغانلارغا ھۆرمەتلىنىش ۋە غەمخورلۇققا ئېرىشىشنى ھېس قىلدۇرۇشى ھەم ياشانغانلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم بېرىپ، ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك.

7. داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ياردەم سوراش

ئائىلە ئەزالىرى ياشانغانلارنىڭ پىسخىك ئەھۋالىغا دائىم كۆڭۈل بۆلۈشى، ئەگەر ياشانغانلاردا تۇيۇقسىزلا كەيپىياتى سۇسلىشىش، ئىشلارنى ھەمىشە ئۈمىدسىزلىك نۇقتىسىدىن ئويلاش، سەزگۈر، گۇمانخور بولۇش قاتارلىق پىسخىك مەسىلىلەر كۆرۈلگەندە، كەسپىي داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن پائال ياردەم سوراپ، ۋاقتىدا ئارىلىشىپ، يېتەكلەپ، ياشانغانلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125